يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 767 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 1163|ئىنكاس: 12

تۇرمۇشتىكى ئىنگىلىزچە سۆزلەرنى بىلىۋېلىڭ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

توردا
7 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 19-كۈنى
نادىر
0
يازما
37
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنى 16:05:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممىگە مەلۇم ، تۇرمۇشىمىزدا بەزى ئىنگىلىزچە سۆزلەرگە دۇچ كىلىپ قالىمىز. يا مۇنبەردە بىرەرسى تۇيۇقسىز بىرەر سۆزنى ئىنگىلىزچە ئىپادىلەپ قالىدۇ ياكى مۇڭداشقۇدا يوللاپ قۇيىدۇ دىگەندەك.
ئەمەلىيەتتە خەنزۇ تىلىدىن ئىنگىلىزچە بىر قەدەر مۇھىم. ئەلۋەتتە خەنزۇ تىلىنى ھازىر 4 ياشلىق باللىرىمىز چۇلدۇرلاپ سۆزلەيدىغان بۇلۇپ كەتتى.
دۇنياغا نەزەر سالغىنىمىزدا ئىنگلىز تىلىنىڭ مۇھىملىقىنى ئاسانلا بىلىۋالالايمىز. ئىنگىلىز تىلىغا سەل قارىمىغان دۆلەت ۋە مىللەتلەرنىڭ تەرەققىياتى بۈگۈنكى زاماندا بىزدىن خېلىلا يۇقىرى.
مەسىلەن: ھىندىستاننى ئالساق، نۇپۇسى كۆپ، مىللەتلەرنىڭ جايلىشىشى ۋە تەركبى مۇرەككەپ، ئىقتىسادى ياخشى ئەمەس، ۋەزىيىتى كەسكىنم، بىراق، دۇنيا كومپىيۇتىر يۇمشاق دىتاللار ساھەسىدە ئامرىكا پىروگىراممىچىلىرىدىن قالسىلا ھىندىستاننىڭ پىروگىراممىلىرى يامان. دۇنيادىكى كومپىيۇتىرلارنىڭ 80 پىرسەنىتىنى ئىگىلىگەن ۋىندوۋز مەشغلات سىستىمىسىنى ئىشلىگەن مىكروسوفىت شىركىتىدە خىزمەت قىلىدىغان ھىندىستانلىق پىروگىراممىلار ئامىرىكا پىروگىراممىلرىدىن قالسىلا يۇقىرى. داڭلىق گوگىل شىركىتىدىمۇ گوگىلنىڭ ھاللىق، ئەڭ نازۇك تېخنىكىلىرىنى يەنىلا ھىندىستانلىق پىروگىراممىرلاردىن بىر نەچچىسى ۋۇجۇتقا كەلتۇرگەن.
چۈنكى، ھىندىستان بۇرۇنلا ئانا تىلدىن قالسىلا ئىنگىلىز تىلىنى 2-مۇھىم تىل قاتارىدا بەلگىلەپ، مائارىپ تۈزۈلمىسىگە  قارىتا ئىسلاھ ئېلىپ بارغان. يېقىندا ئىشلەنگەن ھىندىستاننىڭ داڭلىق فىلىمى، شارولخان رول ئالغان فىلىمدە ئىنگىلىز تىلىنىڭ ئۇلارنىڭ پەرزەنىت تەربىيىسىدە  بىر قەدەر  مۇھىم ئۇرۇنغا قۇيۇلىدىغانلىقى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن.
ئۇزۇن گەپنىڭ قىسقىسى، تىل ئۈگۈنەيلى، ھېچ بولمىسا ئۈزىمىزنىڭ ئەڭ ئاددى ئىھتىياجىمىزدىن چىقالىغۇدەك سۆزلەردىن باشلايلى. ئۈرۈمچى شەھرىدىغۇ ئۇيغۇر تىلىنى ياخشى بىلىدىغان ئىنگىلىزلار ۋە باشقا چەتئەللىكلەر كۆپرەك. ئەمما بىلمەيدىغانلىرى ئۇچراپ قالسا بىرەر ئېغىز سۆز قىلىپ قۇيۇڭ.

1-دەرىس  كۆپچىلىككە كۆپ ئۇچرايدىغان سۆزلەرنىلا كۆرسىتىپ قۇياي.

سۆز                                          ئۇقۇلىشى               ئىنگىلىزچىسى
مەكتەپ-                                    سىكۇل                    school
ئونۋېرسىتىت -   ئونۋېسىتي  (ر  ئاجىز تەلەپپۇز قىلىنىدۇ)   university    مەسىلەن: شىنجاڭ ئونۋېرسىتى XinJiang university

كوچا،يول-                                  روئاد                  Road    مەسىلەن:  يەنئەن يۇلى  YanAn Road

كۇچا ئاپتۇبۇسى-                        باس                      Bus   
ماشىنا-                                      كار (ر يەڭگىل تەلەپپۇز قىلىنىدۇ)  Car
تاكسى-                                    تاكسى                   Taxi
كومپىيۇتىر-                               كومپىيۇتېر( ر  ئاجىز تەلەپپۇز قىلىنىدۇ)      Computer ياكى PC دەپ ئالسىڭىزمۇ بۇلىدۇ.
مۇنبەر-                                                             BBS

==========
QQ دا مۇڭدشقاندا

ماقۇل، بۇلىدۇ، شۇنداق بولسۇن - ئوكەي-  OK
ھەئە، شۇنداق،    -          يېس  -         Yes
  مۇڭداشقۇلاردا نۇرغۇن تورداشلار مۇشۇ ئىككى سۆزنى بەك ئارلاشتۇرۋىتىدۇ. ئىككىسىنىڭ مەنىسىدە خېلى كۆپ ئوخشىماسلىقلار بار.  شۇڭا بۇلارنى ئىشلەتكەندە چۇقۇم ئارلاشتۇرۋەتمەڭ.
================
ئالدىڭىزغا تۇيۇقسىز بىر چەتئەللىك چىقىپ قېلىپ، سىزدىن بىر نەرسىنى سورىسا سىز ھاڭۋېقىپ تۇرۇپ كىتىپ، نىمە دەيدۇ ماۋۇ دەپ كەتمەستىن، گىپىنى چۈشۈنەلمىگەن بولسىڭىز   كەچۈرۈڭ، مەن چۈشەندىم  دەپ قۇيۇپ كەتسىڭىز بۇلىدۇ.
يەنى Excuse me, I dont Understand  ئۇقۇلىشى:  ئېكىسكىيۈزمى، ئاي كەنىت ئاندېرستەنىد   
مىنىڭچە بۇ جۈملىنى چۇقۇم يادلىۋېلىڭ. بۇلۇپمۇ شەھەرلىكلەر.
===============
بىرسى سىزدىن " ئىنگىلىزچە سۆزلىيەلەمسىز"  دەپ سوراپ قالسا مۇنداق دەيدۇ :
Do you speak English     ( دۇ يۇ سىپىك ئىڭگىلىش؟)  
مىنىڭچە سىز يەنىلا سىز ياق دەپ جاۋاب بىرىڭ. چۈنكى ئازراق بىلىمەن دىسىڭىز تولا سۆزلەپ سىزنى قىيىن ئەھۋالدا قۇيىدۇ.
ياق     No    نوۋ  ياكى نو    دەپ ئەدەپلىك ھالدا كەتسىڭىز بۇلىدۇ.
=============
دوختۇرخانا -خوسپىتال -  Hospital     
دوختۇر- داكتور - Doctor   تەلەپپۇز قىلغاندا ر تاۋۇشى بەك سۇس دىيىلىدۇ. يەنى تىل ئۈستىگە سەل ئىگىلىدۇ.
سىستىرا-نۇرىس  -Nurse  بۇنىڭدىمۇ ر ھەرپىنى تەلەپپۇز قىلغاندا تىل ئۈستىگە بەكرەك ئىگىلىدۇ.

============
دوسىت- فىرېند-Friend        دىققەت قىلىش كىرەككى، ئىنگىلىز تىلىدىكى R ھەرپىنى ئۇيغۇر تىلىدىكى ر ھەرپىنى تەلەپپۇز قىلغاندەك قاتتىق ۋە كۈچلۈك ئېلىشقا بولمايدۇ.  ئىنگىلىز تىلىدا R ھەرپىنى تەلەلەپپۇز قىلىشتا ئاساسەن سۇس ياكى ئېلىنمايدۇ. تەلەپپۇز قىلىنغاندىمۇ تىل ئۈستىگە ئىگىلىپ، ناھايتى سىلىق ئېلىنىدۇ.  روسيىلىكلەرنى دوراپ  رادىيۇ نى رەيدىيۇ    دىگەندە ر ھەرپىنى كۈچلۈك ھەم ئىنىق، تۈزلا تەلەپپۇز قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ.  بۇ خىل تۈزلا تەلەپپۇز قىلىش ئىنگىلىز تىلىدا مەۋجۈت ئەمەس.

Rank: 8Rank: 8

توردا
156 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى
نادىر
1
يازما
458

Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنى 18:52:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە !
توختاپ قالماي داۋاملىق يوللاپ تۇرغايسىز ، مەن ۋە مېنىڭ قوشماقلىرىم سىزنىڭ ياخشى ئوقۇغۇچىڭىز بولۇشقا تىرىشىمىز .

Rank: 2

توردا
8 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 16-كۈنى
نادىر
0
يازما
67
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنى 20:10:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۈرەك ئوغرىسىغا رەھمەت !   


كېچۈرسىز ئەپەندى بىر يەردە خاتالىق كۆرۈلۈپتۇ :

<ئاي دونت > نىڭ ئوقۇلۇشى <ئاي كەنت > بولۇپ قاپتۇ .

<مەن چۈشەنمىدىم > دىگەن سۆز <چۈشەندىم > دەپ يېزىلىپ قاپتۇ .

ئۇ تەرەپتە كىم بار ؟

Rank: 4

توردا
63 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
3
يازما
433
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنى 23:20:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۈرەك ئوغرىسىغا كۆپ رەھمەت!
ئايقىز دىگەندەك داۋامىنى توختاتماي يوللاپ تۇرارسىز.
مەنمۇ ياخشى ئوقۇغۇچىڭىز بولۇشقا قەتئى تىرىشىمەن

[ دىلەيسەم بۇ يازمىنى  2010-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنى 23:21  دە تەھرىرلىگەن. ]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1860

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى 12:41:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قېنى بىر تىرىشىپ كۆرەي، ئېنگىلىزچىدىن ساۋاتلىق بوپ قالغىدەكمەن.

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

مۇنبەر مەسئۇلى

نازارەتچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
573 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
1179

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 2-كۈنى 10:31:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆپىنچىللىرى بىزگە كېرەك بولۇپ تۇرىدىغان سۆزلەركەن، مەن خېلى كۆپلىرىنى بىلىدىكەنمەن. ئالىي مەكتەپتە ئانچە-مۇنچە ئۆزلىگىمدىن ئۆگەنگەن. ھەر ھالدا ئۇنتۇلۇپ قالماپتىمەن.
  يۈرەك ئوغرىسى، داۋاملىق تەكرار قىلىپ تۇرغايسىز! بالىلارغا ئۆگىتىشىمىزدە ياردىمى بولۇپ قالسىكەن، دەيمەن.

Rank: 8Rank: 8

توردا
156 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى
نادىر
1
يازما
458

Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 2-كۈنى 14:51:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەنگىلىيىلىك ئالىملار يېقىندا ئېلان قىلغان تەتقىقات دوكىلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە ، چەت ئەل تىلى ئۆەىنىش چوڭ مېڭىنىڭ قېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن . ئەنگىلىيە يورك ئۇنىۋېرستېتىنىڭ دوكتورى ئېللىن بىياليستوك ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى ئانا تىلىنىلا ياكى قوش تىل بىلىدىغان 104ئوتتۇرا ياش ،50 ياشانغان كىشى ئۈستىدە سىناق ئېلىپ بېرىپ قوش تىل بىلىدىغان كىشىلەرنىڭ ئىنكاسىنىڭ بىرلا تىل بىلىدىغان كىشىلەرگە قارىغاندا تېز بولىدىغانلىقىنى بايقىغان .

Rank: 8Rank: 8

توردا
550 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
5
يازما
842

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 2-كۈنى 15:56:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۈرەك ئوغرىسىنى تونۇغاندەك قىلىمەن. باشئەگىم چايخانىسىدىكى يۈرەك ئوغرىسى شۇما؟

ۋاي پۇتۇم!!!!!

Rank: 2

توردا
7 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 19-كۈنى
نادىر
0
يازما
37
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 8-كۈنى 23:17:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باشئەگىم چايخانىسى.....باشئەگىم چايخانىسى دەڭ.... قارىغاندە كونا تۇنۇشلارمۇ چىقىپ قالىدىغان چىراي.

Rank: 8Rank: 8

توردا
550 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
5
يازما
842

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 8-كۈنى 23:22:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باشقا تورخانىغا كىرىپ قېلىپ تاپالماي، ئاندىن مېنى تىللاپ كەتكىنىڭىز ئىسىڭىزدىمۇ؟

ۋاي پۇتۇم!!!!!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى 09:24 , Processed in 0.049919 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش