
1 - رىزۋانگۈل ھەققىدە
ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پەخىرلىك قىزى ، مىللى قەﻫرىمان ، شەپقەت ﻫەمشىرىسى رىزۋانگۈل 1925 - يىلى قازاقىستاننىڭ ئالمائاتا ئوبلاستى چىلەك رايۇنىدا تۇغۇلغان . دادىسىنىڭ ئىسىمى ﻫاشىم ئاخون ، ئاپىسىنىڭ ئىسمى مەريەمخان بولۇپ ، دادىسى يۇڭ تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىناتتى .
1932 - يىلى رىزۋانگۈل 7 ياش ۋاقتىدا ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن غۇلجا شەﻫىرىگە ( پۇشمان مەﻫەللىسىگە ) كېلىپ ئولتۇراقلاشقان . 1933 - يىلىدىن 1940 - يىلىغىچە غۇلجىدىكى شەرق مەكتەپ ۋە ئۈمۈت مەكتەپلىرىدە ئوقۇغان . 1940 - يىلى ئۈرۈمچى ئوتتۇرا دەرىجىلىك مىللى قىزلار مەكتەپ بوغالتىرلىق كەسپىي سىنىپىدا ئوقۇغان .1943 - يىلى ئوقۇش پۈتتۇرۈپ غۇلجىغا قايتىپ كەلگەن ۋە شۇ يىلى ۋىلايەتلىك پوچتا ئىدارىسىگە خىزمەتكە ئورۇنلاشقان .
رىزۋانگۈل مەرىپەتپەرۋەر ۋە تەرەققىيپەرۋەر ئائىلىدە چوڭ بولغان . ئۇ ئائىلىسىنىڭ بولۇپمۇ ئوقۇتقۇچى ئۇستازلىرىنىڭ تەسىرىدە كىچىكىدىن تارتىپلا تىرىشچان ، ئۆتكۈر پىكىرلىك ، كەمسۆز ، لېكىن دىگىنىنى قىلىدىغان ، خورلۇق ۋە ئادالەتسىزلىككە چىداپ تۇرالمايدىغان قەيسەر قىز بولۇپ يېتىشكەن . ئۇ ئەينى ۋاقىتتىكى ئۆكتەملەر ئاجىزلارنى بۆزەك قىلىدىغان ، نارسىدە قىزلارنى مەجبۇرى ئەرگە بىرىدىغان ، ئاياللارنى خورلايدىغان ئەﻫۋاللارنى كۆرگەندە ئۇ ئىشلارغا ﻫىچ ئىككىلەنمەي قارشى تۇراتتى .
رىزۋانگۇل پوچتا ئىدارىسىدە ئىشلەپ يۇرگەن كۈنلەردە ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلاۋى باشلاندى . ئىنقىلاپ باشلىنىپ ئالتىنچى كۇنىلا رىزۋانگۈل بىرقانچە دوسلىرى بىلەن پىدائىي بولۇپ جەڭگە قاتناشتى . ئۇ پىدائىي سېپىگە كىرگەندىن كىيىن بىر تەرەپتىن قىسىمنىڭ شەپقەت ﻫەمشىرىسى بولۇپ قانلىق جەڭلەرگە قاتناشسا ، يەنە بىر تەرەپتىن ﻫەربى قائىدە ۋە قورال ئىشلىتىشنى قېتىرقىنىپ ئۈگەندى . ئۇ دائىم : << دۇشمەن بىلەن ئەرك ئۇچۇن جەڭ قىلىۋاتقان ۋەتەننىڭ ئوغلانلىرى بولسا ، بىز ۋەتەن قىزلىرى . قىزلارمۇ قولىغا قورال ئېلىپ ئالدىنقى سەپكە بېرىشى كېرەك >> دېسە ، ﻫەمىشىرە قىزلارغا :<< فاشىزىمغا قارشى كۇرەش قەﻫرىمانى روس قىزى زويادەك بولايلى >> دەيتى . رىزۋانگۇل جەڭ مەيدانلىرىدىكى جاپا مۇشەققەتنى يېڭىپ ، ئۆلۇمگە پىسەنت قىلماي ، مولدۇردەك يېغىۋاتقان دۇشمەن ئوقلىرى ئارىسىدا قەﻫرىمانلارچە يۈگۇرۈپ يۈرۈپ يارىدار جەڭچىلەرگە شەپقەت يەتكۈزدى . ئۇ جەڭلەردىكى ئاجايىپ جاسارىتى ۋە يارىدار جەڭچىلەرگە بولغان كۆيۈمچانلىقى بىلەن كوماندىر - جەڭچىلەرنىڭ قەلبىدىكى ئەڭ شەپقەتلىك ، مىﻬرىبان ﻫەمشىرىگە ئايلانغان ئىدى .
رىزۋانگۇل 1945 - يىلى 13 - يانۋاردا ﻫەرەمباغ ئەتراپىدىكى شىددەتلىك جەڭدە ۋىژىلداپ ئۇچۇۋاتقان ئوقلار ئارىسىدا يارىلانغان ئۇچ جەڭچىنىڭ يارىسىنى ئارقا - ئارقىدىن تېڭىپ بىخەتەر جايغا ئاپىرىۋېتىپ ، ئارقىغا قاراپ خەۋپلىك جايدىكى تۆتىنچى جەڭچىنىڭ يىنىغا كېتىۋاتقاندا دۈشمەن ئاتقان ئەجەللىك ئۇق بىشىغا تىگىپ قەخىرىمانلارچە قۇربان بولدى . ئۇ قۇربان بولغاندا ئەمدىلا 19 ياشقا كىرگەن ئىدى ، شۇڭا ئۇنىڭ ئۆلىمى كىشىنى بەكمۇ ئېچىندۇرىدۇ . ئۇنىڭ نامى ۋەتەن، مىللەت ئۇچۇن قان تۆككەن مىڭلىغان ئوت يۈرەك ئوغۇل -قىزلىرىمىز قاتارىدا تارىخ بېتىگە مەڭگۈلۈك يېزىلدى .
مىللى قەﻫرىمان رىزۋانگۈل باتۇرانە ئىش ئىزلىرى بىلەن ئەينى دەۋر جەڭ مەيدانىدىكى ﻫەر مىلەت ئوغۇل قىز جەڭچىلەرنىڭ ئۈگىنىش ئۈلگىسى بولۇپلا قالماي ، ﻫازىرقى دەۋرىمىز ياشلىرىنىڭمۇ ئۈگىنىش ئۈلگىسىدۇر . ئەينى ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئۈچۈن جەڭگە كىرمەي شۇ چاغدىكى يۇقۇرى بىلىمى بىلەن ئارقا سەپتە تۇرۇپمۇ بۇ ئىنقىلاپتا ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇش ئىمكانىيىتى بار ئىدى ، لېكىن ئۇنىڭدىكى مىللى غورۇر ، ۋەتەن ئانا زىمىن ئۇچۇن ياش تۆكەلەيدىغان ، خورلۇق ۋە ئادالەتسىزلىككە چىدىمايدىغان باتۇرانە روﻫى بۇنىڭغا يول قويمىدى . ئۇ بىر باتۇر ، قەھرىمان ، مەردانە ئۇيغۇر قىزى . ئۇ بۇرۇن ، ﻫازىر شۇنداقلا كەلگۇسىدىكى ﻫەر مىللەت ئوغۇل قىزلىرىمىز ئۇچۇن مەڭگۈلۈك ئۈگىنىش ئۈلگىسى ۋە بايراق بولغۇسى