يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1919 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 325|نەقىل: 3

ئىلمىي ئۇخلاش − ساغلاملىققا پايدىلىق [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

توردا
113 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
442
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى 00:14:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇخلاش ئادەمنىڭ ھايات مۇساپىسىنىڭ تەخمىنەن ئۈچتىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدۇ، ئۇخلاش مۇۋاپىق بولسا ئۇ بەدەننى قۇۋۋەتلەندۈرگۈچلۈك رول ئوينايدۇ. شۇڭا ئىلمىي ئۇخلاش ساغلاملىقنى ئاسراشتا مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.

1-  ئۇخلايدىغان كارىۋاتنىڭ ئېگىزلىكى، ئادەتتە، 40 ~ 50 سانتىمېتىر بولسا مۇۋاپىق بولىدۇ، يەنى سەل ئېگىز بولسا تىزنى ئارام ئالدۇرۇشقا پايدىلىق. مۇشۇنداق بولغاندا، كىشىلەر كارىۋاتقا چىقىشتا ئانچە قىينالمايدۇ، كارىۋاتتىن چۈشكەندىمۇ پۇتىنى ئۇزىتىپلا ئاياغ كىيىمىنى كىيەلەيدۇ، كارىۋاتنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئادەمنىڭ بوي ئېگىزلىكىدىن 20 ~ 30 سانتىمېتىر ئۇزۇن بولسا، كەڭلىكى ئادەمنىڭ ئۇخلايدىغان ۋاقىتتىكى ئىگىلەيدىغان ئورۇن كەڭلىكىدىن 30 ~ 40 سانتىمېتىر كەڭرەك بولسا، ئۇخلىغان ۋاقىتتا ئۆرۈلۈشكە، كېرىلىشكە، پەي - مۇسكۇللارنى ئەركىن سوزۇپ يېتىشقا پايدىلىق بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا كارىۋاتنىڭ قاتتىق - يۇمشاقلىق دەرىجىسى مۇۋاپىق بولۇشى كېرەك، ئەگەر شارائىت يار بەرسە، ياغاچ تاختاي ئۈستىگە ئون سانتىمېتىر قېلىنلىقتا پاختىلىق كۆرپە سېلىپ ئۇخلىسا تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ، بۇنداق قېلىنلىقتىكى پاختىلىق سېلىنما ئادەم بەدىنىنىڭ ئۇخلاشتىكى شارائىت ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، ئومۇرتقىلارنىڭ فىزىيولوگىيەلىك ئېلاستىكىلىقىنى ئاشۇرىدۇ.

2-  ياستۇقنىڭ ئېگىزلىكى ئادەتتە، سەككىز سانتىمېتىردىن 15 سانتىمېتىرغىچە بولسا مۇۋاپىق بولىدۇ، ياستۇق زىيادە ئېگىز بولۇپ كەتسە، بويۇننىڭ ئىگىلىش دەرىجىسىنى چوڭايتىۋېتىپ، بويۇننىڭ ئاسانلا چارچىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ياستۇق بەك پەس بولۇپ قالسا، باشقا ئاسانلا قان تولۇۋېلىپ، قاپاق ۋە يۈزنىڭ ئىششىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. خۇش پۇراقلىق ئوت  ياكى چاي شامىسىنى ئاپتاپقا سېلىپ قۇرۇتقاندىن كېيىن ياستۇق ئىچىگە سالسا، ئۇنىڭدىن بىر خىل خۇشپۇراق چىقىدۇ، بۇ ئۇخلاشقا پايدىلىق، بىر قىسىم ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشتىمۇ مەلۇم ئالاھىدە دورىلىق ياستۇقلارنى ئىشلىتىشكە بولىدۇ.
3- ئىسسىق  ساقلايدىغان، ئېلاستىكىلىقى ياخشى، نەم سۈمۈرۈشچانلىقى كۈچلۈك، يەڭگىل پاختىلىق ياكى تالا بىرىكتۈرۈلگەن تور پاختىلىق يوتقاننى ئىشلەتكەندە، تېرىنىڭ غىدىقلىنىشىنى ئازايتىدۇ، ئورۇندىن تۇرغاندىن كېيىن، يوتقاننى ئۆرۈپ قويۇش، شۇنداقلا ئىشىك، دېرىزىلەرنى ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇش، يوتقاننى ۋاقتى - ۋاقتىدا ئاپتاپقا سالغاندا، يوتقان تورى ۋە يوتقان تېشىنىڭ قۇرۇق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

4- ئۇخلاش ۋاقتى ئادەتتە، سەككىز سائەت ئەتراپىدا بولسا نورمال بولىدۇ. لېكىن ئۇخلاش ۋاقتى بەدەن سۈپىتى ۋە ياش قۇرامىغا قاراپ ئوخشىمايدۇ، ياشلار، ئۆسمۈرلەر ھەر كۈنى 9  سائەت ئەتراپىدا، 60 ياشتىن ئاشقانلار ھەر كۈنى يەتتە سائەت ئەتراپىدا ئۇخلىسا مۇۋاپىق بولىدۇ، بەدىنى ئاجىز ۋە ئاغرىقلار ئۇخلاش ۋاقتىنى مۇۋاپىق ئاشۇرسا بولىدۇ.

5- ئوڭ تەرەپنى بېسىپ ئۇخلاش ياخشى ئۇخلاش ئۇسۇلىدۇر. بەزى ئاغرىقلار دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە مەلۇم ئۇخلاش قىياپىتىدە ئۇخلىغاندىن سىرت، ئادەتتە، ئوڭ تەرەپنى بېسىپ ئۇخلىسا بولىدۇ. بوۋاقنىڭ ئانىنىڭ قورسىقىدىكى شەكلىدە يېتىش تېخىمۇ ياخشى ئۇسۇلدۇر، بۇنىڭدا بەدەن ئورگانىزملىرى ئەڭ ياخشى فىزئولوگىيەلىك ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرالايدۇ، بەدەن مۇسكۇل بوغۇملىرى ئەركىن ھەرىكەتلىنەلەيدۇ، بۇ ئۆسۈپ - يېتىلىشكە ۋە ساغلاملىققا پايدىلىق.

مەنبە: تور دۇنياسى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
95 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى
نادىر
1
يازما
195

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى 05:50:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇخلاش ...
توغرا بۇ بىر ئويلىنىشقا تېگىشلىك مەسىلە بوپ قاپتۇ...

باغرىڭغا باش قويغاننىڭ ھەممىسىنى مېنى سۆيىدۇ دىمە.پاشىمۇ ئاۋال قونۇپ ئاندىن قېنىڭنى شورايدۇ ئەمەسمۇ

Rank: 3Rank: 3

توردا
766 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 7-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
1416

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى 15:36:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭ ئۇخلاش ھالىتىم نورمالكەن. ئۇخلاش ئەسۋابلىرىممۇ ئۆلچەملىك دېگەندەك. توغرا، ئوڭ ياننى بېسىپ يېتىش كېرەك. سول ياننى بېسىپ يېتىشقا قەتئى بولمايدۇ، يۈرەككە بېسىم چۈشۈپ، داۋاملىشىۋەرسە كېسەللىك ئالامەتلىرى پەيدا بولۇشى مۇمكىن.

بۇنىڭدەك بۇ تېما ئارقىلىق، ئۆيدىكىلەر ۋە چوڭلارغىمۇ بۇ خىل ئىلىمنى تەكىتلەپ قويساق بولغۇدەك.:victory:

ھەر بىر كۈن يېڭى بىر ھايات!

Rank: 1

توردا
214 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 19-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 10-ئاينىڭ 8-كۈنى
نادىر
0
يازما
136
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى 16:24:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭ ئۇخلاش ھالىتىممۇ نورمالدەك قىلىدۇ،ياستۇقۇمغا دىققەت قىلسام بولغۇدەك.رەھمەت!:victory:

مۇزىكا ئىنسان روھىنىڭ ئېنژىنىرى!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى 02:26 , Processed in 0.207811 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش