يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 762 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 230|ئىنكاس: 13

ئالۋاستى خوجايىن ... [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
41 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى
نادىر
0
يازما
76

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى 20:23:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

  مەن ئاۋال ئۆزۈمنى بىر تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي .مەن بولسام مەلۇم بىر ئالىي مەكتەپنىڭ قىز ئوقۇغۇچىسى . بۇ يىل يىگىرمە بىر ياش . توي قىلمىغان . ئائىلە ئەھۋالىم ياخشى ئەمەس .
  مەن بۇ يىل ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن تونۇشۇمنىڭ ياردىمى بىلەن ئىنتايىن تەلەيلىك ھالدا "تەلەيلىكلىگىم قۇرىسۇن " داڭلىق بىر شىركەتكە خىزمەتكە چۈشتۈم . خىزمىتىم ئىشخانىدا ئولتۇرۇپ ماتىريال رەتلەيدىغان خىزمەت بولغاچقا ناھايىتى يىنىك ئىدى . بۇنىڭدىن مەن ئۆزەممۇ بەك رازى ئىدىم.
  ئىشقا چۈشكىنىمگە ئۈچ كۈن بولدى . بۇيەردىكىلەر سەل غەلىتە بولۇپ ئادەتتە ئانچە كۆپ گەپ قىلمايتى . چىرايىدا ھېچ ئىپادە يوق سوغوق مۇئامىلە قىلىشاتتى . پەقەت بىر نەچچە مىجەزى ئوچۇق يىگىتلەر ئاندا مۇندا ئىشلىرىمغا قارىشىپ بېرەتتى . ئەلۋەتتە مەنمۇ چىرايىمنى ئاچماي يۈرەتتىم. پەقەت بىر قىزلا بۇنىڭ سىرتىدا ئىدى . ئۇقىز ئادەم بايلىقى بۆلۈمىدىكى كاتىپ قىز بولۇپ ئۇنىڭ بىلەن چىقىشاتتىم .
  بۇ يېمەك ئىچمەك شىركىتى مەخسۇس كولباسا كونسىرۋاسى ئىشلەپ چىقىراتتى. خام ماتىريالنى شەھەر سىرتىدىكى بىر زاۋۇتتىن ئەكىلەتتى . مەھسۇلاتتى بولسا ئۆلكە ئىچى سىرتىدىكى يىراق جايلارغا تارقىتاتتى . خىزمەت بىناسى جەمئىي توققۇز قەۋەت بولۇپ ئاستىنقى ئۈچ قەۋىتى ئىشلەپچىقىرىش سېخى ئىدى. " ئاڭلاشلارغا قارىغاندا پۈتۈنلەي ئاپتوماتىك ماشىنلاشقان سېخ ئىكەن ." ئۈستىنكى ئالتە قەۋىتى بولسا ئىشخانا بىناسى بولۇپ ، مەن ئالتىنجى قەۋەتتىكى باش دېرىكتور بۆلىمىدە ئىشلەيتىم . بىراق ئەزەلدىن باش دېرىكتورنى كۆرۈپ باقمىغان بولغاچقا ئىچىمدە كۆرۈپ بېقىش ئىستىكى كۈچلۈك ئىدى . كاتىپ قىزدىن بىرقانچە قېتىم سورىغان بولساممۇ جاۋاب ئالالمىغاچقا قايتا سوراپ يۈرمىدىم . چۈنكى ھامان بىر كۈنى كۆرىمەنغۇ دەپ ئويلايتىم .
  تۆتىنچى كۈنى " سەن خىزمەتتىن بوشىتىلدىڭ  ، ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن كادىرلار بۆلىمىگە كىرىپ مائاشىڭنى ئېلىۋال ." كادىرلار بۆلىمى مەسئۇلىنىڭ سوغوق ئاۋازى قۇلىقىمغا كىرىپ ، ئاستا كەينىمگە ئۆرۈلدۈم . كاتىپ قىزنىڭ چىرايى تامدەك تاتىرىپ كەتكەن ئىدى . بۆلۈم مەسئۇلى ئۇنىڭغا خىزمەتنى ماڭا ئۆتكۈزۈپ بېرىشىنى تاپىلاپ چىقىپ كەتتى .  
  ئارىدىن قانچىلىك ئۆتتىكىن ئۇنىڭ سوغۇق قوللىرى مۈرەمگە قويۇلدى . مەن ئۇنىڭغا " مەن تېخى يېڭى كەلگەن تۇرسام ، بۇ خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن قانداق چىقارمەن " دېدىم . ئۇ ھېچ ئىش بولمىغان كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ " خاتىرجەم بول ، سەن قىلالايسەن " دېدى . ئۇنىڭ ئىپادىسىز ھەم سوغوق چىرايغا قاراپ مېنى سوغوق تەر بېسىپ كەتتى .
  ئۇ ئارقىسىغا بۇرۇپ ماڭغاچ ماڭا قاراپ " ئەتىدىن باشلاپ مائاشىڭ ئۆسىدۇ ، ياخشى ئىشلە ، ئۇنىڭ ئىشخانىسى بىرنجى قەۋەتتە " دېدى ، يۈگۈرگىنىچە چۈشۈپ كەتتى .
  قولۇمدا ئۇ ماڭا بەرگەن بىر پارچە ۋاراققا يېزىلغان تېلىفون نۇمۇرى ، قۇلىقىمدا ئۇنىڭ دېگەن شۇ بىر ئېغىز گېپى جاراڭلايتى . "سەن باشلىقنى سورىغان ئەمەسمىدىڭ ، مەنمۇ ئۇنى كۆرۈپ باقمىغان ، ئېھتىمال ئۇنى ھېچكىم كۆرۈپ باقمغان بولسا كېرەك . "


Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
41 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى
نادىر
0
يازما
76

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى 21:22:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ئىككىنجى كۈنىدىن باشلاپ مەن رەسمىي يېڭى خىزمىتىمگە چۈشۈپ ئۇنىڭ ئورنىغا كاتىپ بولدۇم . قىلىدىغان خىزمىتىم ھۆججەت ۋە مال تالونى قاتارلىقلارنى بىر تەرەپ قىلىش ، خىزمەت ئورنۇم ئاۋالقىدەكلا ئالتىنجى قەۋەتتە ئىدى . باشلىق ئەزەلدىن بىز بىلەن بىرگە ئىشلىمەيتتى .
  خىزمەتكە چۈشكىنىمگە بىر ئاي بولۇپ قالغان بولسىمۇ ، باشلىقنى يەنىلا كۆرۈپ باقمىدىم . يىغىنلارغا ئەزەلدىن ئۇنىڭ ياردەمچىسى رىياسەتچىلىك قىلاتتى . ياردەمچى ناھايىتى خۇش پېئىل ئادەم بولۇپ پات پات مېنى تاماققا تەكلىپ قىلاتتى . بىرنجى قېتىم تەكلىپ قىلغاندا ئەدەپ يۈزسىدىن ئۇنىڭ بىلەن تاماققا چىقتىم . راستىنى ئېيتقاندا مەن ئۇنىڭدىن قورقاتتىم . يەنە كېلىپ ياشقا چوڭ ئەرلەرنى ئانچە ياختۇرۇپ كەتمەيتىم . شۇنداق بولسىمۇ ئۇ ئەزەلدىن ماڭا خاپا بولمايتى ، ھەم كۈلۈمسىرەپلا تۇراتتى .
  ۋاقىت ئۇزارغانچە مەن كومپىيۇتېردىكى ماتىريالىدىن بىر غەلىتە ئەھۋالنى بايقاپ قالدىم . بۇ شىركەتتە ھەر ئايدا كەم دېگەندە ئون ئادەم خىزمەتتىن ئىستىپا بېرەتتى ، يەنە كېلىپ بۇلارنىڭ ھەممىسى سىرتتىن قوبۇل قىلغانلار ، ھەم يۈك توشۇغۇچىلار ئىدى . ئالدىنقى كاتىپنىڭكىدەك ئەھۋاللار ناھايىتى ئاز ئۇچىرايتتى . يەنە كېلىپ ئۇلارنىڭ خىزمەتتىن ئىستىپا بېرىش سەۋەبىمۇ يېزىلمىغان ئىدى .  بەلكىم بۆلۈم مەسئۇلىنىڭ ماتىريالىدا بولسا كېرەك . مەن يەنىلا كاتىپقا تېلىفۇن ئۇرۇپ باقاي  .
  شۇ خىيال بىلەن كاتىپقا تېلىفۇن قىلىدىم ، ھەم ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ تۇرۇپلا قالدىم . چۈنكى ئائىلىسىدىكىلەر ئۇنىڭ ئىشقا كېتىپ ئون نەچچە كۈن قايتىپ كەلمىگەنلىكى ئېيتقان ئىدى .كاللامغا شۇ ھامان كۆڭۈلسىز بىر خىيال كەچتى . ھەم شۇ كۈنى  كەچتە كاتىبات ئىشخانىسىغا كىرىپ بېقىشنى خىيالىمغا پۈكتۈم .
  كاتىبات بۆلىمى بىرىنجى قەۋەتتە ئىدى . ئامانلىق ساقلىغۇچىلار ئادەتتە سائەت ئون ئىككىدە نۆۋەت ئالمىشاتتى . ئارلىقتا ئون بەش مىنۇت بوش ۋاقىت مېنىڭ كىرىپ چىقىشىمغا يېتەتتى . بۇ چاغدا ئادەتتە باشلىق ياردەمچىسى   ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيىگە قايتىپ بولاتتى .
   يېرىم كېچە ھەممە ياق تىمتاس ئىدى . مەن بىرنجى قەۋەتنىڭ بىر بۇلۇڭىغا يوشۇرنۇپ ۋاقىتنىڭ توشۇشىنى كۈتتۈم . ئامانلىق قوغدىغۇچلار ئۇياقتىن بۇياققا مېڭىپ يۈرەتتى . مەن بىر قىزبالا تۇرۇپ بۇنداق قاراملىق قىلغىنىمغا سەل پۇشايمان قىلىپ قالدىم .
  قورقۇنىچ ۋە قىززىقىش ئىچىدە ئاخىر ۋاقىتنى توشقۇزدۇم . سائەت ئون ئىككىگە داڭ ئۇردى ، ئامانلىق قوغدىغۇچىلار ئاخىر ئىشتىن ئايرىلدى . ۋاقىت تولىمۇ قىسقا ئىدى . مەن چىشىمنى چىشلەپ ، ئاستا كاتىبات ئىشخانىسىنىڭ ئىشىكىنى ئاچتىم . ھەممە ياق قاراڭغۇ ئىدى . مەن قول چىراغنى يورۇتتۇم ، ئىشخانىدىكى كومپىيۇتېر ئوچۇق ئىدى . مەن خىزمەتچىلەرنىڭ ئارخىبىنى ئاختۇرۇشقا باشلىدىم . لېكىن  ئېكراندا ئارخىپ كۆرۈنمەستىن بىر قارا كۆلەڭگە كۆرۈنۈشكە باشلىدى ۋە كېيىن ئادەم شەكلىگە كەلدى . مەن ھەيرانلىقتا تۇرۇپلا قالدىم . دەسلەپتە ئۇ ئادەم بېشىنى تۆۋەن سالغىنىچە مەن تەرەپكە كەلدى ئاندىن قاردەك ئاپئاق چىشلىرىنى چىقىرىپ ماڭا قاراپ كۈلۈمسىرىدى .
   سىز ؟  - باشلىق ياردەمچىسنى كۆرۈپ نەپەسمۇ ئالالماستىن كەينىمگە قاراپ قاچتىم ،كاللامدا بىرلا خىيال - جىن ، ئۇ بىر جىن .
   يۈگىرەپ ئىشىك ئالدىغا كەلگەندە بىر گەۋدىگە سوقۇلۇپ داجىپ كەتتىم ، ئۇدەل باشلىق ياردەمچىسى ئىدى . مەن قورقۇنىمدىن چىشلىرىمنىڭ كاسىلداشلىرى ھەتتا يۈرەك سوقۇشۇممۇ ئاڭلىنىپ تۇراتتى . " سىز؟ سىز ؟"
  ئۇ ئادەتتىكىدەكلا تەمكىنلىك بىلەن كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ ماڭا " ئومىقىم ، ئۇنچە جاپا چېكىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق ، مەن ھەممىنى سىزگە ئېيتىپ بەرسەم بولىدۇ " دېدى .
   ئۇ بىر قولىنى شۇنداق ھەركەتلەندۈرۈپلا تامنىڭ ئوتتۇرسىدىن چوڭ بىر ئېغىز ئاچتى " كۆردىڭىزمۇ ئادەملەرنى بىۋاستە مۇشۇيەرگە تاشلاپ كولباسا ئىشلەپچىقىرىمىز ، بۇنىڭدا ئىشلار قولايلىق بولىدۇ ، كاتىپ ۋە باشقىلارنىڭ ھەممىسى ئوخشاش ، بىراق كاتىپ ئۆزى تاپقان چۈشەندىڭىزمۇ ؟ بۇ يەردىكى كونسىرۋالارنىڭ ھەممىسى ئۆلۈكلەر، بىراق ئۇ تاساددىبىي مال تالونىدىن بۇنى بايقاپ قالدى . مەن بۇنداق خەتەرگە تەۋەككۈل قىلسام بولمايدۇ . مەخپىيەتلىكنى بىلىپ قالغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئۆلۈشى كېرەك . بىراق سىز دېدى ئۇ مەنىلىك ھىجىيىپ "ئۇلارغا ئوخشىمايسىز ، ئۆتكەن ھەپتىدىكى كولباسانى يېدىڭىزمۇ ؟ تەملىكمىكەن ؟ ". دېدى . مەن سەسكەنگىنىمدىن ئىچى باغرىم ئۆرتىنىپ كەتتى . " سەن ، ئالۋاستى . "
    ئۇ مېنى قۇچاقلىۋالغان ئىدى . "  قەدىرلىكىم ، سىز مەڭگۈ ئالۋاستى بىلەن بىرگە ئۆتىسىز ، مەن سىزنى سۆيىمەن . "مەن ھالسىزلىنىپ كەتكەن ، بوشىشىپ كەتكەن ئىدىم ،ھەم ئۇنىڭ ئۇزۇن ئاپئاق چىشلىرى بەدىنىم ئۈستىدە ئەركىن ھەركەتلىنىۋاتقانلىقىنى غۇۋا سېزىۋاتاتتىم .
   ئارىدىن ئىككى كۈن ئۆتتى . مەن باشلىق ياردەمچىسى  بولۇپ قالدىم .

  سەمىمىي ئەسكەرتىش : باشقىلارنىڭ مەخپىيەتلىكىنى خالىغانچە ئاختۇرماڭ ، بولمىسا ئاقىۋىتىگە ئۆزىڭىز مەسئۇل ......

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1852

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى 12:11:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەدەنلىرىمگە تىترەك ئولىشىپ كەتتىغۇ.
بۇنىڭدىن كېيىن ھەرگىز كونسرۋا يېمەيمەن.
شۇنداق قىلىپ بۇ قىز بۇ ئادەم كونسرۋاچىلارغا قوشۇلۇپ كەتتىما؟

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
231 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1302

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى 22:31:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە كېچىدە كۆرۈپ قالدىمغۇ

مەنىسىز سۆھبەتتىن تەنھا سۈرگەن خىيال ياخشى ...

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
41 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى
نادىر
0
يازما
76

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى 09:20:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادەم كونسىرۋاسىغا ئايلىنىپ كەتكەن بولسا ئازابلاردىن بىراقلا قۇتۇلار ئىدى . بىراق ئالۋاستى خوجايىنغا ياراپ قېلىپ بىراقلا ئالۋاستىغا ئايلىنپ كەتتى ...

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
41 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى
نادىر
0
يازما
76

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى 09:31:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانار ھەدە ھوزۇرلىنىشنى بىلىسىز جۇمۇ ...

Rank: 8Rank: 8

توردا
150 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى
نادىر
2
يازما
833

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى 17:51:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھىكايىنى كۆرۈپ بولۇپ كاللامدا مۇنداق بىر تەڭلىمە چىقىپ قالدى.

مەرىم = 18 كونسىرۋا
ئانار = 14 كونسىرۋا
مودەن = 8 كونسىرۋا
سايە = 12 كونسىرۋا

بىر ئۇستاز ئۇچرىشىپ دوزاخ ھەم بېھىش،ئۆزەڭدە دىدى ئۇ ئېزىپ يۈرمىگىن -ھەييام

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
231 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1302

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى 21:07:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلگيار يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى 09:31
ئانار ھەدە ھوزۇرلىنىشنى بىلىسىز جۇمۇ ...

شۇنى دەڭە ، قىزىمنى ئۇخلىتىپ ئۆينى جىمجىت قىلىپ كۆرگىنىمچۇ تېخى

مەنىسىز سۆھبەتتىن تەنھا سۈرگەن خىيال ياخشى ...

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
231 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1302

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى 21:08:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
saye يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى 17:51
ھىكايىنى كۆرۈپ بولۇپ كاللامدا مۇنداق بىر تەڭلىمە چىقى ...

قىسمەت كىخخخخخخخخخ قىلىۋېتىدۇ سىزنى

مەنىسىز سۆھبەتتىن تەنھا سۈرگەن خىيال ياخشى ...

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1852

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى 11:58:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
saye يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى 17:51
ھىكايىنى كۆرۈپ بولۇپ كاللامدا مۇنداق بىر تەڭلىمە چىقى ...


بۇ كونسىرۋالار بەدەن ئېغىرلىقىغا قاراپ ئۆلچەنگەنمۇ ياكى؟

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى 15:59 , Processed in 0.048029 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش