يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 758 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 117|ئىنكاس: 2

ئەيدىز بىزگە قانچىلىك يېقىن ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

توردا
0 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 7-ئاينىڭ 19-كۈنى
نادىر
0
يازما
12
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 25-كۈنى 20:13:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئەيدىز بىزگە قانچىلىك يېقىن ؟   


ھەر قېتىم تېلېفون خاتىرەمنى ئېچىپ ، پ xxxx دېگەن ئىسىم ۋە نومۇرلارغا كۆزۈم چۈشۈپ قالسىلا ، ئەمدىلا 20 ياشتىن ئاشقان شۇ قىزچاق دەرھال يادىمغا كېلىۋالىدۇ ، ( بەلكىم ھازىر ھايات بولسا 25 ياشلارغا كىرىپ قالغاندۇ ... ) .
   ئۇ ئەسلى بىزنىڭ مەھەللىدىكى باي بىر ھاجىمنىڭ يىراق تۇغقىنىنىڭ قىزى بولۇپ ، ئۇلار بۇ قىزنى ئائىلە ئىشلىرىنى قىلىدىغانغا چاقىرىپ ئەكىلىپ تۇرغۇزىۋاتقىنىغا بىر نەچچە يىللار بولغان ئىدى . بۇ ئائىلىنىڭ كەنجى ئوغلى 16 ياش ۋاقتىدىلا ئىچكىرىگە كىرىپ كېتىپ ، زەھەرلىك چېكىملىككە ئۆگىنىپ قېلىپ ، دادىسى كۈيئوغلىغا دەپ يۈرۈپ ئاران ئەچىقىۋالغان ئىدى . ئۇ ئەيشى – ئىشرەت ، كەيپى – ساپادا يۈرۈشنى ھەقىقىي ئەركەكنىڭ ئىشى دەپ بىلىدىغان قەلبى زەئىپ ياش بولغاچقا ، ئۆزىنىڭ ئىچكىرىدە نېمە ئىشلارنى قىلغىنىنى ئالدىدىكى ئادەم مەيلى چوڭ – كىچىك ، قېرى – ياش بولسۇن ھېيىقماستىن دەۋىرەتتى ، ئۇ ھەتتا ئۆزىنىڭ ئەيدىز كېسىلى بولۇپ قالغىنىنىمۇ كىشىدىن يوشۇرۇپ ئولتۇرمايتتى . ئۆزى ئەمگەك قىلىپ بىر تىيىن تېپىش ئۇياقتا تۇرسۇن ، ئۆيدىكىلىرىنىڭ ئۇنىڭ كېسىلىنى دەپ ئاڭلىغانلىكى دورا – ئوكۇللارنى ئىشلەتكىنىنى چوڭ ئىش دەپ بىلىپ ، كىشىلەر ئالدىدا ماختىناتتى .
   توساتتىن پ x نىڭ بۇ كەنجى ئوغۇل بىلەن توي قىلىدىغانلىق خەۋىرى قۇلىقىمغا كىرىپ قالدى ، لېكىن پەقەت ئىشەنگۈم كەلمەي ، ھەر قانچە بولسىمۇ چوڭلار بۇ ئىشنى توسىۋالار ؟ ئۇلار دېگەن ھاجىم تۇرسا دېگەنلەرنى ئويلاپ بۇ خەۋەرنى يالغانغا چىقاردىم ، ئەپسۇس مىڭ ئەپسۇس پ x گۆدەكلىكىدىنمۇ ياكى بۇ خىل كېسەلنى بىلمەمدۇ ، ۋە ياكى بۇ ئۆيدىكى باياشاد تۇرمۇش ھەم بۇ ئۆيدىكىلەر تاقاپ قويغان ھەرخىل زىبۇ – زىننەتلەر كۆڭۈل كۆزىنى قارىغۇ قىلىپ قويدىمۇ ، بۇ توي ئىشىغا قوشۇلۇپتۇ . ئۇلارنىڭ توي  قىلغانلىقىنى مەن يازلىق تەتىلدە ئۆيگە كەلگەندە ئاڭلاپ ئۇ قىزغا تولىمۇ ئىچىنغان ئىدىم .
   بىر كۈنى ئۈرۈمچى دۆڭكۆۋرۈكتە كېتىۋاتسام پ x تۇيۇقسىز ئالدىمدا پەيدا بولۇپ قالدى ، قارىسام ئۇ ئوماق بىر قىزنى كۆتىرىۋاپتۇ ، ئۇ بۇ ناتونۇش شەھەردە مەندەك بىر مەھەللىدىشىنى ئۇچراتقىنىدىن تولىمۇ  خوشال بولغىنىنى بىلدۈرۈپ ، مېنى تۇرىۋاتقان ئۆيىگە كىرىپ مېھمان بولۇپ كېتىڭ دەپ بەك چىڭ تۇرىۋالدى ، ئۇ ئاجرىشىپ  كەتكەن يولدىشىنىڭ يەنە بوزەك قىلىشىدىن ئەنسىرەپ ، بۇ تۇغقىنىنىڭ ئۆيىدە پاناھلانغاچ بالىسىنى بېقىپ بېرىۋىتىپتىكەن ، ( چۈنكى بۇ قىزنى يولدىشى بىر قانچە قېتىم ئىزدەپ بېرىپ ، يارىشىۋىلىشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ، بۇ قىز ئۇنىمىسا ئۇرغان ئىكەن ) مەن ئالدىراشلىقىمنى ، كېيىن چوقۇم ئىزدەپ بارىدىغانلىقىمنى ئېيتىپ تېلېفون نومۇرىنى خاتىرىۋالدىم ، ئۇمۇ مېنىڭ نومۇرۇمنى يېزىۋالغان ئىدى .
  ئۈرۈمچىدىكى ئالدىراش كۈنلەردە ئۇنى ئىزدەپ بېرىش بارغانسىرى ئارقىغا سۈرۈلۈپ كېتىۋاتاتتى ، توساتتىن بىر كۈنى ئۇ ماڭا تېلېفون قىلىپ ، بۈگۈن زادى كېلىپ مېھمان بولۇپ كەتمىسىڭىز خاپا بولۇپ قالىمەن دەپ تۇرىۋالدى ، شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇ تۇرىۋاتقان ئۆيگە باردىم .
  ساھىبخان بەكمۇ قىزغىن ، ئوچۇق ئايال ئىكەن ، ئۇ مېنى تاماققا ئېلىڭ – بېقىڭ دېگەچ ، پ x نىڭ ئىشقا پىشقان ، چىۋەر ، تاماققا ئۇستىلىقىنى ، يېڭى تۇغۇلغان بالىسىغا بالا باققۇچى تاپالماي قىينىلىۋاتقان چاغدا ئۇنىڭ دەل ۋاقتىدا ئەسقېتىپ چوڭ غېمىدىن خالاس قىلغانلىقىنى زوق – شوخ بىلەن سۆزلەپ كەتتى . شۇ چاغدا قارىسام پ x بوۋاققا نان چايناپ يېگۈزگىلى تۇرۇپتۇ ، شۇ ھامان كاللامغا ، ناۋادا بۇ قىزدا شۇ خىل كېسەللىك ۋىرۇسى بولسا ، بۇ بىچارە بوۋاققىمۇ يۇقۇپ قالارمۇ دېگەن خىيال كېلىۋىلىپ ، بىر دەقىقە ھاڭۋىقىپ تۇرۇپ قالدىم .
   لېكىن ساھىبخان ماڭا ، پ x قا بىر تۇغقىنىنىڭ ئوغلىنىڭ كۆزى چۈشكىنىنى سۆزلەپ ، بالام سەل چوڭ بولىۋالسا ، بۇ تويغا چوقۇم جىق كۈچ چىقىرىمەن دەپمۇ ئۈلگۈردى ، دېمەك دەۋرنىڭ خېلى ئالدىدا كېتىۋاتقان بۇ ئايال ، بۇ قىزنى پەقەت تۇرمۇش ئىشىدا بەختسىزلىككە ئۇچراپ ئاجرىشىپ كەتتى دەپلا بىلىدىكەن ، باشقا ئىشلاردىن پۈتۈنلەي خەۋىرسىز ئىكەن .
   شۇ كۈنى ئۇ ئۆيدىن پەرىشان بولغىنىمنى چاندۇرماي قايتىپ چىقتىم ، سىرتقا چىقسام قاتتىق يامغۇر ياغقىلى تۇرۇپتۇ ، ئاپتوبۇسقا چىققىممۇ كەلمەي ، ياتىقىمغا چىلىق – چىلىق سۇ بولغىنىمچە ، پىيادە قايتىپ كەلدىم . مانا شۇنىڭدىن كېيىن پ x بىلەن قايتا ئالاقىلىشىپ باقمىغان بولساممۇ ، لېكىن ئۇنى پەقەتلا ئۇنتىيالمىدىم . ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئۈچ خىل يۇقۇش يولى بارلىقىنى ئېنىق بىلسەممۇ ، لېكىن شۇ چىرايلىق قىز بوۋاققا يۇقۇپ قالغانمىدۇ دېگەن ئەندىشە ھازىرمۇ مېنى ئازابلاپ كېلىۋاتىدۇ . بەلكىم پ x دا مەن ئويلىغاندەك كېسەل يوقتۇ ، مەن ئۆزۈم ئارتۇقچە ئويلاپ ، شۇ خىل كېسەللىك بېمارى بىلەن توي قىلغاندىن كېيىن چوقۇم يۇقىدۇ دەپ دېئاگنوز قويىۋالغان بولۇشۇم مۇمكىن .
جۇڭگو كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش مەركىزى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا 2010-يىلى بىر يىل ئىچىدە يېڭىدىن بايقالغان ئەيدىز يۇقۇمدارى 4399 نەپەر بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 1925 ئادەمدە ئاللىقاچان كېسەللىك قوزغالغان، يەنە 1242 نەپىرى ئۆلۈپ كەتكەن. شۇنىڭ بىلەن 2010-يىلىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تىزىمغا ئېلىنغان جەمئى ئەيدىز يۇقۇمدارىنىڭ سانى 33149 غا يېتىپ، مەملىكىتىمىزدىكى ئەيدىزنىڭ تارقىلىشى ئېغىر 5 ئۆلكە( ئاپتونوم رايون) نىڭ بىرسى بولۇپ قالغان .
2010-يىلى 4-پەسىلدە، ئاپتونوم رايون بويىچە تىزىملانغان يۇقۇملانغۇچى 1002 نەپەر بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئەرلەر 587 نەپەر، ئاياللار 415 نەپەر، ئەرلەر ۋە ئاياللارنىڭ نىسبىتى 1.4:1 بولغان.
ياش قاتلىمى جەھەتتىن، بۇ پەسىلدىكى يۇقۇملانغۇچىنىڭ ئىچىدىكى 20 ياشتىن 49 ياشقىچە ئارىلىقتىكىلەر 88.7% نى ئىگىلىگەن .
كېسەللىكنى يۇقتۇرىۋېلىش سەۋەبى جەھەتتىن تەھلىل قىلغاندا، بۇ 1002 نەپەر يۇقۇملانغۇچىنىڭ ئىچىدە ئەر-ئاياللىق جىنسى مۇناسىۋەتتىن يۇقۇش ئاساسلىق بولۇپ، 48.5% نى ئىگىلىگەن، زەھەرلىك چېكىملىكنى ئوكۇل قىلىپ ئۇرۇشتىن يۇقۇملانغانلار بولسا 31.4%نى ئىگەللىگەن، بۇلاردىن سىرت يەنە ھەمجىنىسلار ئارىسىدىكى تارقىلىشىمۇ كۆپىيىپ، 2.1% كە يەتكەن. يەنە 11.5% يۇقۇملانغۇچى يۇقۇملىنىش سەۋەبىنى ئېنىق ئېيتىپ بېرەلمەيدىكەن . بۇ پەسىلدە بايقالغان يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ رايونلار ئارا تارقىلىشىغا قارىساق، يۇقۇملانغۇچى كۆپ بايقالغان رايونلار تەرتىپ بويىچە ئىلى ئوبلاستى، ئۈرۈمچى شەھىرى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، قەشقەر ۋىلايىتى، بايىنغۇلىن ئوبلاستى ۋە خوتەن ۋىلايىتى ئىكەن.
   ھەر قانداق كېسەللىكنى بىز << ساڭا كېلىدۇ ، ماڭا كەلمەيدۇ >> دېيەلمەيمىز ، << قوزا كېتەمدۇ ، قويمۇ >> بۇمۇ بىز قارار قىلالايدىغان ئىش ئەمەس . كۆپ قىسىم كىشىلەر بۇ ئەيدىز كېسىلىنى ئۆز قىلمىشى ئارقىلىق يۇقتۇرىۋىلىۋاتىدۇ ، لېكىن يەنە بىر قىسىم كىشىلەرنى شۇ يۇقتۇرىۋالغۇچىلار زىيانكەشلىككە ئۇچرىتىۋاتىدۇ . ھازىر دىيارىمىزدىكى ھەربىر كىشى مېنىڭ ئەتراپىمدا ئەيدىز بىمارى يوق دەپ كېسىپ ئېيتالمايدىغان ۋەزىيەت شەكىللىنىپ قالدى ، شۇڭا ئەگەر مۇشۇ ئەيدىز بېمارى مەن بولۇپ قالغان بولسام قانداق قىلاتتىم دېگەننى ئويلاپ ، مۇداپىئە كۆرۈشنى ئاۋال ئۆزىمىزدىن باشلاپ ، ئۇلاردىن يىرگەنمەي ، قولىمىزدىن كېلىشىچە ياردەم قىلىپ ، ئۇلارغا ئۆزىمىز ياشاۋاتقان بۇ گۈزەل دۇنيادىن تېگىشلىك نېسىۋىسىنى بېرەيلى ، چۈنكى ئۇلارمۇ بۇرۇن بىزگە ئوخشاش ساغلام كىشىلەر ئىدى .

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   otkankunlar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-يىلى 1-ئاينىڭ 25-كۈنى 20:29  


Rank: 1

توردا
0 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 7-ئاينىڭ 19-كۈنى
نادىر
0
يازما
12
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 25-كۈنى 20:15:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    سانلىق مەلۇماتلار يۈكسەل بلوگىدىن ئېلىندى .

مۇنبەر مەسئۇلى

نازارەتچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
560 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
1178

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى 18:41:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزمۇ قارىغاندا بەك ئېھتىياتچان ئوخشايسىز. كۆپ پىكىر يۈرگۈزۈپسىز.
   ھازىر ئەيدىز (شىددەت بىلەن دېيىشكە بولىدۇ) ئۇلغىيىپ كېتىۋاتىدۇ. ھۆكۈمەت تەرەپمۇ بۇ مەسلىگە ئالاھىدە ئېتىبار بىلەن قاراپ، بىمارلار بايقالغان ھامان ئاممىدىن ئايرىپ، مەخسۇس داۋالاش ئورۇنلىرىغا ئەۋەتىپ داۋالىتىش ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. ئەمما جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئەيدىز خۇددى قان راكى قاتارلىق كېسەللىككە ئوخشاشلا ئاپتونۇم رايونىمىزنى قاپلاشقا باشلىدى. بېسىم قانچە يۇقىرى بولسا، قارشىلىق شۇنچە كۈچلۈك بولىدۇ، دېگەندەك دۆلەت قانچە كۈچەپ ھەر خىل يامان ئىشلارغا زەربە بېرىپ توسقانسېرى بۇ خىل يامان ئىشلار كۈنسىرى ئېشىپ كېتىۋاتىدۇ. كىشىلەرنىڭ ئەقلى قابىلىيىتى، ئېڭى، ئىدىيىسى ئېچىلغانسىرى يامان ئىشلارنىڭ تەمىنى بەكرەك تېتىپ  باققۇسى كېلىدىغان ئوخشايدۇ. مۇشۇنداق سانلىق مەلۇماتلارنىڭ ئالدىدا قايسىمىز قورقماي تۇرالايمىز؟ قايسىمىزنىڭ يۈرىكى سالمىدى شۇ تاپتا. شىنجاڭدا دەسلەپتە ئىلى رايونىدا بايقىلىپتۇ، دېسە شۇنداق قورققان. مانا ئەمدىلىكتە جەنۇپتىكى ۋىلايەت، ئوبلاستلاردىمۇ كۆپىيىپ كېتىۋاتىدۇ ئەمەسمۇ. ئەيدىزنىڭ يۇقۇش يوللىرى پەقەت ئۈچ خىل، ئەمما يەنىلا سەگەك بولۇپ، ھۇشيار تۇرغىنىمىز ياخشى. خۇدايىم بۇيرىسا ھازىرغىچە ئەيدىز بىمارلىرىنى كۆرەپ باقمىدۇق، ئەمما كېسىپ ئېيتالىشىمىز مۇمكىن ئەمەس. ئاپاملارنىڭ يان كورپۇستىكى قوشنىسىدا  شۇ خىل كېسەل بايقىلىپتۇ، دەپ ئاڭلىغىنىمىز بار، ئەمما داۋاملىق خىزمىتىنى قىلىپ، ئۆيىدە بىخارامان يۈرىۋاتىدۇ، سۆز-چۆچەكمۇ بىلمىدۇق. ياكى بىرەر داۋالاش ئورۇنلىرىنىڭ بىرەر ياققا ئېلىپ ماڭغىنىنى بىلمىدۇق. بەلكىم خاتا دېئاگنۇز بولۇشى مۇمكىن، دېيىشتى.
   ئۆزىنى تونۇيدىغان مائارىپ ئىدارىسىنىڭ شوپۇرى بولىدىغان. ھازىر ئۈرۈمچىدە داۋالاشنى قۇبۇل قىلىۋېىپتۇدەك. ئاڭلىساق دەسلەپتە دېئاگنۇز قويۇلغاندا دوختۇرلار ئاللىبۇرۇن نەچچە يىل بولۇپتۇ، دېگەندە نېمىشقا بىرىنچى قېتىمدا بايقىيالمايسىلەر؟ ماڭا بالدۇر ئېيتمايسىلەر؟ مەن بىلسەم بالىلىق بولارمىدىم، دەپ دوختۇرلارنى ئەرز قىلغان گەپمۇ بار. ئەمما بىز ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرمىگەندىكىن، ئۆز ئاغزىدىن ئاڭلىماندىكىن، تازا ئىشەنچ يوق.
ھازىر دۆلەت ئورگانلىرىدا كۆپرەك سىرتلارغا كاماندىروپكا، يىغىن، ساياھەتكە چىقىشلار ئەۋج ئېلىپ كەتتى. گەرچە يۇقۇش يولى ئۈچ خىل بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا سەگەك بولغىنىمىز ياخىشى. مېھمانسارايدا ياتىمىز، شۇ يەردە ئوزۇقلىنىمىز دېگەندەك. ئەجەل كەلسە ھېچكىم نېمە سەۋەب بولغىنىنى بىلەلمەي قېلىشى مۇمكىن.
   يولدۇشۇم بىلەن تاماق يېگىلى سىرتقا چىقساق، ئاشخانىلاردا چىش كوچىلىغۇچ ئىشلىتىشتىن بەك ئېھتىيات قىلىدۇ ھەم بىزنىڭمۇ سەمىمىزگە سېلىپ تۇرىدۇ. يەنە ساتىراچخانىلاردا چاچ ساقال ئالغۇزۇش توغرا كەلسە ئۆزى تىغ كۆتۈرۈپ بارىدۇ. ئادەتتىغۇ ئەرلەر كۆپىنچە ئائىلىدە ساقال ئالىدۇ. شۇڭا مۇشۇنىڭدەك ئىنچىكە ئىشلارغىمۇ دېققەت قىلماي بولمايدۇ. ھەتتا دوختۇرخانىلاردا ئوكۇل ئۇردۇرۇش توغرا كەلسە ئىشپىرىسىنى قەيەردىن ئالدى، شۇنىڭغا سەگەك بولۇپ، سېستىېرالار بىلەن پاراڭلاشقاچ ھەممىنى سورايدۇ، قارىغاندا ئۇنىڭغا جان بەكرەك تاتلىقمكىن دەيمەن.
  شۇڭا بەزىدە مۇشۇ جەمئىيەت تەرەققى قىلمىسمۇ بوپتىكەن، دەپ ئويلاپ قالىمەن. ئىنساننىڭ مېڭىسىنى كونتىرول قىلىش ئەڭ تەس ئەمەسمۇ.

ئۇلۇغ خۇدا ئۆز پاناھىدا ساقلىغاي! ساغلام تۇرمۇش كەچۈرگىلى نېسىب قىلغاي!
  ھەر كىم بولسا خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرگەي!

ھەر بىر كۈن يېڭى بىر ھايات!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى 18:06 , Processed in 0.050410 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش