يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1221 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 288|ئىنكاس: 12

كەل باھار ‹نورۇزلۇق› [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

توردا
77 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 5-ئاينىڭ 11-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى
نادىر
0
يازما
228
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى 09:27:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

كەل باھار

<نەسىر>

-تۇمارىس؟

-ھە بوۋا؟

-يىنىمغا كىلە ئالتۇن قوزام؟

-نېمە ئىش بوۋا؟

-ئاۋۇ دەرەخ شىخىدا تۇرۇپ سايراۋاتقان نېمە ئۇ؟

-ئۇچۇ بوۋا قارلىغاچ.ھە راس بوۋا،قارلىغاچ قىش پەسلىدە نېمىشقا يوق؟

-چۈنكى قارلىغاچ قىش پەسلىدە ئىسسىق يەرلەرگە كىتىدۇ,نورۇز كەلگەندە ئۇمۇ بىللە كىلىدۇ.

-ھە........ئۇنىڭىدا نورۇز دىگەن نېمە ئۇ بوۋا؟

-<نورۇز> دىگەن سۆز ئەسلىدە پارىس تىلىدىن كىرگەن سۆز بولۇپ،ئۇيغۇر تىلىدا،يىلنىڭ بىشى،يېڭى يىل،باھار دىگەن مەنىدە.

نورۇز تۈركى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق بايرىمى.ھەر يىلنىڭ 3-ئاينىڭ 21- كۈنى نورۇز ئىشى ئىتىلىپ،نورۇز بايرىمى تەبرىكلىنىدۇ،مۇنداقچە ئېيتقاندا تۈركى خەلقلەرنىڭ يېڭى يىلنى كۈتىۋالغانلىقىدۇر.

-ھە...چۈشەندىم بوۋا رەھمەت سىزگە!

ئەمما بوۋا مەن نورۇز دىمەي،<باھار>باھار بايرىمى دەي،.

-نېمىشقا؟

-چۈنكى مەن<ئۇيغۇر>شۇنىڭغا ئۆز تىلىمدا دەي دىدىم.

-بارىكاللا قوزام ،ئاپىرىن ساڭا!ھەرگىزمۇ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىڭنى ئۇنۇتما!

توغرا باھار دىيىش كېرەك،باھار......باھار...............

كەل- باھار كەل......ئاچچىق-سوغوقلارنى سۈر-توقەي قىلىپ كەل.....

كەل-باھار كەل...زىمىنغا ئىللىق ھارارىتىڭنى ئىلىپ كەل،ھارارىتىڭدىن تاغدىكى قار-مۇزلار ئېرىپ،ئېرىق-ئۆستەڭلەردە سۇلار ئاقسۇن!

كەل-باھار كەل...ئاق لىپاستىكى تەبىئەت قوينىدا شېرىن ئۇيقىدا تاتلىق ئۇقلاۋاتقان،دەل-دەرەخ،گۈل-گىياھلار ئۇيغۇنۇپ سىنىڭدىن قايتا جانغا كىرىپ،بىخلىنىپ ئىنسانىيەتكە ساپ ھاۋانى ئاتا قىلسۇن!

كەل-باھار كەل....زىمىستان قىشتىن پاناھلىنىش ئۈچۈن ئۆزلىرى ياسىۋالغان كامارلىرىغا كىرىۋالغان،قۇرۇت-قۇڭغۇز،چىۋىن-چۈمىلە،ھەسەل-ھەرىسى،كىپىنەكلەر كامارلىرىدىن چىقىپ يېڭى ھاياتىنى باشلىسۇن!

كەل-باھار كەل....سىنىڭ پەسلىڭدە تال چىۋىقنى ئات ئىتىپ ئوينايدىغان سەبى بالىلار ئىتىغا مىنسۇن.ئانىسىنىڭ يىنىدىن ئايرىلمىغان قوزىلار ئەركىن مەرىشىپ-دۇڭغىلاق ئىتىشىپ ئۇلارنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ يۈگرىسۇن!

كەل-باھار كەل....سىنىڭ بىلەن يىغلاپ كۆرۈشكىدەك بولۇپ كەتكەن دېھقان ئاتا،قاپىقىغا سۇنى قاچىلاپ،قۇلىغا كەتمەن-گۈرجەكنى ئىلىپ ئېتىز-قىرلارغا ئاتلىنىپ،ئوزۇقلۇقنىڭ ئانىسى بولغان بۇغداي مايسىلىرىغا سۇ باشلىسۇن!

كەل-باھار كەل.......ئەتلەس كۆڭلەكلىرىنى كىيىشىپ،قاپقارا ،قۇندۇزدەك سۇمبۇل چاچلىرىنى سىنىڭ مەيىن-شامىلىڭدا تاراپ قۇيۇشىڭنى ساقلاپ تۇرغان قىز-چوكانلارنىڭ يىنىغا كەل.ئۇلار سىنى بەك ساقلاپ كەتتى،چۈنكى ئۇلار سىنىڭ مۇھەببەت خەتلىرىنى ئەپ كىلىدىغىنىڭغا ئىشىنىدۇ.

كەل-باھار كەل.......يەر شارىغا مېھرى-مۇھەببەت،مېھرى-شەپقەت،ئىناقلىق-ئىتپاقلىق،ئۆملۈك،تىنىشلىق،ئەركىنلىك،خاتىرجەملىك،بەخت-سائادەت ئۇرۇقلىرىنى چىچىپ كەل.چاچقان ئۇرۇقلىرىڭ ئىنسان بوستانلىقىدا يىلتىز تارتىپ ئادىمىيىلىك قەدىر-قىممەتنى تۇنۇتسۇن!


كەل -باھار كەل.....مول-ھوسۇل بايلىق ئەلچىسى تىللا تۈكۈلىدىغان يامغۇر بۇلۇتلىرىنى ئەگشتۈرۈپ كەل.

كەل-باھار كەل.......يازغۇچى-شائىرلارنىڭ قەلىمىگە ئىلھام،مۇقاملارغا يېڭىچە كۈي ئىلىپ كەل.

كەل-باھار كەل.......<لۇتپۇللا مۇتەللىپ>نىڭ بايراملىق شىۋىرلىغان شېئىرى ئۈنچىلىرىنى ئىلىپ كەل.

كەل-باھار كەل............يىشىلمىگەن تۈگۈنلەرنى يىشىدىغان پەرىشتىلەرنى چىللاپ كەل....ئۇلانمىغان-ئۇلاقلار ئۇلانسۇن! كۆڭۈللەر شاتلانسۇن!دىللار يايرىسۇن!مۇھەببەتلىك كۆزلەر چاقنىسۇن!

كەل- باھار كەل.........چىمەن دۇپا ئىلىپ كەل،مەن يەتتە قىزلىرىمغا كىيگۈزۈپ قۇياي،ئۇلار مەندىن ئەمەس،بەلكى سەندىن مىننەتتار بولسۇن!

2012-03-09.

<غ>


Rank: 3Rank: 3

توردا
132 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى
نادىر
0
يازما
378
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى 16:22:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باھار كەلمەيلا سىزگە ئىلھام كەپتۇدە .... مېنىڭمۇ باھارنى خىتاپ قىلىپ قېنىپ قېنىپ ۋارقىرىغۇم كېلىۋاتىدۇ ، كەل باھار ... كەل باھار ...

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
1005 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2806

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى 17:22:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاڭلاۋاتقان ناخشامغا تازا ماس كەپتۇ بۇ تېما.
كەل باھار، قەلبىمدىكى شۇ غەشلىكلەرنىمۇ سوغۇق بىلەن تەڭ ئېلىپ كەت!
كەل باھار كەل...

ھېچنىمە  خۇشياقمايۋاتىدۇ..

Rank: 2

توردا
439 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
1151
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى 16:26:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نۇرۇز بايرىمىلىق تەييارلىق قىلۋاتقان خىزمەتداشلىرىمغا تەۋسىيە قىلىپ قۇياي.كۆرۈپ پايدىلانسا ئەجەپ ئەمەس

ھەقىقىي بايلىق سىرتىڭىزدا تۇرۇۋاتقان ماددى نەرسىلەر ئەمەس، ۋۇجۇدىڭىزدا تۇرۇۋاتقان يۇشۇرۇن قابىليەت[/c

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 5-ئاينىڭ 23-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1933

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى 19:35:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق لىرىك نەسىر بوپتۇ. باھارنى بەكمۇ سېغىندىم.

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
319 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1519

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 13-كۈنى 23:02:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باھار كەلسىغۇ ئۆيدىن چىقماي ئولتۇريشتىن قۇتۇلاتتىم ، ئەمما لېكىن ھېلىقى بىر ئىسسىق يازنى ئويلىساملا ...... :'(

مەنىسىز سۆھبەتتىن تەنھا سۈرگەن خىيال ياخشى ...

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
1005 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2806

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 14-كۈنى 09:58:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
anar يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 3-ئاينىڭ 13-كۈنى 23:02
باھار كەلسىغۇ ئۆيدىن چىقماي ئولتۇريشتىن قۇتۇلاتتىم ،  ...

مەن ئىسسسىق يازنى ئويلىساملا قورقىمەن، چۈنكى ئانار بىزنى ئۇرىدۇ:'(

ھېچنىمە  خۇشياقمايۋاتىدۇ..

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
319 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1519

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 14-كۈنى 21:11:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرۋەرى يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 3-ئاينىڭ 14-كۈنى 09:58
مەن ئىسسسىق يازنى ئويلىساملا قورقىمەن، چۈنكى ئانار ب ...

مەنمۇ قورقىمەن جېنىم ، ئۇرىدىغانلارنىڭ سانى ئېشىپ كېتىدۇ ;P

مەنىسىز سۆھبەتتىن تەنھا سۈرگەن خىيال ياخشى ...

مۇنبەر مەسئۇلى

نازارەتچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
753 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 5-ئاينىڭ 24-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
1368

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 15-كۈنى 10:15:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەر شارىنىڭ بۇ نەسىرىنى ياقتۇرۇپ قالدىم. ياخشى يېزىپ قويىدىكەنسىز جۇمۇ، ئىلھام دېگەنمۇ بار يەردە باركەن.

ھەر بىر كۈن يېڭى بىر ھايات!

Rank: 8Rank: 8

توردا
40 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 3-كۈنى
نادىر
1
يازما
72

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 17-كۈنى 21:33:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ نەسىرنىڭ مەزمۇنى ياخشى بوپتۇ،بولۇپمۇ بالىلارغا «نەۋرۇز»نىڭ ئەھمىيىتىنى تۇنۇتۇشتا بەلگىلىك قىممەتكە ئىگە .بىراق،ئىملا خاتالىقى خېلى كۆپ،بەزى مەزمۇنلار ئىملا خاتالىقى تۈپەيلىدىن،ئۆزىنىڭ دېمەكچى بولغان ئوي-پىكىرىنى ئېنىق ئىپادىلەپ بېرەلمىگەن.ئاپتورنىڭ دېمەكچى بولغىنىنى ئوقۇرمەن پەقەت ئۆزىنىڭ تۇيغۇسىغا تايىنىپ،يەنى لوگىكىلىق تەپەككۇر قانۇنىيىتى بويىچىلا توغرىلاپ چۈشىنىدۇ،ئەگەر يېزىلغىنى بويىچە چۈشەنگەندە بەزى مەزمۇنلار بەك چۇۋالچاق.ئەگەر ئىملا خاتالىقىنى  مۇشۇنداق سادىر قىلىۋەرسەك،توردا بۇنىڭغا  دىققەت قىلمىساق،يازمىلىرىمىزنىڭ ساغلاملىقىغا،ھەتتا تور  بەتنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا تەسىر يېتىدۇ.مەسىلەن:تۆۋەندىكى سۆزلەر ئىزچىل ھالدا مۇشۇنداق تەكرار خاتا يېزىلغان،بۇلار ئەسلى:«ئىلىپ  »ئەمەس-«ئېلىپ»؛«چىچىپ»ئەمەس-چېچىپ؛«يىنىغا »ئەمەس «يېنىغا» «سىنى»ئەمەس_«سېنى» ؛« سىنىڭ»ئەمەس-«سېنىڭ»؛  «ئەپ كىلىدىغىنىڭغا»ئەمەس-«ئېلىپ كېلىدىغىنىڭغا«؛ »يىنىمغا كىلە»ئەمەس«يېنىمغا كېلە»؛«شىخىدا »ئەمەس«شېخىدا»؛«كىتىدۇ» ئەمەس «كېتىدۇ»؛«كىلىدۇ»ئەمەس«كېلىدۇ»؛ «دىگەن»ئەمەس«دېگەن»؛
«بىشى»  ئەمەس«بېشى»؛ «تۈركى»ئەمەس«تۈركىي»؛   «ئىشى ئىتىلىپ»ئەمەس «ئېشى ئېتىلىپ»؛ «دىمەي»ئەمەس«دېمەي» « دىيىش »ئەمەس«دېيىش»؛
  « ئات ئىتىپ»ئەمەس «ئات ئېتىپ»؛  « ئىتىغا مىنسۇن» ئەمەس «ئېتىغا مىنسۇن»؛«ئانىسىنىڭ يىنىدىن » ئەمەس «ئانىسىنىڭ يېنىدىن»؛« تىنىشلىق»ئەمەس«تىنچلىق» دەپ يېزىلىشى كېرەك ئىدى .شۇڭا ،ئىملا جەھەتتىن ئېيتقاندا، بۇ يازمىنى ئانچە مۇۋاپىقىيەتلىك چىقمىغان دەپ قارايمەن.
ئۇيغۇر تىلىدا 32فونېما بار،بۇنىڭغا 32ھەرپ ۋەكىللىك قىلىدۇ،ھەرپ خاتا يېزىلسا ،مەزمۇن تەبىئىي ھالدا خاتا ئىپادىلىنىدۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kizilgul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-يىلى 3-ئاينىڭ 17-كۈنى 21:41  


تاشلىۋەتمە،ئۇنتۇلمايسەن،يېپىشىۋالما خار بولمايسەن.(ئا.پ.چىخوۋ)
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى 11:58 , Processed in 0.067086 second(s), 28 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش