يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 759 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 95|ئىنكاس: 3

بىغۇبار يىگىت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

توردا
9 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
2
يازما
67
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 24-كۈنى 15:43:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىغۇبار يىگىت



تۈنۈگۈنلا تاپشۇرۇپ ئالدىم ،
قۇلۇمدىكى بۇ پارچە خەتنى .
<<سەن قەلبىمدە بىغۇبار يىگىت>>
دەپ تۈگۈتۈپ يېپىپتۇ بەتنى .

ماڭا شۇنچە كۈيەركەن ئۇ قىز ،
چىن دىلىدىن قەدىرلەپ مىنى .
ئۆزكۆڭلىدە ھۆرمەت بىلدۈرۈپ
دەپتۇ ئاخىر <<سۆيىمەن سىنى >>.

مىنى ئەگىپ يۈرۈپتۇ شۇنچە ،
كۆڭلىنى ھېچ بىلدۈرەلمەستىن .
كۆيگەن ئاشىق كۆڭلىنى ماڭا
ھەركىترىدە سەزدۈرەلمەستىن .

خېتىدە ئۇ دەپتۇ تەكرارلاپ
<سەن قەلبىمدە بىغۇبار يىگىت>.
يىگىت دىگەن تالاي ۋە لىكىن
مەن ئۈچۈن سەن كۆزخۇمار يىگىت .

ئاڭا قىلچە كۆڭلۇمغۇ يوقتۇر ،
ئۇقۇپ قويدۇم خېتىنى تەكرار .
قويدى لىكىن تەسىرلەندۈرۈپ
خېتىدىكى مۇشۇنداق قۇرلار .
* * * * * * * *


<ئاشىق كۆڭۈل تار ئىكەن ئەجەپ
سىغمىدىغۇ سەندىن باشقىلار .
مەن سىنى دەپ قالدى يىگانە
ماڭا كۆيگەن تالاي ئاشىقلار .

سەن بىلەمسەن بىپەرۋا يىگىت ،
سىنى دەپلا يۈرەك سۇقىدۇ .
ھېچ بىلمەيمەن كۆڭلۈڭنى سىنىڭ
سىنىڭ كۆڭلۈڭ كىمگە باقىدۇ .

مەن كۆيگندەك سەنمۇ باشقىغا
كۈيەمسەن يا ، ھېچبىر بىلمەسمەن .
بىلسەڭمۇ يا كۆيگەن كۆڭلۈمنى
مەندىن قېچىپ يۈرەمسەن قەستەن .

قەلبىمدىكى بىغۇبار يىگىت
ئورنىڭ نىسىپ بولماس باشقىغا .
تىلەپ قويغىن بەختىمنى لىكىن
يىتەلمىسەم سەندىن ۋىسالغا .

بولدىمۇ يا ساڭا كۆيگۈنۈم
گۈدەكلىكىم نادان بىر چېغىم.
شۇنچە ۋاقىت پەرۋاسىز يۈردىڭ
گۈناھمۇ يا ساڭا كۆيگۈنۈم .

بەرگەن بولساڭ چىن سۆيگۈڭنى سەن ،
مەڭگۈ بەخت تاپقان بۇلاتتىم .
پاك قەلبىڭنى بەرگىن سەن ماڭا
ۋىسال تاپسۇن پاك مۇھەببىتىم .

كۆڭلۈڭنى ھېچ بىلىپ بولماسمەن
يالغۇزمۇ سەن ياكى بىر ئاشىق .
مەن كۆيگەندەك كۆيگىن سەن ماڭا
بۇلۇپ قالماي ئاشىقسىز مەشۇق .

ساڭا كۆيگەن قەلىب پاك قەلىپ
سوۋغام ساڭا پاك مۇھەببىتىم .
مەن دىلدارىڭ بۇلاي دىلبىرىڭ
مۇھەببىتىم دىگىن نىگارىم .
* * * * * * * * *


سۆيگۈڭ شۇنچە بىغۇبار ئىكەن
خەتلىرىڭنى ئۇقۇدۇم تەكرار .
مەن كۆڭلۈڭنى چۈشەندىم قىزچاق
ساڭا كۆڭۈل سۈزۈم مۇنۇلار .

ساڭا رەھمەت لىكىن كەچۈرگىن
بىرەلمەيمەن كۆڭلۈمنى ساڭا .
ماڭا كۆيگىن ، ۋە يا باشقىغا
مۇھەببەتنى چۈشەنگىن توغرا .

توغرا دەيسەن ئەي سەبى قىزچاق
ئاشىق كۆڭۈل تار ئىكىەن شۇنچە .
بەخت تىلەپ قۇيىمەن ساڭا
لىكىن ساڭا كۆڭلۈم يوق قىلچە .

كۆيگەندەكلا ماڭا بىغۇبار
كۈيەلىسەڭ باشقا بىرىگە .
سىنى بەخت كۈتۈپ تۇرىدۇ
بىرگە بارغىن بەخت مەنزىلىگە .



مەنبە: ئۆزۈم (دەرۋىش) بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   otkankunlar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-يىلى 1-ئاينىڭ 24-كۈنى 17:48  


Rank: 2

توردا
167 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
309
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 25-كۈنى 13:02:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىلغان شېئىركەن....ياختۇردۇم  

ھېسياتىڭىزغا دەرت كەلمىگەي
      ئاللا-ئېگەم ئامان بولغايسىز

ھەقىقىي بايلىق سىرتىڭىزدا تۇرۇۋاتقان ماددى نەرسىلەر ئەمەس، ۋۇجۇدىڭىزدا تۇرۇۋاتقان يۇشۇرۇن قابىلىيەت

مۇنبەر مەسئۇلى

نازارەتچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
560 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
1178

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 25-كۈنى 14:06:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاشىقسىز مەشۇقنىڭ نىداسى! بەك تەستۇ ھە شۇنداق كوچىغا كىرىپ قالسا...

باھا سۆز

dilroh  سىز كىرمىگەنمۇ ياش چاغلىرىڭىزدا شۇ كوچىغا ھى ھى  يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 25-كۈنى 17:00:19
ھەر بىر كۈن يېڭى بىر ھايات!

Rank: 1

توردا
0 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 26-كۈنى
نادىر
0
يازما
170
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى 17:52:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىدارسىز سويگۇ دىگەن  مۇشۇمدۇ......



ياخشى  يىزىپسىز  قەلىمڭىزىگە  بەركەت تەلەيمەن  ھارماڭ....



كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى 00:08 , Processed in 0.046516 second(s), 28 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش