يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 767 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 240|ئىنكاس: 9

مەن ياخشى كۆرگەن يىگىت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

توردا
0 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 7-ئاينىڭ 19-كۈنى
نادىر
0
يازما
12
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى 23:02:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

مەن ياخشى كۆرگەن يىگىت  
بالىلىقىمدىكى دوستۇم ئىدى .  
ئويۇندا ئۇ مېنى ئۇتىۋالاتتى ،  
مەن چىدىماي ئۇنى ئۇراتتىم .  
ئۇ گەپ قىلماي تۇرۇپ بېرەتتى ،  
ئىككىمىز تاتلىق - تاتلىق كۈلۈپ كېتەتتۇق .  

مەن ياخشى كۆرگەن يىگىت  
بويى ئېگىز ، بۇغداي ئۆڭ ئىدى .  
مەن يوشۇرۇن ئۇنى سۆيەتتىم ،  
ئۇ دوستۇڭغا ئاشىقمەن دەيتتى .  
مەن دوستۇمغا ئۇنىڭ ياخشى گەپلىرىنى قىلىپ بېرىپ ،  
ئۆزۈمنى ئىچىمدە مىڭنى تىللايتتىم .  
مەن جاھاندىكى ئەڭ ئەسكى قىز ئىدىم ،  
تىنىقلىرىم قوقاس ئىدى ،  
كۆيەتتىم ، كۈل بولاتتىم ، لېكىن ئۇنى كۆيدۈرەلمەيتتىم .  
كۆز ياشلىرىم مىسرالارغا تامچىلايتتى ،  
يۇلتۇزلارنىڭ ئىچى ئاغرىپ كۆزلىرىنى يۇمىۋالاتتى .  

مەن ياخشى كۆرگەن يىگىت  
ماشىنا ھەيدەيتتى .  
شار – شار يامغۇر ياغقان بىر كۈنى  
ئۇنى بىر كۆرىۋىلىش ئۈچۈن  
تەلۋىلەرچە ۋىلسىپىتلىك قوغلىغان ئىدىم .  
چۈنكى بىر شەھەردە تۇرۇپ ئۇنى كۆرەلمەيتتىم .  

مەن ياخشى كۆرگەن يىگىت  
ئازابلارغا مىخلىنىپ  
سەۋدا بولغان توققۇز يىلىمنى بىلمەيتتى .  
ئۇ دەردتىن ئاقارغان چاچلىرىمنى سىيلاپ قويمىغان ئىدى .  
ئۇنىڭ مەندە  
باغرىمغا باسقۇدەك بىر پارچە سۈرىتىمۇ يوق ئىدى .  

مەن ياخشى كۆرگەن يىگىت  
ئۆزىنى كۆرسەتمىگىلى نەچچە يىل بولدى ...  
بەلكىم ئۇ مېنى ئۇنتۇپلا كەتتى ...  
بەلكىم  
مەندىن چىرايلىق بىر قىزنى سۆيۈپ بولغاندۇ ؟  
ماڭا باغاق ئەۋەتمەي تويمۇ قىلغاندۇ ؟  
ۋە بەلكىم  
مەن ئۇنىڭدىن بۇرۇن توي قىلىپ كېتەرمەن ....  

مەن ياخشى كۆرگەن يىگىت  
<< تۇنجى قار >> دىكى پىرسوناژ ئىدى .  
لېكىن ئۇ مېنىڭ شېئىر يازىدىغانلىقىمنى بىلمەيتتى ،  
ھەم شېئىرمۇ ئوقىمايتتى ...  


ئىلى دەرياسى ژورنىلىنىڭ 2008 - يىللىق 3 - سانىدا ئېلان قىلىنغان .

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
41 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى
نادىر
0
يازما
76

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى 09:26:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نېمە دىگەن ئازابلىق ، سۆيۈش لېكىن سۆيدۈرەلمەسلىك ...

Rank: 4

توردا
221 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى
نادىر
0
يازما
786
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى 09:49:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئاھ ، شۇنچىلىك قېيىن  مۇھەببەت ئازابى ،
ئاھ شۇنچىلىك  سالقىن كۆڭۈلنىڭ باھارى .

مۇنبەر مەسئۇلى

نازارەتچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
573 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
1179

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى 10:01:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۆيۈلۈش- ئۇ بىر بەخت تۇيغۇسى!

ھەر بىر كۈن يېڭى بىر ھايات!

Rank: 2

توردا
171 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
310
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى 10:19:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن  بوپ قالسامچۇ.....................

ھەقىقىي بايلىق سىرتىڭىزدا تۇرۇۋاتقان ماددى نەرسىلەر ئەمەس، ۋۇجۇدىڭىزدا تۇرۇۋاتقان يۇشۇرۇن قابىلىيەت

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
41 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى
نادىر
0
يازما
76

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى 18:33:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
BATUR值爱 يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى 10:19
مەن  بوپ قالسامچۇ.....................

بەلكىم سىزنىڭمۇ كەينىڭىزدە شۇنداق سىزگە ئۈنسىز بەخىت تىلەۋاتقان سۆيگۈ ئىگىسى باردۇر،  سىزبۇنى بىلمەي قالغانسىز؟؟؟؟؟؟؟؟؟

Rank: 3Rank: 3

توردا
73 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى
نادىر
0
يازما
217
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى 21:29:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىزلار چىن مۇھەببەت-چىن سۆيگۈ ئۈچۈن ئۈلىشكە رازى.

Rank: 1

توردا
0 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 26-كۈنى
نادىر
0
يازما
170
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى 11:36:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سويۇلۇش  _ ئۇ بىر  بەخىت تۇيغۇسى  راس  دەيسىز....

Rank: 1

توردا
0 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 26-كۈنى
نادىر
0
يازما
170
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى 12:44:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەر ئاخشمى سنى ئەسلەپ،
خىيال سۇرۇش ئادەت ماڭا،
چۇشلرىمدە شۇ دىدارڭنى،
كورۇشمۇ بىر راھەت ماڭا،

Rank: 3Rank: 3

توردا
9 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
2
يازما
67
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى 20:37:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنى دەمدىكىن دەپ ئالدىراپ كىرىپتىمەن

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى 04:34 , Processed in 0.048715 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش