مەن ئادەتتە ئولتۇرۇشلارغا بەك چىقىپ كەتمەيمەن ، قايسى كۇنى بىزنىڭ قورودىكى يېقىن ئۇتىدىغان خوشنىمىز بالىسىنىڭ ئات چېيىنى ئوتكۇزۇگەن ئىدى ئامالسىز شۇ مەرىكىگە قاتنىشىپ قالدىم . بۇ مەرىكە دەسلىپىدە ناھايتى تەرتىپلىك قىزىق نۇمۇرلار بىلەن باشلانغان بۇلۇپ بارلىق سۇرۇن ئەھلىنىڭ كەيپىياتى ئىنتايىن جۇشقۇن ئىدى . شۇ ياخشى كەيپىياتنىڭ تۇرىتكىسىدە مەنمۇ خوشاللىقىمنى باسالماي بىر نەچچە رومكا ھاراقنى ئارتۇق ئىچىپ سالدىم . مەلۇم ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىن كەيپىيات تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۇرلۇپ چېلىنۋاتقان ئۇسۇل تانسا مۇزىكىسىنىڭ ئورنىغا غەرىپچە دېسكو مۇزىكىسى ئالماشتى . شۇنىڭ بىلەن قىيا – چىيا كۆتۇرلۇپ سۇرۇننى كىچىىك باللار بىر ئالدى ، ئات چاي مەرىكىسى بولغاچقا بۇ سۇرۇنغا كۆپىنچە ئاتا – ئانىلار كىچىك باللىرىنى بىللە ئېلىپ كەلگەن بۇلۇپ ئەڭ چوڭلىرىمۇ يەتتە ياشتىن ئاشمايتتى .بۇ سەبىلەرنىڭ سۇرۇنغا چۈشىۋىلىشى بىلەن رېستۇران سەھنىسىدە ئۇرۇن قالماي دېسكو ئويناش ئۇچۇن ئوتتۇرغا چىققان بىرنەچچە كىشلەر ئامالسىز قايتىپ كىتىشتى . بۇ سەبىلەر دېسكو ئويناۋاتقاندا چىقىرۋاتقان بەزى بىر ھەركەتلەر شۇنداق چەكتىن ئاشقان بۇلۇپ بۇلارنى كۇرۇپ داڭ قېتىپ قالدىم بۇلارنىڭ يېشىغا ماس كەلمىگەن بۇنداق قىلىقلارنى نەدىن ئۆگەندىكىنە ؟ يەنە كىلىپ ئۇلار تېخى كىچىك قىزلار تۇرسا ! شۇ چاغدىلا ھۇشۇمنى يىغىپ سۇرۇنغا قايتىدىن سەپ سېلىشقا باشلىدىم .بۇ ئىشلارنى ئاتا –ئانا بولغۇچىلار كۆرمىگەن ئوخشايدۇ دەپ چوڭلارغا قارىسام ھەممىسى مۇشۇلارغا قاراپ قىلىقلىرىدىن ھۇزۇر ھىس قىلىپ چاۋاك چېلىپ ئولتۇرۇپتۇ .توۋا دەپ ياقامنى تۇتتۇمدە بۇلارغا لەنەت ئۇقۇپ سۇرۇندىن خوشلاشمايلا يېنىپ چىقتىم . ئويگە كەلگىچە كاللامدا نۇرغۇن زىدىيەت – تۇقۇنۇشلار بولدى . بىزگە زادى نىمە بولغاندۇ ؟ بىزدىكى ئابا -ئەجداتلىرىمىزدىن ئۇدۇم قالغان گۇزەل ئەخلاق –پەزىلەتلىرىمىز نەگە يوقالغاندۇ دەپ ئۆز – ئۇزەمگە سۇئال قويدۇم ، ھەركىم ئۆز پەرزەنىتلىرىنى ئەخلاقلىق تەربىيلەپ قاتارغا قۇشۇش ئاتا - ئانا بولغۇچىلارنىڭ ئەڭ چوڭ مەسئۇليىتى . پەرزەنىتلىرىمىزنىڭ ھەر خىل يوللار ئارقىلىق ناچار قىلمىش ، ناچار ئىدىيەلەرنى ئۈزىگە يۇقتۇرۋىلىشىغا يول قويماسلىقىمىز ، ئۇلارنىڭ ھەر بىر ئىش - ھەركەتلىرىگە ۋە ئۇلاردىكى ئۆزگىرىشلەرگە يۇكسەك ئەھمىيەت بىرىشىمىز كېرەك .ئەخلاق ئىنسانلارنىڭ ئەڭ بۇيۇك زىننىتى ، زامان تەرەققى قىلىپ مەيلى قايسى دەرىجىگە يەتسۇن جەمئىيەت يەنىلا ئەخلاققا مۇھتاج . ئۇيغۇر مىللىتىمىز ئەزەلدىنلا ئەدەپ – ئەخلاق شۇنىڭدەك قائىدە – يۇسۇنلارغا ئەھمىيەت بىرىپ كەلگەن گۇزەل شەرمى – ھايانى ئۇزىگە قىبىلنامە قىلغان بىر مەدەنيەتلىك بۇيۇك مىللەت .
ئادەم ئەخلاقى تەربىيە ئارقىلىق ھەقىقى ئادەم بۇلۇپ يىتىلىدۇ .ئەۋلادلارغا ئېلىپ بىرىلغان ئەخلاق تەربىيسى قەيەردە ياخشى ئېلىپ بېرىلسا ، شۇ يەردىكى ئادەملەرنىڭ ئىدىيۋى ساپاسى ، مەدەنيەت ساپاسى ، ئەخلاق ساپاسى ، تەن ساپاسى ياخشى بۇلىدۇ . ئەخلاقى تەربىيە ئارقىلىق ئەۋلادلارغا قانداق ئادەم بۇلۇش ، قانداق غايە تۇرغۇزۇش ، دەۋىرگە ماس قەدەمدە قانداق ئىلگىرلەش ، قانداق قىممەت يارتىش ، نىمىنى قىلىش ، نىمىنى قىلماسلىق ، نىمىلەرنى سۇيۇش ، نىمىلەردىن نەپرەتلىنىش توغۇرسىدا توغرا تەلىم بىرىدۇ . ئەۋلادلارنى گۇزەل ئەخلاقلىق قىلىپ تەربىيلەش ھەر بىر ئاتا -ئانا بولغۇچىنىڭ مەسئۇليىتى ، ئەڭ قاتتىق مەسئۇليىتى . ئەۋلادلارنىڭ ئەخلاقى تەربىيلىنىشىگە سەل قاراش بالايى - ئاپەتنىڭ مەنبەسى بۇلۇپ قالىدۇ .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا دەرتمەن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 20-كۈنى 09:26