يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1919 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 453|نەقىل: 8

ھەر بىر-سۆز ھەركىتىڭىز بالىلارغا تەسىر كۆرسىتىدۇ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

توردا
127 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
569
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى 11:43:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەر بىر-سۆز ھەركىتىڭىز بالىلارغا تەسىر كۆرسىتىدۇ

ئاتا-ئانىنىڭ سۆز ھەركىتى بىر ئاۋازسىز دەرىسلىك كىتابى بۇلۇپ،بالىلار ھەر كۈنى ئۆزىمۇ بىلمىگەن ھالدا بۇنىڭ تەسىرىگە ئۇچىراپ تۇرىدۇ.شۇڭا،كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ئىنچىكە ھالقىلارغىمۇ سەل قاراشقا بولمايدۇ.
شۇڭلاشقا تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىڭ
1.باشقىلارنىڭ كەينىدىن گەپ قىلماڭ.
2.ۋەدىڭىزدە تۇرۇڭ يالغان سۆزلىمەڭ.
3.مەدىنيەتلىك ئەدەپلىك بولۇڭ.
4.پاكىز رەتلىك بولۇڭ.
5.ئاچچىقىڭىزنى بالىدىن چىقارماڭ،ئەقىللىقىراق بولۇڭ.
6.باشقىلارقا كۆڭۈل بۆلۈڭ،باشقىلارنى ھۆرمەتلەڭ،باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىڭ.

Rank: 1

توردا
567 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
0
يازما
740
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى 12:41:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق، ئاتا_ئانا باللارنىڭ تۇنجى ئۇتازى .  ئاتا_ئانىلار نىڭ ھەر_بىر سۆز ھەركىتى باللارغا، بەك تىز تەسىر قىلىدۇ.

Rank: 3Rank: 3

توردا
766 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 7-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
1416

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى 16:56:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى ئىش قىلىپسىز مودەن! قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن.
ناھايىتىمۇ توغرا گەپ، ھەر بىر ھەرىكىتىمىز بالىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدىكەن. قايسى كۈنى كەچ شاھزادەمگە كىتاب ئوقۇپ بەرگەچ، تېلفۇنۇمنى ئېلىپ، كيۇ-كيۇنى ئېچىپ قويۇپتىمەن. ئۇنىڭدىن يوشۇرۇن ئاچقان ئىدىم، ئەمما ئۇ شاش بالام كۆرۈپ قاپتۇ، ھەم دەرھاللا: «ئاپا، سىز يا ئاچاش بولمىسىڭىز، سىز دېگەن ئاپاش تۇرسىڭىز، نېمىشقا كيۇ-كيۇ ئوينايسىز؟» دەيدۇ. قېيىپ كەتتىم، سوغۇق تەر...ئۇمۇ كيۇ-كيۇغا بەك قىززىقتى ھازىر:L
    پەرزەنت تەربىيلەش بەك مۇھىم ئىش، بولۇپمۇ نۆۋەتتىكى زىددىيەتلىك ۋەزىيەتتە بىز ئاتا-ئانىلاردىن ناھايىتى زور كۈچ تەلەپ قىلىدىغان مۇھىم ھالقىلاردىن بىرى. مۇنبىرىمىزدە بۇ خىل تېمىلار سەل چەكلىك ئىدى، سىزنىڭ تىرىشىپ بۇ بوشلۇقنى تولدۇرۇپ مېڭىشىڭىزنى ئۈمىت قىلىمەن!

ھەر بىر كۈن يېڭى بىر ھايات!

Rank: 1

توردا
214 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 19-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 10-ئاينىڭ 8-كۈنى
نادىر
0
يازما
136
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى 09:27:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەھۋە يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى 16:56
بەك ياخشى ئىش قىلىپسىز مودەن! قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن.
...


مەنغۇ ھازىر ئۆيدە كىيۇ كىيۇغا پەقەتلا چىقماس بولدۇم(ئاۋۇ كىم؟ماۋۇ كىم؟دەپ تولا سوراپ:L)؛
پەرزەنىت تەربىيلەش مۇھىم ھەم مۈشكۈل ئىش.مۇشۇنداق تېمىلار ئۈزۈلمەي يوللىنىپ تۇرسا،بىز ئاتا ئانا بولغۇچىمۇ،بىلىپ بىلمەي ئۆتكۈزۈپ قويغان سەۋەنلىكلىرىمىزنى تۈزىتىۋالساق،ئۇلارمۇ بىزنىڭ ياخشى تەرەپلىرىمىزنى كۆپرەك ئۆگەنسە بەك ياخشى بولاتتى.مۇشۇنداق تېمىلارنىڭ ئۈزۈلمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمەن!!!:):victory: بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مىلودىيە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى 11:50  


مۇزىكا ئىنسان روھىنىڭ ئېنژىنىرى!

Rank: 8Rank: 8

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1938

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى 17:25:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
2.ۋەدىڭىزدە تۇرۇڭ يالغان سۆزلىمەڭ.
-------------------------
مۇشۇ تەرىپىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىمەن. جان كېتىدىغان ئىش بولسىمۇ بالامغا يالغان گەپ قىلمايمەن. بىرەر ئىشنى قىلىپ بېرىش ئۈچۈن ئاسانلىقچە ۋەدە قىلمايمەن قىلسام شۇ ئىشنى چوقۇم ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئورۇنداپ بېرىمەن. بالىلىرىممۇ بۇنىڭغا كۈنۈك پالانى ئىشنى قىلىپ بېرىڭ دەيدۇ. بۇ ئىشنى قىلىپ بېرىشكە ھازىر ۋاقتىم يەتمەيدۇ پالانى چاغدا قىلىپ بېرەي دېسەم شۇ ۋاقىتنى كۈتىدۇ.

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
1429 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
3556

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى 21:32:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىرىشساق قىلالمىغىدەك ئىشلار ئەمەسكەن:victory:

مۇنبەرنىڭ يېڭى توپ نومۇرى 241987568

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
495 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1893

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 13-كۈنى 22:55:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەھۋە يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى 16:56
بەك ياخشى ئىش قىلىپسىز مودەن! قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن.
...

جېنىم ، بالىلاردىكى  شۇ خىل كۆز قاراشنى ئۆزگەرتىڭ ، مەيلى ئاپاش تۈگۈل موماش بولۇپ كەتسەكمۇ ئۆزىمىزنىڭ دۇنياسى بولۇش كېرەك .
مېنىڭ جىيەن قىزىممۇ ھەدەمنىڭ ئىشىغا ئارىلىشىدىغان بولىۋالدى چوڭ بولغانسېرى ، ھەدەم كىيۇ - كىيۇ دا بىز بىلەن خاتىرجەم بىر پاراڭلىشاي دىسىمۇ قالايمىقان قىلىپ ، شۇڭا ئۇنىڭغىمۇ شۇ تەربىيە ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ ، ھەممە ئادەمنىڭ كىچىككىنە بولسىمۇ ئۆزىنىڭ دۇنياسى بولىدۇ ، سىز قونچاق ئوينىغاندا، رەسىم سىزىپ ، كارتون كۆرگەندە  مەن ئارىلاشمىغاندەك مېنىڭ تېلفون ، كومپىيوتۇرلىرىمغا سىزمۇ چېقىلماڭ دەپ يۈرۈپ ھازىر ياخشى بولۇپ قالدى .

جۇدالىق دېڭىزى مېنى ئېقىتىپ ماڭدى سورىدىم :مېنى قايەرگە ئېلىپ بارىسەن
ئاشىقىڭنىڭ بەختى ئۈچۈن ئازاب دېڭزىغا

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
1429 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
3556

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 14-كۈنى 09:56:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنغۇ تورغا چىقىدىغان چاغدا كۆپچىلىككە ئۈنلۈك قىلىپ دەۋېتىمەن، ئەگەر سورايدىغان گەپ- سۆز، ئىش- پىشلار بولسا سوراڭلار دەپ;P، شۇڭا مەن كەچلىكى تورغا چىققاندا ھېچكىم ماڭا دەخلى قىلمايدۇ، دەم ئېلىش كۈنلىرىدە بالىلار تورغا چىقسا ياكى توردىن كىنۇلارنى كۆرسە مەن ئانچە - مۇنچە كۈزەتچىلىك قىلغاندىن باشقا ۋاقىتتا دەخلى قىلمايمەن. ئىشقىلىپ تۇرمۇشتا بالىلارغىمۇ لايىقىدا ئەركىنلىك بېرىپ، ئۆزىڭىزگىمۇ ئازراق ئەركىنلىك بېرىشنى ئۆگىنىپ قويغاننىڭ زىيىنى يوقكەن.
ئانىرىم ئېيتقاندەك ئادەم دېگەننىڭ ئۆزىگە مەنسۇپ بىر كىچككىنە دۇنياسى بولمىسا بۇرۇختۇم بولۇپ ئۆلمەمدۇ، ھېلى ئەردىن چۆچۈپ، ھېلى بالىدىن چۆچۈپ........، ھېلىمۇ بىز ياشاۋاتقان رامكىلار ئازمۇ؟ ئۆزىمىزنىڭ ئائىلىسىدىمۇ ئۆزىمىزنى رامكىلىۋالساق بولماس، ئايال بولغان، ئانا بولغان گۇناھ ئەمەسقۇ؟؟؟؟

مۇنبەرنىڭ يېڭى توپ نومۇرى 241987568

Rank: 3Rank: 3

توردا
766 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 7-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
1416

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 14-كۈنى 18:05:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرۋەرى، ئانار ، ھەر ئىككىڭلار قىممەتلىك گەپ قىپسىلەر، بەك توغرىكەن. بۇرۇندىن ئۆزۈمنىڭ دۇنياسىدا ياشاپ كېلىۋاتقان، ئەمما يېقىنقى ۋاقىتلاردىن بۇيان ئۆزۈمنى ئۇنتۇپ كەتكەندەك ھېس قىلىۋاتىمەن. ھەي...سىلەرنىڭ پىكرىڭلار بىلەن ئۆزۈمنى قايتا تېپىۋالاي، دۇنيارىمغا قايتىۋالاي. ئوغلۇمغا چۈشەندۈرسەم بولغۇدەك.:hug:

ھەر بىر كۈن يېڭى بىر ھايات!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى 08:13 , Processed in 0.053839 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش