يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 743 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 91|ئىنكاس: 3

رۇبائىلار(1) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

توردا
214 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
2
يازما
558

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 25-كۈنى 20:51:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

رۇبائىلار(1)

*

مۇھەببەت،مۇھەبەت دەيدۇ ھەر ئىنسان،

مۇھەببەت ئەسلىدە كونا بىر چاپان.

كىيگۈسى كېلىدۇ كىيمىگەنلەرنىڭ،

كىيگەنلەر بېشىدا تۇمەن مىڭ ھىجران.

*

مەينى كوپ ئىچتى دەپ كايىما ئاداش،

مەي بىلەن ئەزەلدىن بولغانمەن سىرداش.

بىلەمسەن مەي شۇنداق ئېسىل نەرسىكى،

ئىلھامنىڭ دىلبىرى بىلەن ئۇلپەتداش.

*

مەيخانە ئىشىگى قىيا ئېچىغلىق،

داپ،دۇتار ئۇ ئۆيدە قاتار ئېسىغلىق.

تاغ سۈپەت ئەركەكلەر كىرىپ چىقىپلا،

قىلىدۇ كوچىدا شۇنچە بەتقىلىق.

*

سەللىنى بەك يوغان ئوراپ بەزىلەر،

يۈرۇيدۇ ئۆيمۇ ئۆي قىلىپ پەتىلەر.

ھەممىدىن بەك يامان گۇناھ ئەمەسمۇ؟

يىتىمنىڭ ھەققىنى بەرمەي يىگەنلەر.

*

ۋاقىتلىق بولغىنى ھەممىسى يالغان،
گۈللەرنىڭ ۋاقىتسىز توزغىنى يامان.
مۇھەببەت سۇيىگە قانمىغان نىكاھ،
ئازاپلىق كۈنلەرگە قالغىنى قالغان.








بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   otkankunlar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى 20:45  


Rank: 3Rank: 3

توردا
72 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى
نادىر
0
يازما
216
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 25-كۈنى 21:57:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پاخخخخخخخخخخخخخخ شېئىرنىڭ گىنىرالىنى يېزىۋىتىپسىز جۇمۇ.

Rank: 8Rank: 8

توردا
207 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى
نادىر
0
يازما
391

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى 01:21:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھەببەت،مۇھەبەت دەيدۇ ھەر ئىنسان،

مۇھەببەت ئەسلىدە كونا بىر چاپان.

كىيگۈسى كېلىدۇ كىيمىگەنلەرنىڭ،

كىيگەنلەر بېشىدا تۇمەن مىڭ ھىجران.


ما ۋۇ يەرلىرى قالتىس يارىدى. بەزى روبائىيلاردىن ئۆمەرھەييامنىڭ پۇرقى كىلىدىكەن

Rank: 3Rank: 3

توردا
9 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
2
يازما
67
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى 17:16:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەينى كۆپ ئىچتى دەپ كايىماي ئاداش ،
بۇلايمۇ مەن ساڭا ئۈلپەت ھەم سىرداش .
مەيسىز مۇ ئىلھاملار تېشىپ تۇرمامدۇ
بولدىڭمۇ ياكى سەن ھەييامغا قاياش ؟

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى 12:25 , Processed in 0.050005 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش