يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1919 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 488|نەقىل: 6

پەرزەنتىڭىزگە ھەمراھ بولۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

توردا
113 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
442
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى 20:35:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىشتىن ھېرىپ چارچاپ قايتىپ كەلگەن ئاتا سەككىز ياشلىق ئوغلى بىلەن ئىشىك ئالدىدا دوقۇرۇشۇپ قالدى. ئوغلى ئۇنى كۆرۈپلا:
  - ئاتا، بىر سائەتتە قانچە پۇل تاپىسىز؟- دەپ سورىدى.
   بۇ تۇيۇقسىز سوئالدىن ئەجەبلەنگەن ئاتا:
  - سەن تېخى كىچىك، بۇنى بىلىشىڭنىڭ ھاجىتى يوق، -دېدى قاپىقىنى تۈرۈپ.
  - شۇ، سوراپ باقاي دېگەن،- دېدى ئوغلى تىرنىقىنى تاتىلاپ.
   ئوغلىنىڭ بۇ سوئالىدىن ھەيران قالغان ئاتا بوسۇغىدا توختىدى:
  - بىر سائەتتە 20 دوللارغا ئىشلەيمەن!
- ئۇنداقتا ماڭا ئون دوللار قەرز بېرىپ تۇرالامسىز؟
   بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئاتا تېخىمۇ ھەيران بولدى ۋە ئوغلىغا كايىدى:
-ھوي بەغەرەز، مۇشتتەك تۇرۇپ قەرز سوراشنى نەدىن ئۆگەندىڭ؟ ماڭ، ھۇجراڭغا كىرىپ ئۇخلا!...
   بالا ئۈندىمەي ھۇجرىسىغا كىرىپ كەتتى. ئۇنىڭ ئارقىسىدىن قاراپ قالغان ئاتىنىڭ غەزىپى ئۆرلىدى: توۋا، كىچىككىنە تۇرۇپ قەرز ئېلىشنىڭ گېپىنى قىلىۋاتقىنىنى! ھازىرقى بالىلار نېمە بولۇپ كېتىۋاتقاندۇ- ھە. ئارىدىن بىر سائەتچە ئۆتكەندە، ھاردۇقى چىققان ئاتا ئوغلىنىڭ بايىقى گېپىنى ئويلاپ ئۆزىچە مۇلاھىزە يۈرگۈزدى: «راست، ئوغلۇم پۇلنى نېمىگە ئىشلىتىدىغاندۇ، دەپتەر- قەلەم ئالامدىغاندۇ- يا؟»
ئۇ شۇنداق خىياللار بىلەن ئوغلىنىڭ ھۇجرىسىغا ئاستاغىنە كىردى. بالا كۆزىنى تورۇسقا تىككىنىچە جىمجىت ياتاتتى.
  - ئۇخلىمىدىڭمۇ؟-سورىدى ئۇ.
  - ياق،- دېدى بالا.
  -ئالە، مانا ئون دوللار. بۈگۈن سەل چارچاپ قاپتىكەنمەن، ساڭا قاتتىق تېگىپ قويدۇم، كەچۈرگىن...
- رەھمەت، ئاتا،-دېدى بالا خۇشاللىقىنى باسالماي. كېيىن ئۇ ياستۇقىنىڭ ئاستىدىن پۇرلىشىپ كەتكەن بىر سىقىم پارچە پۇلنى ئېلىپ ساناشقا باشلىدى.
  ئوغلىنىڭ بۇ قىلىقىنى كۆرۈپ ئاتىنىڭ ئەرۋاھى ئۇچتى:
- پۇلۇڭ بار تۇرۇپ، يەنە سوراپسەن- دە؟ سەن بىلەن ئالدى- بەردى ئويناشقا چولام يوق...
   پۇلۇم بار ئىدى، لېكىن ئون دوللار كەملىگەن. ئەمدى تولۇق بولدى، -دېدى بالا ۋە تەبەسسۇم بىلەن ھەممە پۇلنى ئاتىسىغا ئۇزاتتى، ئاتا، مانا بۇ ساق 20دوللار. مۇشۇ پۇلغا بىر سائەت ۋاقتىڭىزنى ئالسام بولامدۇ؟
مانا بۇ سەبىي بالىنىڭ كۆڭۈل سۆزى. دېمەك بالىلار ئاتا- ئانىلىرىنىڭ ئۆزلىرىگە ھەمراھ بولۇشىغا، بىرلىكتە ئويۇن ئوينىشىغا، بىرلىكتە سەيلە قىلىشقا، بىرگە مۇڭدىشىشقا تەشنا. شۇڭا بالىلىرىمىزنىڭ قەلبىنى چۈشىنەيلى. ئۇلار ئۈچۈنمۇ ئاز- تولا ۋاقىت ئاجرىتايلى!

كەيپىم بەك چاغ

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
285 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
0
يازما
802
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى 23:45:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھىھىھىھى گۈلسەنەم.مىنىڭ كۆڭلۈمدىكىنى نىمانداق بىلىۋالغانسىز؟مەن سەھەردىلا مۇشۇ ھىكايىنى رادىئودىن ئاڭلاپ .كەچتە ۋاقتىم يەتسە مۇنبەرگە يوللاپ قويسام بولغىدەك دەپ ئويلىۋىدىم.سىز چاققان كەپسىز مانا.ياخشى تىمىكەن بۇ؟ئاتا-ئانىلار دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك.،چۈنكى مەنمۇ يېقىندىن بىرى تورغا چىقىمەن دەپ قىزىمغا جېق ھەمراھ بۇلالماي ئۆزۈمنى ئەيىپلەپ كەلگەن ھەم تورغا چىقىش ۋاقتىمنى ئازايتقان ياكى بولمىسا شەپەرەڭدەك كىچىدە تورغا چىقىدىغان بۇلۇپ قالغان خۇددى ھازىرقىدەك......;P:$

زىمىستاندا ھارارەتكە،زۇلمەتتە نۇرغا تەشنا بولساڭ...يېنىڭدا مەن بار...

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
1429 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
3556

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 13-كۈنى 09:07:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھىم....پېقىر بالا، بالا دەپ، بالىلىرىمغا كۆپ ھەمرا بولىمەن دەپ ئۆزۈمنىمۇ ئۇنتۇلۇپ قالغان ئادەممەن، ھەممىلا نەرسىنى كىتاپتىكى بويىچە ئەمەس ئۆزۈمنىڭ كونا گېپىم بويىچە ئېيتقاندا، ئەمەليەتكە تەدبىقلىساق ئەڭ ياخشىكەن.
چۈنكى بىر بالا بىلەن بىر بالىنىڭ پىسخېكىسى ۋە مىجەز خارەكتىرى تۈپتىن ئوخشىمايدىكەن، شۇڭا بىر بالىغا قىلغان مۇئامىلە يەنە بىر بالىغا ئەكىس تەسىر كۆرسىتىپ قويىدىغان ئىشلار بولىدىكەن. ھەر ھالدا خىزمەت، ئائىلە، بالا ھەممىسىگە ۋاقىتنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرغان ياخشى.
ئىشقىلىپ مەن ئۈرۈمچىگە كېلىپ شۇنى ھېس قىلىپ قالدىمكى، بالىلاردا يەنىلا مۇستەقىللىق ئېڭى سەل كۈچلۈك بولمىسا بولمىغىدەك.

مۇنبەرنىڭ يېڭى توپ نومۇرى 241987568

Rank: 1

توردا
127 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
569
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 15-كۈنى 11:29:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز  كىچىك  چاغلاردا بەك  خوشال ئوينايتۇق مەھەللىدە بىر  توۋلىساق  ھەممىمىز چىقاتتۇق .ھازىر بالىلار  بۇرۇنقىدەك  خوشال-خورام ئوينىيالمايدۇ.شۇ ئېگىز  بىناغا  بىر  كىرىۋالسا  تالاغا  چىقمايدۇ.قىشتا  تىخىمۇ  شۇ.مەن ئەمدى كەچلەردە سىرىتقا چىقىپ  بالىلىرىم  بىلەن بىللە  ئويناشنى ئويلدىم.بىللە ئوينىساق ئۇلار  بەك  خوشال بولۇپ  كىتىدۇ..ئاندىن  كۆڭلىدىكى گەپلىرىنى  بىزگە  ئېيتىدۇ.بولمىسا  بالىلىرىمىزدىن  يىراقلىشىمىز.

Rank: 3Rank: 3

توردا
766 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 7-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
1416

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 16-كۈنى 09:59:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تورداشلار بەك ئوبدان گەپ قىلىۋاتىدۇ جۇمۇ، بالا تەربىيلەش ئۇنچە ئاسان ئەمەسكەن. بېقىش بىر گەپ، تەربىيە بىر گەپكەن.  مەرۋەرى ئېيتقاندەك ھەر بىر بالىنىڭ پىسخىكىسى، مىجەز-خارەكتىرى ئوخشاش بولمىغاندىكىن، نوقۇل كىتاپ بويىچە ئېلىپ ماڭىمەن دېسە،  قىلىۋاتقان تەربىيە كەينىگە يېنىپ ماڭىدىكەن. يېقىندىن بۇيان ئامىرىكىلىق يازغۇچى سېتىنانىڭ پەرزەنت تەربىيىسى توغرىسدىكى كىتابىنى كۆرۈۋاتىمەن، ئوغلۇم تۇغۇلغاندا دادىسى سوۋغا قىلغان ئىدى. ئىزچىل ياخشىراقمۇ ۋاراقلىماپتىكەنمەن. نۇرغۇن مەسلىلەرگە دۇچ كەلگەنسېرى، كۈندە ئاز-تولا ئوقۇپ تۇرىۋاتىمەن. ھەم  شۇ بويىچە ئىش ئېلىپ بارغانىدىم، ئەمما كۆپىنچە چاغدا مەغلۇپ بولدۇم.:L چۈنكى بىرىنچىدىن كېچىكىپىتىمەن، ئىككىنچىدىن چەتئەللىك بالىلار بىلەن بىزنىڭ بالىلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا چوڭ پەرق مەۋجۇت بولغاچقا، سەل تەسكە چۈشتى. شۇنداقتىمۇ يەنە ئاز-تولا ياردىمى تەگدى، بەزى سىناقلار ئىشلەپ قالدى.   
   مودەن، سىز دېگەندەك بالىلار بىلەن كۆپرەك بىللە تۇرساق ھەر جەھەتتىن ياخشى بولىدىكەن. بالىنىڭ پىسخىكىسى، ئۆسۈپ يېتىلىشىگە زور ئىجابى تەسىر كۆرسىتىدىكەن. بولمىسا بىزدىن يىراقلىشىشى تۇرغانلا گەپكەن.
  ئەمما مەن يەنىلا خانىم-قىزلىرىمىزغا بۇ كىتابنى تەۋسىيە قىلىمەن. ئانىلار ۋە ئانا بولۇش ئالدىدا تۇرغانلار چوقۇم كۆرۈپ چىقىڭلار!:victory:
  كىتاب ئىسمى: «سىتېنا خانىمنىڭ پەرزەنت تەربىيسى»

ھەر بىر كۈن يېڭى بىر ھايات!

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
285 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
0
يازما
802
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 16-كۈنى 14:57:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ شۇ،تۇنجى بالام تۇغۇلغىچە،سىتىنا خانىمنىڭ پەرزەنىت تەربىيىسى« نى ئۇقۇپ بولغان، شۇ كىتاپتىكى بىر ياشلىق بالام چىش چوتكىلاشنى ئۈگىنىپ بولدى مانچە كۇپلىت شىېرنى يادقا بىلىدۇ دىگەن قۇرلار مىنى ھاياجانلاندۇرغان.لېكىن نەدە مىنىڭ شۇ ئارزۇ ئارمانلىرىم.ئارزۇ-ئارمان بىلەن رىئاللىق ئوتورسىدىكى پەرىق ئادەمنى ھەقىقەتەن ئۈمىتسىزلەندۈرىدىكەن.مانا ھازىرمۇ كىتاپ ئىشكاېىمدا مەخسۇس بالا تەربىيلەشكىە .ائىت كىتاپتىن 10 پارچىدىن ئارتۇق كىتاپ بار،ئۇقۇمىدىم ئەمەس،ئۇقۇدۇم.بىزىدە ھەقىقەتن پايدىسى بولدى. ئەمما بىر تىرىك ئادەمنى كىتاپ بۇيىچە باشقۇرۇپ بولماقنىڭ ئۆزى بەسى مۈشكۈل ئىكەن.شۇنداقتىمۇ پات-پات ئۇقۇپ تۇرىمەن.يىڭىدىن يىڭى مەسىىلەر چىقىپ تۇرىدۇ ئىشقىلىپ.ھازىرمۇ »ئانا-قابىل ئۇستاز« دىگەن كىتاپنى ئۇقۇۋاتىمەن.ئۆتكەن يىلى يازدا كۈندە ئىشتىن چۈشۈپ  قىزىم بىلەن باغچىلاردا ،سالقىن ئۆستەڭ بويلىرىدا ئۆتكۈزگەن ئىدىم. قىزىم ھازىرغىچە ئۇنتۇماي يادلايدۇ شۇ كۈنلەرنى،خۇدا بۇيرىسا يەنە بىر-ئىككى ھاپتىلەردىن كىيىن يەنە باشلىۋالىمەن قىزىمنى ئوينىتىشنى،ئەمما ئوغلۇم بىلەن دادىسىنىڭ ۋاقتى بەك قىس.تاپشۇرۇقلار دۆۋىسى ئىچىىدە مۈكچىيىپ قالغان  ئوغلۇمغا ئىچىم ئاغرىيدۇ.

زىمىستاندا ھارارەتكە،زۇلمەتتە نۇرغا تەشنا بولساڭ...يېنىڭدا مەن بار...

Rank: 1

توردا
567 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
0
يازما
740
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 16-كۈنى 17:41:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ قىزىم تۇغۇلغاندىلا باشلىغان ئىدىم ، باللار تەربىيسىگە ئائىت كىتاپلارنى كۆرۈشنى. سىلەر ئىيتقاندەك رىئاللق بىلەن كىتاپ ئوتتۇرسىدا پەرىق چوڭكەن، مەن ئادەتتە رادىئيونى كۆپ ئاڭلايمەن ئامال بار باللىرىمغا ئەستايدىل، سەۋىرچان بولۇشقا ئوزۈمنى ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرىمەن.  بىراق  بۇ ئۇچ بالا خۇددى ،  باشقا-باشقا ئائېلىدە چوڭ بولغاندەك خۇي مىجەزى بىر-بىرىگە پەقەت ئوخشىمايدۇ، بەزىدە راسلا تىڭىرقاپ قالىمەن. بىر لاياقەتلىك ئانا بولۇش ھەقىقەتەن تەسكەن...  

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى 07:44 , Processed in 0.071424 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش