نۇرۇزنامە
كەلدى نۇرۇز يىلنىڭ بېشى دىلدا زوق ئەيلەپ بۈگۈن ،
ھەيدىدى سۇغ-زىمىستاننى جىلۋە بىلەن چەيلەپ بۈگۈن.
ياپيېشىل توندىن لىباس كەيدى جاھان گۈلدەككىنە ،
كائىناتقا چاچقۇ بولدى نازۇك چىچەكلەر لەيلەپ بۈگۈن.
مىھرى-ۋاپا ئۆملۈك بىرلە باشلىنار يىلنىڭ بېشى ،
يۇيۇلار ئۆچلۈك ئاداۋەت كۈڭۈللەردىن دىلنىڭ ئىشى.
داش قازاندا پۇرۇقلىدى نىمئەت بۇلۇپ نۇرۇز ئېشى ،
چوڭ-كىچىك داستىخاندا،ئىچىشمەكتە تەرلەپ بۈگۈن.
سەيلىسىنى باشلىۋەتتى توزدەك ياسانغان قىزلار ئەنە،
بەللىرىدە قىرىق كۇكۇل يىلان كەبى سويلار ئەنە .
خان ئەتلىسى شوخ شامالدا گۇيا رەققاس ئوينار ئەنە،
ئوسمىسىنى قويدى مۇمام چىرىغىنى پەرلەپ بۈگۈن.
مۇشائىرە مەيدانىدا ئۇقۇلماقتا نۇرۇزنامە ،
سۆز ئېچىلىپ تارىخلاردىن جەڭ قىسسسى ئۇغۇزنامە .
ئۇقۇلغىنى شىئېر ئەمەس بەلكى ئۇ بىر غۇرۇرنامە ،
دىلىغا گۈل چەكتى ئاۋامنىڭ شەرمى ھايا،ئەدەپ بۈگۈن.
گاھ ئولتۇرۇپ،ئۇسسۇل ئويناپ سىم تاناپتا ماڭار دارۋاز،
شوخ شامالنى باغاش ئىتىپ ھەر سىلجىشى گۇيا پەرۋاز .
كۆك ئارا پەرۋازدا ئۇ، كۆك ئەركىسى قۇشقا سەرۋاز ،
ئەل ئالقىشى تەڭشىكىدۇر ، شۇڭا غەيۇر دەڭسەپ بۈگۈن.
شوخ كۈلكىسى ئۇماقلارنىڭ خەندان ئۇرغان قۇشنىڭ ئۈزى ،
تال-چىۋىقلار ئات بۇلۇپتۇ جەڭگە ئۈندەپ مەغرۇر سۈزى ،
ئاقساقاللار دۇئا بىرەر، بولغايسىلەر يۇرتنىڭ كۈزى ،
چاۋاك ئۇردى ياپراقلارمۇ غەلبىسىگە ھە دەپ بۈگۈن .
چاقىپەلەك سارغايدىنىڭ ھەيۋىتىدىن ھەممە مەمنۇن ،
قىز-يىگىتلەر ئىلەڭگۈچتە ئوخچىشىدىن كۈڭۈل مەپتۇن ،
ئەسكە چۈشكەن ياشلىقىدىن ھۇزۇر سۈرەر چاللار نۇرغۇن.
شۇڭغۇدى بۈركۈتمۇ كۆكتىن زوقلىنىپ پەسلەپ بۈگۈن .
باشلىدى مەشرىپىنى نەغمىچىلەر ‹‹ ناۋا ›› بىلەن ،
چوڭ-كىچىكلەرچۈشتى لەرزان قىزىتىپ ساما بىلەن .
يايرىدى غەمكىن كۈڭۈل سۈلكىتىدىن داۋا بىلەن ،
بۇۋاممۇ ئەل قاتارى چۈشتى گۈس-گۈس دەسسەپ بۈگۈن.
ئوغلاقچىلار تۇلپارىنى كىشنەتمەكتە دالىلاردا ،
تۇپا-چاڭغا پەرۋايى يوق شاتلىق كۈلگەن چىرايىدا .
ئۇتاركىن كىم چەۋەنداز بوپ سىنالماقتا ئەل رايىدا ،
باغلىشىپ چىڭ پۇتىسىنى چاپار ھەريان ھەيۋەت بۈگۈن .
نۇرۇزۇمنىڭ سوغىسىدىن گۈلگە تولدى پۈتكۈل يېزام ،
ئۇيغۇرۇمنىڭ كۈلكىسىدىن داستان پۈتەر يەنە يازسام .
ئۈمىدىم شۇ ئىجادىمدىن يىڭى-يىڭى دۇرلار قازسام ،
نۇرۇز بەردى قەلىمىمگە ئىلھام بۇلۇپ مەدەت بۈگۈن .
2013.17.چىرا
مەنبە - ئۈزۈم .