ئالمىنى بۇرۇن ئېلىپ ماڭغان ئادەم
يى مىڭ
بۇ مەن دوستلۇق توغرىسىدا ئاڭلىغان ھېكايىلەر ئىچىدە مېنى ئەڭ تەسىرلەندۈرگەن ، قەلب دۇنيارىمدا ئىزچىل ماڭا ھەمراھ بولۇپ كېلىۋاتقان بىر ھېكايە . يىللار ئۆتكەنسىرى مېنىڭ بۇ ھېكايىگە بولغان چۈشەنچەم ئېشىپ باردى .
بۇرۇن بىر جۈپ يېقىن دوستلار ئۆتكەن ئىكەن ، ئۇلارنىڭ دوست بولۇپ ئۆتىۋاتقىنىغا ئون نەچچە يىلدىن ئېشىپ كېتىپتۇ . ئوتتۇرىسىدا زىددىيەت ۋە تالاش – تارتىش يۈز بەرگەن تەقدىردىمۇ ، ئۇلارنىڭ دوستلۇقىغا قىلچە تەسىر يەتكۈزەلمەپتۇ . تەڭرى بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن ، ئىشەنگۈسى كەلمەي ، ئۇلارنى بىر سىناپ باقماقچى بوپتۇ . شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى چەكسىز كەتكەن قۇملۇققا ئېلىپ كېلىپ ، بۇ قۇملۇقتىن ئۆز كۈچىگە تايىنىپ چىقىپ كېتىشكە بۇيرۇپتۇ . ئۇلاردىن ئۇنچە يىراق بولمىغان يەردە ، بىر تۈپ ئالما دەرىخى بارئىكەن . ئالما دەرىخىدە بىر يوغان ، بىر كىچىك ئىككى تاللا ئالما بولۇپ ، يوغان ئالمىنى يېگەن ئادەم بۇ قۇملۇقتىن ساق – سالامەت چىقىپ كېتەلەيدىكەن ، كىچىك ئالمىنى يېگەن ئادەم بولسا ، قۇملۇقتا ئۆلۈپ كېتىشى مۇمكىنكەن . شۇنىڭ بىلەن ، ئىككىيلەن كەچ كىرىشتىن ئىلگىرى ئالما دەرىخى بار يەرگە يېتىپ كېلىپ ، كىمنىڭ چوڭ ئالمىنى يېيىشى ، كىمنىڭ كىچىك ئالمىنى يېيىشى توغرىلىق تالاش – تارتىشقا چۈشۈپتۇ . بىرلىككە كېلەلمىگەن بولغاچقا ، تاڭ يورىغان چاغدا، قارار چىقىرىدىغانغا كېلىشىپ ، ئۇيقۇغا كېتىشىپتۇ .
تاڭ يورىغان چاغدا ، بىرسى قارىسا يېنىدىكى ھەمراھى يوق ، دەرەختىكى ئالمىمۇ بىر تال كەم تۇرغىدەك ، ئۇ دوستىنى ئالمىنىڭ چوڭىنى يەپ كېتىپ قاپتۇ دەپ ئويلاپتۇ –دە ، قالغان كىچىك ئالمىنى ئۈزۈپ ، ئاچچىق كۈلگىنىچە ، يولىنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ ، ئۇ ماڭا – ماڭا قارىغۇدەك بولسا ، دوستى قۇملۇقتا يېتىپ قالغان . ئۇ دوستىنىڭ قولىدىكى ئالمىنىڭ ئۆزى ئېلىپ ماڭغان ئالمىدىن كىچىك ئىكەنلىكىنى بىلگىنىدە ، قانداق ئويلىغىنىنى سىز تەسەۋۋۇر قىلالامسىز ؟
دوست دەيمىز ؟ دوست دېگەن نېمە ؟ بۇ ھېكايىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ، مەن ئۆزۈمنىڭ قانچىلىك دوستى بارلىقىنى دەپ ئولتۇرمايدىغان ، دوستلىرىمدىن قايتا گۇمانلانمايدىغان بولدۇم .
خەنزۇچە < ئاياللار ئوقۇشلۇقى > ناملىق ژورنالنىڭ 2006-يىللىق 10-سانىدىن تەرجىمە قىلىندى .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا otkankunlar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 25-كۈنى 20:27