يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1919 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 337|نەقىل: 5

يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرى ئىچىدىكى «ھارماس كاككۇك» --زۆھرە كېرەم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

توردا
170 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 21-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى
نادىر
2
يازما
983

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى 18:29:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

2011-يىللىق شىنجاڭ بويىچە ئىلغار پىدائىي بولۇپ سايلانغان زۆھرە كېرەم ھەققىدە خاتىرە


vsv يېزا پىدائىيلىرى تورى خەۋىرى: ئەگەر سىز شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى 107.4 چاستوتىدىكى سەنئەت ئاڭلىتىشىنى ئاڭلىسىڭىز، چوقۇم زۆھرە كېرەمنى تونۇماي قالمايسىز. ئۇ رىياسەتچىلىك قىلغان "شاتلىق مىنۇتلىرى"، "شەھەر ئاۋازى" پروگراممىلىرى كەڭ ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن بولۇپ، ئۇنىڭ يېقىملىق ئاۋازى ھەمىشە مەركىزى شەھەردىكىلەرنىڭ غەم- قايغۇلىرىنى سۈپۈرۈپ تاشلىغاچقا، كۆپچلىك ئۇنى يېقىملىق قىلىپ "مەركىزى شەھەر ئاسمىنىدىكى ھارماس كاككۇك" دەپ ئاتىشىدۇ.

بۇ "كاككۇك" يېقىملىق ئاۋازى بىلەن قەلىبلەرنى تەسكىن تاپقۇزۇپلا قالماي، يەنە ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق مېھىرى- مۇھەببەت ئۇرۇقىنى چاچىدۇ. ئۇ، ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلىرىدا vsv يېزا پىدائىيلىرىگە قاتنىشىپ، پىدائىيلار ئېلىپ بارغان ھەربىر پائالىيەتتە ئاۋازى ۋە ھەرىكىتى بىلەن مېھىرى- مۇھەببەت يەتكۈزۈپ، ئىسانلار ئارىسىدىكى چىن مۇھەببەت كۆرسەتمەكتە.

2010-يىلى 10-ئايدا، ئۇ بىر تاساددىپىي پۇرسەت بىلەن "شىنجاڭ vsv يېزا پىدائىيلىرى" دىن ئىبارەت بۇ ساخاۋەت تەشكىلاتى بىلەن ئۇچرىشىپ قالىدۇ. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئىديىسى، خادىملار قۇرۇلمىسى ۋە مۇلازىمەت مەزمۇنى زۆھرە كېرەمگە يېقىپ قالغانلىقتىن، تەشكىلات يېتەكچىسى يالقۇن ئوسمان بىلەن كۆپ قېتىم پىكىرلىشىش ئارقىلىق، ئاخىرى مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ رەسمىي ئەزاسى بولۇپ قالىدۇ. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن،  زۆھرە كېرەم يېزا پىدائىيلىرىنىڭ بارلىق پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىپ كېلىدۇ. تۇرپان بۇيلۇق يېزىلىق مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ سەيلەگڭگەر ئوقۇتۇش نۇقتىسى، پىچان چىقتىم بازارى باي كەنتى باشلانغۇچ مەكتىۋى، تۇيۇق كەنتى باشلانغۇچ مەكتىۋى، ئاقسۇ ئونسۇ ناھىيەسى، ئىلى قورغاس ناھىيەسى قاتارلىق ھەممە جايدا "ھارىماس كاككۇك"نىڭ ئىزناسى قالدى، تۈمەن كىلومېتىردىن ئارتۇق يول ئۇنىڭ جاپالىق سەپىرىنىڭ گۇۋاھچىسى بولۇپ قالدى. 2011-يىلى 10-ئايدا،"ھارىماس كاككۇك"نىڭ قەدەمى 6 كۈن ئىچىدە 3500 كىلومېتىردىن ئارتۇق يول بېسىپ، شىنجاڭدىن ئېشىپ گەنسۇ ئۆلكىسى مىنلې ناھىيەسىگە يېتىپ بېرىپ، پىدائىي مۇلازىمەت ئېلىپ باردى، ھەمدە بۇ يەردىكى يېزا مەكتەپلىرى ئۈچۈن تاختا كومپىيۇتېر، ئۆگىنىش بۇيۇملىرى قاتارلىقلارنى ئېلىپ باردى. باشقا پىدائىيلار مۇنداق دەيدۇ: " زۆھرە كېرەم پىدائىي پائالىيەتلىرىگە خۇمار بولۇپ، ھەقىقىي "ساخاۋەت ھەۋەسكارى"غا ئايلاندى".

رادىئو ئىستانسىسدىكى خىزمىتى ئالاھىدە بولغاچقا، زۆھرە كېرەمنىڭ مۇقىم دەم ئېلىش كۈنى يوق. باشقىلار دەم ئالغان كۈنلىرىمۇ، ئۇ يەنىدا خىزمەت ئورنىدا بولىدۇ. ھەر قېتىملىق پائالىيەت بولۇشنىڭ ئالدىدا، زۆھرە كېرەمنىڭ خىزمەت كۈنتەرتىپىگە قۇلايلىق بولسۇن ئۈچۈن، پىدائىيلار ئۇنىڭغا خېلى بۇرۇنلا خەۋەر قىلىدۇ. ھەر قېتىملىق پائالىيەتكە ئۇ ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىدۇ. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: "ھەر نۆۋەت پىدائىي مۇلازىمەت بىلەن شوغۇللانغىنىمدا، ۋاقىت ماڭا بەك تېز ئۆتكەندەك بىلىنىدۇ. بىزنىڭ ئاساسلىق قىلىدىغىنىمىز زىيارەت، ئىئانە ۋە ئوقۇتقۇچى تەربىيىلەش بولۇپ، پائالىيەت ئاخىرلىشاي دىگەندە، يېزىدىكى ئوقۇتقۇچىلار ۋە بالىلارغا قاراپ، شۇنداقلا يۇرتداشلارنىڭ تەشنالىق كۆزلىرىنى كۆرۈپ، ئۇلاردىن ئايرىلغۇم كەلمەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن تەڭ، زىممىمىزدىكى يۈكنىڭ ئېغىرلىقىنىمۇ ھېس قىلىمەن. بىزنىڭ ھەر بىر ئىپادىمىز، شۇنداقلا كىچكىككىنە بىر سوغىتىمىز ئۇلارغا ئىللىقلىق ۋە ئالغا ئىنتىلىدىغان قۇۋۋەت ئاتا قىلىدۇ. بىز بۇلاردىن كۆپ تەسىراتلارنى ئالىمىز. بۇ تەسىراتلار ياردەمگە مۇھتاج ئاشۇ بالىلاردىن كېلىدۇ؛ بۇ تەسىراتلار بىزنى قوللىغان كىشىلەردىن كېلىدۇ؛ بۇ تەسىراتلار يېنىمىزدىكى ھەر بىر ئاقكۆڭۈل سەپداشلىرىمىزدىن كېلىدۇ........."

مۇھەببەت قانچە چوڭقۇر بولسا، يول شۇنچە ئۇزۇن بولىدۇ! زۆھرە كېرەمدىن ئىبارەت يېزا پىدائىيلىرى ئىچىدىكى بۇ "ھارىماس كاككۇك" بۇندكىن كېيىنكى پىدائىي پائالىيەتلەردە تېخىمۇ گۈزەل، تېخىمۇ يېقىملىق سايرايدۇ!

بۇندىن كېيىنكى كۈنلەردە، ئۇ تېخىمۇ ئىگىز، تېخىمۇ يىراقلارغا ئۇچىدۇ!



لى لې يازماسى

يالقۇن ئوسمان فوتوسى

كۆكتاش تەرجىمەسى


تېما مەنبەسى: http://www.xjvsv.org/uyghur/view.asp?id=969


يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرى ئۇچۇر تورى :

http://www.xjvsv.org/uyghur/index.asp

ئەلكۈيى بىلوگىدىكى تور ئادرىسى :

http://alkuyi.cn/xjvsv

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   saye تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى 08:52  


بىر ئۇستاز ئۇچرىشىپ دوزاخ ھەم بېھىش،ئۆزەڭدە دىدى ئۇ ئېزىپ يۈرمىگىن -ھەييام

Rank: 1

توردا
42 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 10-ئاينىڭ 7-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى
نادىر
0
يازما
76

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى 18:45:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ھەدەش بىلەن مەۋلۇد ئىبراھىم ئاكىمىز رىياسەتچىلىك قىلغان شادلىق مىنۇتلىرى پىروگىرامىسىنى مەن بەك ياختۇرۇپ ئاڭلايمەن . ئىگەم بۇ ھەدەشنىڭ مېھىرلىك قەدەملىرىگە بەرىكەت ياغدۇرسۇن .

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
495 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1893

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى 21:04:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھارىماس دىگەن ھارماس دىگەن گەپمۇ ؟ ئۆزگەرتىپ قويىڭە سايە

جۇدالىق دېڭىزى مېنى ئېقىتىپ ماڭدى سورىدىم :مېنى قايەرگە ئېلىپ بارىسەن
ئاشىقىڭنىڭ بەختى ئۈچۈن ئازاب دېڭزىغا

Rank: 3Rank: 3

توردا
90 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى
نادىر
0
يازما
240
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى 21:56:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئاچاشنىڭ بۇلبۇلدەك ياڭراق ئاۋازى پۈتكۈل ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھەربىر ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ قەلب قەسىرلىرىدە جاراڭلايدۇ.

Rank: 3Rank: 3

توردا
766 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 7-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
1416

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى 08:21:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مانا بۇ ياشلار روھى!
قىزلارنىڭ پەخىرلىك ئۈلگىسىكەن. قىزلار ئىچىدىكى پىدائى ياش، داۋاملىق ئالغا!

ھەر بىر كۈن يېڭى بىر ھايات!

Rank: 1

توردا
0 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 13-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 26-كۈنى
نادىر
0
يازما
255
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى 11:34:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زوھرە كىرىم  ،  بۇ  ئىسمنى  ئاڭلغاندەك  قلىمەن   ...تىما ئېگسىگە  رەھمەت...

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى 04:52 , Processed in 0.063853 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش