يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 750 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 109|ئىنكاس: 5

ھاراق [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

توردا
73 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى
نادىر
0
يازما
216
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 25-كۈنى 15:07:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئىچمە   ئەي....   ئۇيغۇر    ھاراقنى،

ئەللىك گىرادۇسلۇق ئىشەك سۈيدۈكىنى.

پوتۇلكىدا جىم-جىد تۇرۇپ،

كاللىدا پارتىلايدىغان سۇيۇق بومبىنى.

ئاشقازان-جىگەرلەر زار-زار يىغلايدۇ،

كۆيۈپ كاۋاپ بولۇپ كەتتۇق دەپ.

ئىچسەڭلەرمۇ ئاز-ساز ئىچىڭلەر،

بىزنى بولسىمۇ ئويلاپ قۇيۇڭلار دەپ.

غەرىبلىكلەر ئىچىدۇ سالامەتلىكنىڭ دوستىنى،

بىز ئىچىمىز سالامەتلىكنىڭ دۈشمىنىنى.

بىز ساراڭ بولماي كىم-ساراڭ،؟

ئىچسەك ئاشۇ جان ئالىدىغان زەھەرنى.

ئىچىۋالساق ھاراقنى ئۆزگىرەپ قالىمىز يولۋاسقا،

ئىچمىسەك ھاراقنى ئوخشاپ قالىمىز چاشقانغا.

پۇراپ تۇرىدىغان<بەتبۇي>سىسىق تىنىمىزدىن،

قاچىدۇ پاششا-چىۋىنلارمۇ يىراققا.

ئىچمىسەك ھاراقنى قىزىمىغان توي-مەشرەپلەر،

ئىچمىسەك ھاراقنى قۇرۇلمىغان رەڭلىك سورۇنلار.

ئىچمىسەك ھاراقنى نەچچە رومكا،

پۇت قوللىرىمىز كەلمىگەن يا  تاڭسىغا.

بولدى ئەمدى ئىچمەيلى،

ئەي...قېرىنداشلار ئاشۇ نىجىسنى.

ئەجەلسىز جەھەننەمگە ئۇزىتىدىغان،

ئەڭ چوڭ دۈشمىنىمىز ھاراقنى.

2008.3.23<غ>


Rank: 1

توردا
44 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 20-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 21-كۈنى
نادىر
0
يازما
92
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 25-كۈنى 15:50:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەت ،ياخشى يىزىپسىز،يىگىتلىرىمىز كۈندە بىر ئوقۇپ تۇر سا بولغۇدەك ياخشى شىئىركەن

生活什么味道,自己放调料

Rank: 4

توردا
215 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى
نادىر
0
يازما
760
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 25-كۈنى 17:03:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ بىرنىمىنى ھارام دەپ مۇقەددەس قانۇنىمىز قۇرئان كەرىمدا ئېنىق تۇرسا ئىچىدۇ ھە يەنە ```
بۇ بىرنىمنى ئىچكەن ئادەم 70 پۇشتىنى دوزاخقا سۆرەپ كىردۇ دەيدىكەن چوڭلار`

ئاھ ، شۇنچىلىك قېيىن  مۇھەببەت ئازابى ،
ئاھ شۇنچىلىك  سالقىن كۆڭۈلنىڭ باھارى .
ئاھ شۇنچىلىك ناۋاسىز سۆيگۈ ئىش

Rank: 4

توردا
66 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى
نادىر
9
يازما
254
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 25-كۈنى 19:57:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھاراق شاراپسىزمۇ قىزىيدۇ توي...مەن تويۇمدا ھاراق قۇيمىغان. بەك قىزىپ كەتكەن تويۇم.

Rank: 8Rank: 8

توردا
147 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى
نادىر
2
يازما
828

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى 17:57:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەر كىشىمۇ بىر يىل ئۆتسە بىر يىل ئەقىلگە توشۇپ، ئۆي، سالامەتلىك ۋە خوتۇن بالىلىرى ئۈچۈن ئۆزىنى ئايايدىغان بولىدىكەن. سالامەتلىك ئۈچۈن ھاراق تاماكىدىن يىراق تۇرماق لازىم.
ئەمما خىزمەت، مائاش،باشلىق،  مۇناسىۋەت، ئاغىندارچىلىق، سورۇندارچىلىق . . .  ھەي!

بىر ئۇستاز ئۇچرىشىپ دوزاخ ھەم بېھىش،ئۆزەڭدە دىدى ئۇ ئېزىپ يۈرمىگىن -ھەييام

Rank: 1

توردا
0 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 26-كۈنى
نادىر
0
يازما
170
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى 11:53:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېچىسەن  نە ئۇچۇن ئۇشبۇ ھارامنى،
ئېچسەڭ يوقتىسەن ھوش كاللاڭنى،
مەس بولوپ ئۇنتۇيسەن خوتون بالاڭنى،
ئشەك سەندىن ياخشراق بلمەس ھاراقنى،،،

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى 10:03 , Processed in 0.048517 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش