يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 733 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 732|ئىنكاس: 4

مەنمۇ سالامغا كەلدىم! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

توردا
8 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 16-كۈنى
نادىر
0
يازما
67
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنى 15:55:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم : <يەتتە قىزلىرىم > مۇنبىردىكى ئەزىزلەر ، مەن <قارشى قىرغاق>تىن بارلىق قېرىنداشلىرىمغا سەمىمى سالام !

   مەن ئالدى بىلەن بۇ مۇنبەرنىڭ ئىسمىنى بەكمۇ ياقتۇرۇپ قالغان ، ئاندىن مۇنبەردىكى بارلىق دوستلارنىڭ دوستانە مېھىربانلىغى ھەم ئىناق-ئىجىل ،خۇشخۇي كەيپىياتلىرى ،نادىر يازمىلىرى مېنى ئۆزىگە تارتىۋالدى ، مەن ھەم دوستلار بىلەن سەپەرداش بولۇپ <يەتتە قىزلىرىم> مۇنبىرى ئۈچۈن بىرلىكتە تىرىشىش ئىستىگىدە سېپىڭلارغا ئۆز ئىختىيارلىغىم بىلەن  قوشۇلۇشنى
نىيەت قىلدىم !
ئۆزبېك ناخشىچىسى زىيادەنىڭ <مۇھەببەت >دىگەن ناخشىسى ھوزۇرۇڭلاردا بولسۇن .

ئېي مۇھەببەت بۇنچىلار ھۆسۈنكارسەن ،
  ئېي مۇھەببەت ئارام -بەخش غۇبارسەن .
ئېي مۇھەببەت گاھىدا دىل ئازارىسەن ،
ئيې مۇھەببەت قەلبىمدە ...دائىمابارسەن .


مۇھتاجدۇرمەن دائىما مېھرىڭگە مەن ،
ھەر يۈرەككە پۈتۈلگەن مۆھرىڭگە مەن .
لال قالغانمەن كۆرسەتكەن سېھرىڭگە مەن ،
ئيې مۇھەببەت ياكى سەن سېھىرگەرسەن .

  ئويلانمىغان يۈرەكلەرنى ئويلىتىسەن ،
   يىغلىمىغان دىللارنى يىغلىتىسەن .
   ئېي مۇھەببەت ياكى سەن ھۆكۈمدارسەن .

  يول قويىسەن بەزىدە خاتاغىمۇ ھەم ،
بىراق سەن     شاھ ھەم گادايغا ھەم .
   نىمە كۈلپەتلەرنى سالمىدىڭ لەيلىگە ھەم ،
  ئيې مۇھەببەت ياكى سەن جاۋابكارسەن ياكى سەن سېھىرگەرسەن


ئۇ تەرەپتە كىم بار ؟

Rank: 8Rank: 8

توردا
214 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
2
يازما
557

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنى 23:38:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قارشى قىرغاق ياخشىمۇسىز؟
مۇنبەرگە قەدەم تەشرىپ قىلغىنىڭىزدىن تولىمۇ خۇرسەن بولدۇم،چۇنكى،سىز  ئۇ تەرەپتە كىم بار دەيتىڭىز.مانا بۇگۇن بۇ مۇنبەرگە كىرىپ بۇ تەرەپتە سىزدەك ياشلارنىڭ بارلىغىنى ھېس قىلىپ يەتتىڭىز .سىزنىڭ بۇ يەتتە قىزلېرىم مۇنبىرىگە كەلگەنلىگىڭىز  ئۇچۇن ئىسمىڭىز ۋە جىسمىڭىزغا لايىق مەنمۇ مۇنۇ شىېرىمنى سىزگە سوۋغا قىلدىم.

مەن دەريانىڭ شىمال تەرپىدە،
سەن ئۇ قاتتا شەرقىي شىمالدا.
دوستلۇق ھىدىمىز تارايدۇ ئاستا،
مەيىن چىققان غۇر غۇر شامالدا.

دەريا جىمجىت ئاقار يىراققا،
قەلبىمدىكى پىنھان ماكانغا.
ئىككى قىرغاق ئىككى قولىمىز،
يەتمەك قىيىن ئىكەن ئارمانغا.

تەلپۇنۇشتە ئېيتىدۇ ناخشا،
بىر جۇپ قىزىل يۇرەك ئۆز ئارا.
سېڭىپ كېتەر ئۇپۇق قوينىغا،
كۆز قارچۇغوڭ شۇنداق قاپ قارا.

بىز چاچايلى مۇشۇ دەرياغا،
مېھرىمىزدىن دوستلۇق چاچقۇسى.
سۇغا سېڭىپ كەتسۇن ئاخىرى،
ئاسماندىكى ئاينىڭ شولىسى.

[ otkankunlar بۇ يازمىنى  2010-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنى 23:55  دە تەھرىرلىگەن. ]

Rank: 1

توردا
5 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 4-ئاينىڭ 30-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى
نادىر
0
يازما
11
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى 08:26:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋائەلەيكۇم ئەسسالام

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1828

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى 12:19:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، قارشى قىرغاق، يەتتە قىزلىرىمنى ئۆز كۆرۈپ دائىم كىرىپ تۇرغايسىز.
يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرىدىكىلەر كونا-يېڭى بولسۇن بىردەمدىلا سىردىشىپ يېقىن دوستلاردىن بولۇپ قالىمىز،
ئۆتكەن كۈنلەرنىڭ سىزگە ئاتاپ يازغان شېئىرى بەكلا يارىدى. ئۆتكەن كۈنلەر قەلىمىڭىز توختاپ قالمىسۇن داۋاملىق يېزىڭ.

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 2

توردا
8 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 16-كۈنى
نادىر
0
يازما
67
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى 20:52:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قارشى ئالغان دوستلارغا كۆپ رەھمەت !

[ Qarshi_Qirghak بۇ يازمىنى  2010-يىلى 10-ئاينىڭ 2-كۈنى 20:51  دە تەھرىرلىگەن. ]

ئۇ تەرەپتە كىم بار ؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى 00:18 , Processed in 0.048903 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش