يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1892 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 334|ئىنكاس: 9

ھاراقكەشنىڭ زارى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
941 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
0
يازما
1650
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى 09:37:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ھاراقكەشنىڭ  زارى  


يانچۇقىمىز توم چاغدا قاترىمىدۇق قاۋاققا ،
قارىغىلى نۆۋەت يوق پىجۇ دىگەن ئاۋاققا .
ئىچكەنسىرى مەرتلىشىپ سىنىڭ-مىنىڭ دىمىدۇق،
سىڭمەي قالسا تارتىنماي ياندۇرىمىز تاۋاققا.

داستىخاندا گۆش كاۋاپ،تەخسىلەردە سەي تۇرسا،
قاشتېشىدەك شىشىدە جۇلالىنىپ مەي تۇرسا .
بىزنىڭ سەپكە قېتىلغان كىمنىڭ كۆڭلى ئېچىلماس،
بۇلبۇلغا جۈر ناخشىچى دۇتار،راۋاپ،نەي تۇرسا .

نۆۋەتلىشىپ ھەر كۈنى رىستۇراننى بولايمىز،
چاقچاق بىلەن ئىچىشىپ تۈننى تاڭغا ئۇلايمىز.
بىر كۈن قالساق ئىچىكسىز،پۇت-قۇلىمىز تىتىرەپ،
نەدە سورۇن باركىن دەپ ئۆي-ئۆيلەرنى پۇرايمىز.

قەرز ئاشتى ئونمىڭدىن ئىشلىگۈمىز كەلمەيدۇ،
خۇتۇن ئىشلەپ تاپقان پۇل بىر قېتىمغا يەتمەيدۇ.
بالىلار قالسا ئاچ زىرىن،چوڭ ئۆيلەرگە ھەيدىدۇق،
تاپا-تەنە،يىغا-زار بېشىمىزدىن كەتمەيدۇ .

خۇددى ئاشىق-مەشۇقتەك ھاراققىلا كۈيۈشتۇق،
كۈڭۈل ئىزھار قىلىشىپ مەڭىزلەرگە سۈيۈشتۇق .
ئۈتۈپ كەتسە بىر رومكا ، سەت ئالىيىپ ساقىغا،
قىلغان ئەھدە پەيماننى چۆرۈپ تاشلاپ ئۇرۇشتۇق.

مىنىڭ بېشىم ئېتىلدى،ئۇنىڭ يۈزى كۈكەردى ،
بىرنىڭ پۇتى سۇنۇپتۇ ،زەمبىل بىلەن كۈتەردى .
ئەركەك دىگەن سىلەردەك بولسا لەنەت دىيىشىپ ،
يولدىن ئۆتكەن كەچكەنلەر نەپرەت بىلەن تۈكەردى.

كىچىلىرى تەمتىرەپ ماڭار يولنى تاپالماي ،
يېتىپتىمىز ئېرىقنى ئاكۇپ قىلىپ قۇپالماي .
چاپاق باسقان كۆزلەرنى تەستە يىرتىپ ئاچقاندا،
كۈن چۈشۈپتۇ باشلارغا تاپتۇق ئۆينى ئۇيالماي.

خۇتۇن دىگەن زومىگەر ئېسىلىدۇ ياقامغا ،
ئۇن،ياغ،چاي،نان تۈگىدى نىمە بىرىمەن بالاڭغا.
ئىسىت سەندەك نائەھلى ھاراقكەشكە تەككۈچە،
سامان بولسام بولمامدۇ ئېغىلدىكى كالاڭغا .

ئۇرغىچىلىك خۇتۇننى ماغدۇرمۇ يوق قۇلۇمدا ،
تۇرغىدەكمۇ ماجال يوق لاكاسلىغان پۇتۇمدا .
خەپلا دىدىم چاڭگاللاپ ساقال باسقان يۈزۈمنى ،
كۆرپە قاتتىق بىلىنىپ چاقتىم تازا قۇڭۇمدا .

پۇشايماننىڭ قاچىسى تۇشىدىكەن بىر كۈنى ،
دىيىشكەندەك ھەممىنىڭ كىتىپ قاپتۇ خۇتۇنى .
بىر كىچىدە ھەممىمىز ئايلىنىپتۇق بويتاققا ،
ئۆيگە كىرسەم ھۇشقىرتار يالغۇزلۇقنىڭ قۇيۇنى .

نەچچە بېرىپ يالۋۇردۇم خۇتۇن ئۆيگە كەلمىدى ،
قىلغان ۋەدە قەسىمىڭ ئاغزىڭدىكى يەلمىدى .
ئالدى ئاخىر خېتىنى تەنھا قالدىم ھۇقۇشتەك،
نادامەتتە ئىڭرىسام كۆزگە ياشمۇ كەلمىدى .

پۇل بولمىسا تۇنماسقا سالىدىكەن ئۈلپەتمۇ ،
قېرىشقاندەك ماڭىلا چاپلىشۋالدى كۈلپەتمۇ .
ئۈلپەت تۈگۈل باللىرىم كۆرسە دەرھال قاچىدۇ،
قايتا نىسىپ بولمىدى بىكار ھاراق ئامەتمۇ .

ئۆيمۇ كەتتى قەرزگە قالدىم سالتاڭ ماكانسىز،
ئەخلەت تىرىپ جان باقتىم قۇساق ئاچسا ئامالسىز.
پۇشايمانغا قاچا يوق يالۋۇرىمەن خۇداغا ،
ئىت جېنىمنى ئالمىدى نىدالىرىم جاۋاپسىز.


مەنبە ئۈزۈم


Rank: 2

توردا
772 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
2050
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى 11:18:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زابويلار   مۇنبەرگە كىرىپ بۇنداق  تىمىلارنى   كۆرمەيدۇ   ئەپسۇس

ھەقىقىي بايلىق سىرتىڭىزدا تۇرۇۋاتقان ماددى نەرسىلەر ئەمەس، ۋۇجۇدىڭىزدا تۇرۇۋاتقان يۇشۇرۇن قابىليەت

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
1411 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
3521

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى 15:01:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ بوۋاي بۇ نەرسىدە يوق بولغاچ مەستنىڭ قانداقلىغىنى بىلمەيدىكەنمەن
ئىشقىلىپ بۇ ھاراق دېگەن نەرسە بوتۇلكىدا جىم تۇرغان بىلەن قوساقتا جىم تۇرمايدىغان نەرسىكەنغۇ، مەستلىك پەسلىك دەپ ھەر ئىشلارنى قىلغان، خۇدايىم ھەر بەندىسىگە ئىنساپ ئاتا قىلغاي!

مۇنبەرنىڭ يېڭى توپ نومۇرى 241987568

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
260 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 9-ئاينىڭ 12-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى
نادىر
0
يازما
919

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى 18:18:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ مېنىڭ 3 - ئاچامنىڭ يولدىشى ئىدارىسدا ئولتۇرۇش بولسا ئاز پاز ئىچىپ قويدىكەن
ئاچامنىڭ 5 ياشلىق ئوغلى ئانام بىلەن تېلېۋېزور كۆرۈپ ئولتۇرۇپ مەس چىقسا  مەس دېگەن ساراڭ بولىدىكەن ھە چوڭ ئانوي  ساراڭ دادام دېگەن مەس كېلىپ دېرىزىنىڭ ئەينىكى چىقىۋەتتى دىمەسما ````
ئىككىنچى ئاچامنىڭ ئوغلىمۇ   ئاچامنىڭ يولدىشى ماشىنا ھەيدەپ ماڭغان ئانام مەن ئاكاملا بارتى  تازا يۆتۈلۈپ كىتىپ  ھەجەپ يۆتىلىپ كەتتا بۇ دېسە   دادام تاماكا چەكسلا يۆتۈلۈپ كىتىمەن مۇشۇنداق بەك دەپ كىرىدىغان يەر تاپالماي قالغان ئۇ ئاكامىز    كىچىك بالىلارنىڭ ئالدىدا مۇشۇنداق ئىش قىلساڭلار مۇشۇنداق ئىش چىقىدۇ

ھاياتلىق - زىددىيەت ، كېلىشمەسلىك ، شادلىق ۋە قايغۇلارنىڭ مۇجەسسىمىدۇر !!!

Rank: 1

توردا
565 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
0
يازما
734
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى 18:59:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خوپ بولدىمۇ ئەمدى، ئەنە خوتۇن- ئۆيدىنمۇ ئايرىلىپسىز {:titterئەمدىغۇ بىلگەنسىز ئاشۇ ھاراق دىگەن نىجىسقا يىقىن يولىسىڭىز قانداق بولدىغىننى. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ياپراق520 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-يىلى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى 19:00  


Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
1411 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
3521

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى 19:02:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بايام گۈلبەرگى بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن يامغۇردا ئالدىراش كېتىپ بارسام، خەلىقئارا چوڭ بازارنىڭ يان تەرىپىدە ئىككى مەست سۇغا چىلىشىپ تۇرۇپ كېتىپتۇ، ئۈستى- بېشى شۇنداق ئاۋارە، قارىسام 40 ياشلار ئەتتىراپىدا، بۇلارنىڭ ئائىلىسى باردۇر، بالا- چاقىسى باردۇر.....ئۇزۇن بوپتىكەن چوڭ يوللاردا بۇنداق غەرىق مەست بولغانلارنى كۆرمىگىلى

مۇنبەرنىڭ يېڭى توپ نومۇرى 241987568

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
493 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1892

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 28-كۈنى 11:13:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرۋەرى يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى 19:02
بايام گۈلبەرگى بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن يامغۇردا ئالدىراش  ...

ئۇ تەرەپتە بىر كۈن تۇرسىڭىز خېلى خېلى نەرسىلەرنى كۆرىسىز جېنىم

جۇدالىق دېڭىزى مېنى ئېقىتىپ ماڭدى سورىدىم :مېنى قايەرگە ئېلىپ بارىسەن
ئاشىقىڭنىڭ بەختى ئۈچۈن ئازاب دېڭزىغا

Rank: 1

توردا
91 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 22-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى
نادىر
0
يازما
336
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 28-كۈنى 11:44:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باتۇرچەۋەنداز يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى 13:12
زابويلار   مۇنبەرگە كىرىپ بۇنداق  تىمىلارنى   كۆرمەيدۇ   ...

بۇ مۇنبەرئەزالىرىنىڭ ھەممىسى دىگۇدەك ئالى مەلۇماتلىق زىيالىلار،دىمىسىمۇ زابويلار بەلكىم كىرىپ كۆرمەسلىكى مۇمكىن ،مەنغۇ ھاراققا ناھايتى ئۆچ ،ئۇلۇشكۇن كەچتە كاۋاپ يىگىلى كاۋاپداننىڭ ئالدىدىكى ئۇرۇندۇقتا ئولتۇرۇپتىكەنمەن ،كىم بىلسۇن ياندىكى كىشى دەل زابوي ئىكەن ،شۇنەس زابوينىڭ سەۋەبىدىن ئىشتىنىمنى مىققا ئىلدىرۇپ يىرتىپ قويدۇم .

Rank: 2

توردا
772 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
2050
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 29-كۈنى 19:09:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەزىزتارىم يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 3-ئاينىڭ 28-كۈنى 11:44
بۇ مۇنبەرئەزالىرىنىڭ ھەممىسى دىگۇدەك ئالى مەلۇماتلى ...

ھاراق  ئىچمىگەن  بىلەن،ھاراق  ئىچكەنلەرنىڭ زىيىنغا  ئۇچراپسىز ھې،ياق  سالىۋات  دەي  ئويلىسىمۇ بۇنداق ئىشقا  راستىنلا ئاچچىغى كىلىدۇ ئادەمنىڭ

ھەقىقىي بايلىق سىرتىڭىزدا تۇرۇۋاتقان ماددى نەرسىلەر ئەمەس، ۋۇجۇدىڭىزدا تۇرۇۋاتقان يۇشۇرۇن قابىليەت

Rank: 1

توردا
121 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
528
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 12-كۈنى 09:54:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاجايىپ تەسۋىرلىۋىتىپسىز جۇمۇبالىلارنىڭ ئالدىدا ئۈلگە بولغۇدەك ئىش قىلمىسا ئۇلار ئادەمنى ئاشۇنداق خىجالەتتە قۇيدىغان گەپ،ئۇلار يالغان گەپ قىلمىغاندىكىن.سۇرۇنلاردا ھاراق يۇق بولدىغان كۈنلەرمۇ كېلەر

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى 22:26 , Processed in 1.041667 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش