سۆيگۈ لىرىكىسى
ئۆتكەن كۈنلەر
(شېئىرلار)
سەن ئىكەنسەن ئەسلىدە
تۈن نىسپىدە دېرىزەمنى چەكمەكتە،
سەن چەكتىڭمۇ ياكى يامغۇر تامچىسى.
تۇيۇقسىزلا تۇرۇپ قالدىم تېڭىرقاپ،
كىم كەلگەندۇ بۇلۇپ ھىجران ئەلچىسى.
يامغۇر ياغقان مۇشۇ كەچ كۈز پەسلىدە ،
جىمجىتقىنە چەكسىز كەتكەن كېچىدە.
دەرتلىرىمگە دەرتلەر قوشۇپ باشقىدىن،
سەن ئىكەنسەن شىۋىرلىغان ئەسلىدە.
سۆيگۈ لىرىكىسى
شىمالنىڭ شۇ گۈزەل مۇنبەت تۇپرىغى،
ۋىناسنىڭ تۇرقىدا سېنى ياراتقان.
ئادەملەر كۆزىگە ئوخشىمىسۇن دەپ،
چولپاننى قارچۇغۇڭ قىلىپ ئورناتقان.
ئاققۇنىڭ مېڭىشى سېنىڭ مېڭىشىڭ،
شوخ شامال پىچىرلار لەرزان ئۈنۈڭدە.
كېچىلەر رەڭ ئالغان قارا چېچىڭدىن،
قوللىرىڭ يارالغان مامۇق پېيىدە.
ئالەمچە سۆيگۈدە دېڭىز ۋە ئوكيان،
چايقىلىپ، ھۆركىرەپ تۇرار كۈنسېرى....
بىر قەدرىڭ ئۆتۈلەر تەنھا چاغلاردا،
يىرتىلغان يۈرەكلەر يىرتىلغانسېرى.....
شۇ يۇمران كۆكسۈڭگە بېشىن قويالماي،
ئايمۇ ھەم چۆللەرگە تۆكەر يېشىنى.
ئىزىڭنى سۆيەلمەي سەيياھ بىر يىگىت،
قاماللاپ كېچىدە ياتار بېشىنى.....!
ئەسلەيمەن سېنى
ئەسلەيمەن سېنى كېچە ۋە كۈندۈز،
دىلغا ئوت سالغان ئۆتكەن كۈنلەرنى.
ئۇنتۇش مۇمكىنمۇ ياشلىق چاغلاردا،
مېھىرلىك باققان مۇڭلۇق كۆزلەرنى.
يادىمغا يەتتىڭ بۈگۈن تۇيۇقسىز،
قوينۇمغا سالدىم بىر جۈپ ئالمىنى.
كۆزلەر تەگمىسۇن بەختىڭگە جېنىم،
بوينۇڭغا ئاسقىن بەرگەن تۇمارنى.
ئىلى ۋادىسى
ھەجەپمۇ چىرايلىق ئىلى ۋادىسى،
تەلكىنىڭ داۋانى، دەريا بويلىرى.
بىر جۇشقۇن ھاياتنى ئەسلىتەر ساڭا،
تاشلارغا ئۇرۇلۇپ ئاققان سۇلىرى.
مۇشۇنداق بىر گۈزەل جايدا ئولتۇرۇپ،
باھارنىڭ پەيزىنى سۈرسەڭ توقايدا.
مەڭگۈلۈك ئەسلىمە قوزغار ھاياجان،
دۇتتارنىڭ ساداسى ياڭراپ ئاۋۇلدا.
شۇ قەدەر رومانتىك سايرام بويىدا،
بىر تال زىخ كاۋاپنى يىسەڭ دالىدا.
يانپاشلاپ ياتقاندا چۆپنىڭ ئۈستىدە،
سېزىسەن ئۆزەڭنى جەننەت باغرىدا.
قازاقنىڭ گۈزىلى ئەتكەن سۈت چايدا،
پارلايدۇ بىر ئوكيان سۆيگۈ-ساداقەت.
مەڭگۈلۈك بولىدۇ شۇنداق چاغلاردا،
قېرىنداش مىللەتلەر ئارا مۇھەببەت.
ياراتساق بىرلىكتە چىرايلىق دۇنيا.
بولمامدۇ يەر شارى كىچىك ئائىلە.
ھەممىمىز دۇنيانىڭ مېھمىنى بۇلۇپ،
چۈمەيلى مەڭگۈلۈك بەخت ئىچىگە.
سۆيىمەن شۇڭا مەن مۇشۇ ۋادىنى،
قۇياشقا چۆمۈلگەن سەھەر پەيزىنى.
شۇ يەردە سۈرۈشكە بولارمۇ نېسىپ،
ئۆمۈرنىڭ قەپقالغان يېرىم قىسمىنى.
2011-يىلى
سىنتەبىر لىرىكىسى
مەرھابا سىنتەبىر پەسىل ئەركىسى،
بار سەندە ئاجايىپ تاتلىق كەچمىشىم.
ئۇنتۇشقا چىدارمۇ يازماي لىرىكا،
دۈپۈلدەپ شوخ ئويناپ تۇرغان يۈرەگىم.
دەريانى بويلايمەن ئاستا قەدەمدە،
ئىللىتار ئۇ مېنىڭ ياشلىق قەلبىمنى.
ئويلايمەن بىر چاغلار مۇشۇ ۋادىدا،
ئېيتقانتىم نىگارغا يۈرەك سۆزۈمنى.
ھېلىمۇ بولسىكەن ئەشۇ دىلبىرىم،
سىنتەبىر پەيزىنى سۈرسەك توقايدا.
ئالەمچە سۆيگۈنى بەرسەم ئوچۇملاپ،
سۈت كەبى ئايدىڭدا ،چىغىر يوللاردا.
نەقەدەر سۆيۈملۈك ئەشۇ مەنزىرە،
جۈپ گەۋدە شولىسى چۈشكەن دەرياغا.
بۇ ئۇزۇن كۈنلەرمۇ بىلىنمەس ئىدى،
بىر تامچە سۇ بۇلۇپ سىڭسەم باھارغا.
شۇڭا مەن سۆيىمەن سېنى سىنتەبىر ،
بۇ ئاينىڭ ئون بېشى ئاخىرقى قېتىم.
ئايرىلىش ئازاۋى تارتقانغا قەدەر،
ئۈمۈدۈم سۆيۈلسەم ساڭا بىر قېتىم.
2011-يىلى 8-ئاينىڭ 15-كۈنى
جوڭغار لىرىكىسى
كۆڭلۈمنى تارتىدۇ جوڭغار ۋادىسى،
قەۋرىدەك دۈمچەيگەن قۇملار دوۋىسى.
سالىدۇ قەلبىمگە شاتلىق ھاياجان،
بوز تورغاي، قۇشلارنىڭ كاتتا ئۇۋىسى.
سۆيىمەن بۇ يەرنىڭ گىيا، تېشىنى،
سۆيىمەن بىپايان چۆللەر قوينىنى.
سۆيىمەن بۇ يەرنىڭ قۇياشقا پېتىپ،
قىزارغان ئاخىرقى شەپەق نۇرىنى.
ياڭرايدۇ بۇ يەردە گۇدۇك ئاۋازى،
بەختىيار تۇرمۇشنىڭ كۈلكە ساداسى.
قىزارغان تۇمەن مىڭ يۇلغۇن ھىدىدىن،
كېلىدۇ گۈپۈلدەپ باھار ناۋاسى.
زاۋۇت ھەم كانلاردا، يىراق قىرلاردا،
ئىشلەيدۇ ئەل ئۈچۈن ئوغۇل-قىزلىرى.
كۆڭۈلگە بەك تاتلىق ئىلھام بېرىدۇ،
بۇژغۇنلاپ ئېتىلىپ چىققان مايلىرى.
نەقەدەر گۈزەل ھە سۆيۈملۈك دالا،
بوز تورغاي سايرىغان قۇياشلىق سەھەر.
تىللاردا بولغۇسى داستان شۆھرىتى ،
يۇرتۇمنىڭ باغرىدا چاقنىغان قەمەر.
2011-يىلى-24-ئىيۇل
ئايلىنىپسەن قەلبىمدىكى ئازاپقا
ماڭا بەرگەن ئۆتكەندىكى سۈرىتىڭ،
كۈلۈپ تۇرار شۇنچە ئۇماق ،چىرايلىق.
گۈزەللىكتىن سۆزلەپ تۇرقۇڭ ھىكايە،
چىقىپ تۇرار كۆزلىرىڭدىن سەبىيلىك.
ئەشۇ يىراق دېڭىزدىكى شەھەردە،
سەن چۈشۈپسەن مۇشۇ گۈزەل سۈرەتكە.
خان ئەتلەستىن كىيىۋىلىپ كۆينەكلىك،
ئايلىنىپسەن دېڭىزدىكى پەرىگە.
ئەشۇ سۈرەت خاتىر قىلغان سوۋغىتىڭ،
دېرەك بېرەر زادى ماڭا نېمىدىن.
بىلەلمىدىم شۇندىن بېرى ئۆزەمنى،
مۇھەببەتمۇ ياكى ئازاپ-سۆيگۈدىن.
مەيلى مېنى باشلاپ بارغىن سۆيگۇگە،
ياكى مېنى تاشلاپ بەرگىن ئازاپقا.
بىلىپ قالدىم شۇندىن بېرى سىرىڭنى،
ئايلىنىپسەن قەلبىمدىكى ئازاپقا.
تۈمەن گۈلگە سەن پۈركىنىپ، نازلىنىپ
ئاي، يۇلتۇزنىڭ ئارزۇسىنى قاندۇرۇپ،
خالى يەردە قالسا ئادەم ئولتۇرۇپ.
خىيالىغا خىيال كېلىپ قوشۇلۇپ،
سەن كېلىسەن كۆز ئالدىمغا تولغۇنۇپ.
يىراقلاردىن ھېچ كەلمىدىڭ جانانىم،
تۈمەن گۈلگە سەن پۈركىنىپ، نازلىنىپ.
سېغىنغاندا كېچىلەردە بىر سېنى،
قالىدىكەن ئادەم دېگەن خۇيلۇنۇپ.
سەن بولمىغاچ يانلىرىمدا كۈلدۈرۈپ،
چالالمىدىم بىر پەدىگە ئولتۇرۇپ.
كېلەلىسەڭ كەچ كۈزدىكى كېچىدە،
چاي ئىچەيلى پىيالىنى تولدۇرۇپ.
گۇگۇم لىرىكىسى
ئۇپۇق يېيىپ كەلدى گۇگۇم پەردىسى،
قۇياش ئاستا مۆكەر تاغنىڭ كەينىگە.
چوپان گۈزەل بىر يېقىملىق ناخشىدا،
لەرزان ئۈزەر ئاق بۇلۇتنىڭ كەينىدە.
دولقۇن مىنىپ دولقۇنلارنىڭ ئۈستىگە،
مۈگدىمەكتە دەريا يانغا يۆلىنىپ.
بىر جۈپ ئاققۇ ئەگىپ-ئەگىپ توقايدا،
قالدى جىم-جىت گۈلىستانغا بۆلۈنۈپ.
تۈن لىرىكىسى
يۇلتۈز كۇلۈپ تۇرغان گۈزەل كېچىدە،
خىيال ئۇچار ئاستا ئەشۇ توقايدا.
نىمىلەرنى ئويلار كۆكتە تۇلۇن ئاي؟
تۇرار غەمكىن بىر تۈپ سىدە ئاچالدا.
خىرەلەشسە توقاي،جىرا، كونا جاي،
ئاشقلارغا ماكان بولار ھەممە جاي.
شۇندا ئۇلار يېتەر ئارزۇ- مۇراتقا،
بۇلۇت يېرىپ قارمىسىلا تۇلۇن ئاي.
گۈلباھار
ئۆرتىنىمەن يارىم سېنىڭ ئوتوڭدا،
قىينار مىنى سېغىنىشنىڭ ئازاۋى.
گۈلباھارنىڭ پەسلى ئىدى ئۇ چاغدا،
بىز ئىككىمىز ئايرىلىشقان ئاخشىمى.
موڭداشقانتۇق قېرى سوگەت تۈۋىدە،
ئايمۇ چىقتى تۇگۇمىدى سۆزىمىز.
تۇرىشاتتۇق مېھرىمىزنى ئۈزەلمەي،
تىكىلەتتى بىر بىرىگە كۆزىمىز.
تۆكىلەتتى كۆزلىرىڭدىن ئىسسىق ياش،
بۇ ۋاقىتسىز ئايرىلىشنىڭ دەستىدىن.
مەنمۇ ھەيران بىلەلمەيتىم سىرىنى،
ئايرىلامدۇق دۇشمەنلەرنىڭ قەستىدىن.
دىدىڭ بىر چاغ :ئۇنتۇلمۇسۇن بۇ كېچە،
گۈلباھارنىڭ بەكمۇ ئايدىڭ ئاخشىمى.
دىدىم مەنمۇ:يادىمىزدىن چىقمىسۇن،
بۇ جۇدالىق ئايرىلىشنىڭ مىنوتى.
يىللار ئۆتۈپ كەلدى بۈگۈن باھارمۇ،
ئۇنۇتمىدىم ئەشۇ ئايدىڭ كېچىنى.
سېغىنىشنىڭ شىرىن ئازاپ دەرتلىرى،
ئازاپلىسا بېسىپ كەلدىم ئۆزۈمنى.
بىراق،دىلبەر سەن كەلمىدىڭ يېنىمغا،
يەنە سېنى قاچانغىچە ساقلايمەن.
ئۆتتى بۇ يىل نەق ئالدىمدىن ئۈچ باھار،
يەنە قانچە گۈلباھارنى سانايمەن ؟
ئانا دەريا
ئەزىم دەريا ئانا دەريا،
ھەجەپ كۆركەم بويوڭ شۈنچە.
سەھەر پەيتى،باھار پەسلى،
چېچىپ كەلدىم ساڭا ئۈنچە.
موڭلۇق ئاستا چايقىلىسەن،
شاۋقۇن سېلىپ يىراقلارغا.
ئۆركىشىڭدىن سالام دەيسەن،
سىنى تۇققان بۇلاقلارغا.
ئەزىم دەريا ئانا دەريا،
سىماپ كەبى لىغىرلايسەن.
تويمىغاندەك بۇ زىمىنغا،
يەر ئانىنى بېغىرلايسەن.
ئەقىدە
باغلالمىدىم ساڭا سادىق ئەقىدە،
باڭۋاشلىغىم كېلىپ بەكمۇ زىيادە.
گۈزەل چېھرىڭ سارىيىغا ھاڭۋىقىپ،
قەلبىم چۆلدە كېزىپ يۈردى پىيادە.
چېھرىڭ بەردى ماڭا تالاي كۈلپەتلەر،
ياشلىغىمدا ئويناپ كۈلۈپ يۈرگەندە.
ئاخىرقى رەت يۈرەك تىترەپ توختىدى،
كۆڭلۇم كىرەر چوقۇم بىر كۈن لەھەتكە.
باغلالمىدىم ساڭا چەكسىز ئەقىدە،
ئاھۇ كۆزلۈك ئۆزبەك قىزى ساجىدە.
كەتسىمۇ گەر سىماڭ يىراق يىراققا،
بۇلۇپ قالدىڭ يۈرۈگۈمدە ئابىدە.
1989-يىلى 14-نويابىر
سەنسىز كۈنلەر
ئۇنتالمايمەن قەلبىم ئازاپ چەكسىمۇ،
تەغدىر بىزگە قىلغاچ تالاي يولسىزلىق.
يۈرسەممۇ گەر سەندىن يىراق جايلاردا،
بىر جۈپ كۆزڭ بەردى ماڭا يورۇقلۇق.
يىغلاپ يىغلاپ ئەشۇ كۈنى تۈيۇقسىز،
ئۆزوڭ تەنھا يۈرۈپ كەتتىڭ يىراققا.
خوش دىيەلمەي قالدىم سەھەر ئۇيقۇلۇق،
بىلدىم، جەزمەن پاتتىڭ ئازاپ پىراققا.
ئۇنتالمىدىم شۇندىن بېرى ئىسمىڭنى،
باغرىڭ بولغان تۇرسا ماڭا گۈلىستان.
ئايرىلىشتىن بىلدىم ئەمدى قەدرىڭنى،
سەنسىز كۈنلەر بولدى ماڭا گورۇستان.
1989-يىل 4- فىيرال
ئۇنتۇش
كېچە كەلگەن نامسىز تېلفۇندەك،
ئىشىكلەرنى چەكتىڭ بىمالال.
ئاشىق بۇلۇپ ئۆتكەن كۈنلەرگە،
ئۆتەر كۈنوڭ سەرسان،ئېھتىمال.
سۆيگۈ تارى چېكىلەر بۇ دەم،
قىيا بېقىپ ماڭغان چاغلاردا.
ئەسكە ئېلىپ گۈزەل چاغلارنى،
ئۆمرۇڭ ئۆتەر يىراق جايلاردا.
2003-
يىل 3-دىكابىر.
ئۇيغۇر قىزى
ئادەممىكىن،پەرىمىكىن ئۇيغۇر قىزى،
ئايمىكىن ،ئانارمىكىن ئۇنىڭ يۈزى.
ئارقىسىدىن قالدىم قاراپ ئۇزاققىچە،
چولپانمىكىن بولاقمىكىن ئويناق كۆزى.
ھىلال ئايدەك كۆركەم گۈزەل قارا قېشى ،
تېقىمىدا ئويناپ تۇرار سۈمبۇل چېچى.
مېڭىشلېرى ئەسلىتىدۇ ھۆر پەرىنى،
ئون سەككىزدە باردۇر ئۇنىڭ شۇتاپ يېشى.
شەرمى ھايا دۇنياسىدا يىگانە ئارال،
تاڭ قالدۇرار جىمى ئەلنى ئۇيغۇر قىزى.
سىلەر بىزنىڭ ئانىمىز ھەم پەخرىمىز،
بەختىمىزدۇر،تەختىمىزدۇر ئۇيغۇر قىزى.
ئىكەن ئەسلى ياشلىقتىكى مۇھەببەت
يامغۇر ياققان كەچكۈزدىكى كېچىدە،
كىم چىللىدى مىنى ھىجران پەسلىگە.
توۋا دەيمەن مۇشۇ ھىجران تۈپەيلى،
كېلەلمىدىم شۇندىن بېرى ئەسلىگە.
بالا ئىدىم تۈنۆگۈنلا شوخ،ئەركىن،
بۈگۈن بولدۈم بۇ ئىشىققا مۇپتىلا.
كۆيۈپ پىشىپ قىينالسىمۇ جانلېرىم،
دىيەلمىدىم بۇ ئىشلارغا بوپتىلا.
داۋاسىنى سوراپ باقسام چوڭلاردىن،
دىدى ئۇلار ئۆچەرمىگىڭ مۇشەقەت.
يۈرۈگۈمنى بۇنچە قىيناپ كۆيدۇرگەن،
ئىكەن ئەسلى ياشلىقتىكى مۇھەببەت.
بىر شەھەردە بىللە ياشايمىز
گۈل تۇرقۇڭنى تونۇيمەن سېنىڭ،
چاچلىرىڭ بار تۈندەك يېيىلغان.
شەرمى-ھايا چاچقان كۆزلىرىڭ ،
بەك چىرايلىق ئايدىن سىزىلغان.
ئۈرۈمچىدە بىللە ياشايمىز،
بىلىسەنغۇ مېنىڭ مەلەمنى.
ئايدىن چۈشكەن نۇرۇڭ نېمىشقا؟
يورۇتالماس غېرىپ خانەمنى.
ناماز ۋاقتىم توشقان بولسىمۇ،
ئېتىكاپقا كىرمەيدۇ دىلىم.
گۈل جىسمىڭغا يولۇققان چېغىم،
سېنىڭ ئۈچۈن سۆزلەيدۇ تىلىم.
قوللىرىمدىن چۈشەر سىيرىلىپ،
ئەڭ ئاخىرقى بىر تال تاماكا.
ئىسمىڭ دائىم مەندە يادلىنىپ،
پۈتۈپ چىقار مۇڭلۇق لىرىكا.
روھىمىز يول قويماس مۇشۇ قەدەمگە
بىلىمەن، ئېسىمدىن چىقمايدۇ پەقەت،
شۇ ئاخشام روھىڭغا كىردىم كېچىلەپ.
قېنىمدا جۈش ئۇرۇپ يېڭى بىر دولقۇن،
كەتمەيمەن مەلەڭدىن ئەمدى پەتىلەپ.
روھىڭدا روھىم بار بەڭۋاش،ئېچىرقاش،
بىر ئىلاھ مەبۇدە تۇرار سىقىمداپ.
ئېسىڭدىن كۆتۇرلۇپ كەتسىمۇ ئىسمىم،
سۆيگوم بار قەلبىڭدە قالغان ئېچىرقاپ.
تەلمۇرۈش ئىماندا بولسىمۇ يامان،
ئىنتىلىش،سېغىنىش قىينايدۇ يامان.
يۈلتۈزلار كۆز قىسىپ،تاڭلار ئاتقۇچە،
ئىككى جان تەلمۇرۇپ ياتقىنى ياتقان!
سۆيۈلۈش ۋە سۆيۈش تاتلىق بولسىمۇ،
ئىككىمىز ئايلاندۈق يوچۈن ئادەمگە.
يۇشۇرۇن كۆيۇشنىڭ يىراق چېتىدە،
روھىمىز يول قۇيماس مۇشۇ قەدەمگە.
ئىزلەپ
ھىجرانىڭدا ئاقتىم سۇ بولۇپ،
كۆز يېشىڭغا ھەمرا جۆر بولۇپ.
سۈرەلمىدىم سەنسىز بەختنى،
ئەركىن نەپەس ئېلىپ ھۆر بولۇپ.
چاچلېرىمغا ئاقلار كىرىپتۇ،
پۇت-قولۇمدىن ماغدۇر يوقاپتۇ.
قېرىغاندا تاتلىق بىلىنگەن،
كەچمىشلېرىم مەندىن ئۆزاپتۇ.
خىياللارغا چۆمۈپ ھەر سەھەر،
بىر سېنىلا ئەسلەيمەن قەمەر.
غېرىپ كۆڭلۇم ئېچىلماس بەلكى،
تاكى ئۆلۈم يەتكەنگە قەدەر.
بىر تال يۇپۇرماق
خاتىرەم بېتىدە بىر تال يۇپۇرماق،
تۇرۇپتۇ ئۇ شۇنچە چېچىپ خۇشپۇراق.
بەك گۈزەل كۈنلەرنىڭ شاھىدى بۇلۇپ،
قوزغايدۇ دىللاردا ھەسرەتلىك پىراق.
قېنى ئۇ يۇپۇرماق ئىگىسى نەدە؟
يۇرگەندۇ ۋە بەلكىم يىراق جايلاردا.
ئوينۇتۇپ ئىككى تال ئۆرۇم چېچىنى،
كەلگەندۇ ئېھتىمال يالغۇز باغلارغا.
بىز ئېيتقان ناخشىغا سېلىپ قوللارنى.
قايتقاندۇ كەينىگە چىڭداپ يوللارنى.
دەريادەك تولغۇنۇپ،ئازاپتەك ئاستا،
گۈلدەستە تىزغاندۇ ئۈزۇپ گۈللەرنى.
ئەسلىمە ۋە ئاچچىق تۇيغۇ ئىچىدە،
خاتىرەم بېتىنى ياپتىم ئاۋايلاپ.
كۆتۇرۇپ دۇئاغا ئاستا قولۇمنى،
ئامانلىق تىلىدىم دوستقا شىۋىرلاپ.
بىلىمەن قەلبىڭدىن كېتىمەن ئۇزاپ
ھېچكىمگە ھېچنىمە دىگۈم يوق پەقەت،
بىر شىرىن ئازاپتا قىينىلار يۈرەك.
ئارزۇيۇم، ئۇمۇدۇم تەنھا بىر سېنى،
يۇشۇرۇن يۇرەككە ئۇرنۇتۇش كېرەك.
ھېچكىمگە ھېچنىمە دىگۇم يوق پەقەت،
ھېچنىمە دىمەستىن كۇيۇش بىر ئازاپ.
سۆيۇش ۋە سۆيۇلۇش بولسىمۇ تاتلىق،
بىلىمەن قەلبىڭدىن كېتىمەن ئۇزاپ.
ھېچكىمگە ھېچنىمە دىگۇم يوق پەقەت،
ھېچكىممۇ ھېچنىمە دىمىسۇن ماڭا.
يۇرەكنىڭ ئەڭ نازۇك مەخپى يېرىدىن،
بىر پىنھان ئۆردىنى راسلىدىم ساڭا.
سەن كەلمەي
بۇ كېچە شۇ قەدەر جىمجىت،خىيالچان،
بار پەقەت قەلبىمدە شاتلىق،ھاياجان.
ئۇيقىسىز تۈنلەرنىڭ ئوچاقلېرىدا،
ئۆزەمگە ھاي بېرىپ بولدۇم سەۋىرچان.
سېغىنغان چاغلاردا كەلمىدىڭ جانان،
باسقاندا قەلبىمنى ھەسرەتلىك تۇمان.
كەتكەنلەر كېلەركەن ئامما سەن كەلمەي،
ئۇيقىدىن بىدارمەن ئالالماي خامان.
2011-يىل7-ئاينىڭ 22-كۈنى
دېرىزەم تۈۋىدە چەكسىز غېرىپلىق
قۇملۇقنىڭ چۈشىنى كۆرىدۇ دۇنيا،
بىر ئۈچۈم ئەسلىمە يىغلار ئىسەدەپ.
دېرىزەم تۈۋىدە چەكسىز غېرىپلىق،
كۈنلېرىم ئۆتمۈشنى كەلدى ھاپاشلاپ.
باغرىمدىن تۆكۈلۇپ كەتتى سېغىنىش،
ھەم مىنى قىينىدى چەكسىز زېرىكىش.
قاپ قارا كۆزلەرنى ئەسلىدىم بىردىن،
بىر مۇڭلۇق ناخشىغا ئوخشاپ قىينىلىش.
يىگىرمە ياشتىكى سۈزۇك قەترىلەر
ۋىسالنىڭ چۈشىنى كۆرگەن كېچىدە.
بىر تاتلىق ئەسلىمە قىينايدۇ سىنى.
گۈگۈمدەك يېيىلىپ كەلگەندە تۇرقوڭ،
ئازاپنىڭ غارىغا تاشلايدۇ مىنى.
ئاھ ئەشۇ تاشلىنىش يىراق ئۆتمۈشكە،
باشلايدۇ قاردىكى ئاياق ئىزلېرىڭ.
شەھەرنىڭ كېچىسى بولمايدۇ پەقەت،
چاراقلاپ يانسىلا قارا كۆزلېرىڭ.
يىگىرمە ياشتىكى سۈزۇك قەترىلەر،
بەك يىراق جايلاردا قالدى يېلىنجاپ.
سېغىنىش،ھاياجان قوزغايدۇ دىلدا،
شۇ گۈزەل چاغلاردىن كەتسەڭ يىراقلاپ.
شۇ قەدەر سۆيۈملۇك بولسىمۇ ھەممە،
خەيرىيەت ،چىداشلىق بېرىمىز ھامان.
بۇزۇلماس دوستلۇقنىڭ رىشتىسى بىلەن،
ئەسلەپ قوي ساۋاقداش بولساقمۇ يامان.
2012-يىلى 11-يانۋار
پەيشەنبىدىن جۇمە كەچكىچە
روھ كېلەرمىش يوقلاپ ھاياتنى،
پەيشەنبىدىن جۇمە كەچكىچە.
قەۋرىلەرنى يوقلاپ تۇرايلى،
ئەجەل ئوقى بىزگە يەتكۈچە.
بۈگۈن ئىكەن ئۇلۇغ پەيشەنبە،
روھ كېلىدۇ يوقلاپ ھاياتنى.
ياغ پۇرۇتۇپ دۇئا ئۆتكۇزۈپ،
ياشايلى بىز ئويلاپ ماماتنى.
ئازاپقا ئوخشىغان سۆيۈملۈك ئادەم
بىر ئۆزۇم سىنىلا كەلگەچكە ئالداپ،
مۇز چىراي تۇرقىمنى قىلىسەن قىياس.
بۆراندەك ھۆۋلايسەن بالىدەك يىغلاپ،
قەلبىڭدە كېزىدۇ مەڭگۈلۇك قىساس.
پۇرلەشكەن قول ياغلىق ئازاپقا ئوخشاش،
بىر ئۆرۇم چېچىڭنى كېلىسەن ئويناپ.
چىڭدالغان يوللارنىڭ مەۋھۇم قېتىدا،
يامغۇردەك تۆكۇلۇپ تۇرىسەن پارلاپ.
جىمجىتلىق ئىچىدە چىرايلىق ئاخشام،
ئاي چىقماي ھەممىنى قىلدى كۆڭۇلسىز.
تاماكا ئىسىدەك بۇرۇختۇم ھۇجراڭ،
سىمايەم جىم-جىتلا كېردى شەپىسىز.
2011-يىل5-دىكابىر
سېغىنىش
بەك يىراق چۆللەرنىڭ باغرىنى كەزدىم،
شۇ ئۇزۇن يوللاردا قالدى سېغىنچام.
ھاياتنىڭ پەيزىنى سۇردۇم باشقىدىن،
كەڭ دالا،كۆك ئاسمان بولدى يېپىنچام.
يىگىرمە،ئوتتۇز يىل بۇرۇن مۇقەددەم،
بۇ يەردە بىر سۆيگۈ تۇغۇلغان قايتا.
ئىڭرىغان ئازاپتىن سەبى بىر يۈرەك،
چىقارغان تۇنجى رەت سۆيۈملۇك سادا.
شۇ ئېسىل كۈنلەرنىڭ يېرىم يارتىسى،
نەلەردە قالدىكىن شامالدا لەيلەپ.
نويابىر كېچىسى چۈشكەن يامغۇردا،
بىر تامچە دەريامۇ قالاركەن مۇزلاپ.
ھەممىگە ئوخشاتقۇم كەلدى پىچىرلاپ،
بىر دۆۋە قوملۇققا يېقىلىپ ئاستا.
ھەممىگە چىداشلىق بېرىمىز ئاخىر،
بىزنى ھەم مۇشۇنداق ياراتقان خۇدا.
گۇناھكار ئەقىدە
يامغۇرسىز بۇلۇتتەك تۈكۇلدۇم مانا،
ئەقىدەڭ ئالدىدا يېقىلدىم ئۈنسىز.
توۋا بۇ ئەتىرگۈل توزىغان قاچان؟
كۆرۇندىڭ كۆزۇمگە شۇنچە كۆرۇمسىز.
كەڭ دالا،يېشىل زار چىمەنلەر ئارا،
چىغىر يول بوۋايدەك دۇمچەيدى يانا.
غېرىپنىڭ دۇتارى چېلىنار غەمكىن،
ئەقىدەم ئالدىدا خارلىنار دۇنيا.
كۈتۇشكە ئوخشايدۇ ۋىسال چىرىغى،
ئورماندەك كىرپىكىڭ كۆتەدى ئىسيان.
گۇناكار ئەقىدە قىسقاندا بويۇن،
بىر ئاچچىق كەچۇرمۇش ياسايدۇ قىيان.
2011 -يىل.28-ئۆكتەبىر
قۇشلىرىڭ ياسىدى رۇخسەتسىز ئۇۋا
جۈمەدىن يانغاندا يامغۇر شەپىسى،
مېنىڭمۇ ۋەياكى سېنىڭ ئاۋازىڭ.
مېھماندەك ياسىنىپ چىللىدى دۇنيا،
يامغۇردەك تۆكۇلۇپ كەتتى ئازاۋىڭ.
دېڭىزدەك ئۆزەڭگە كېتىسەن تاراپ،
ياغلىغىڭ شامالدا قالدى لەپىلدەپ.
ئوتتۇز تال گۈلىڭنى چېكەڭگە قېسىپ،
قۇشلارنىڭ باغرىدىن كېلىسەن لەيلەپ.
كىمكىنە چېچىڭنى بولاقتا يۇغان،
كۆزوڭنىڭ قارىسى دېڭىزدا ئايان.
ھاياجان تەپتىگە تۇيۇنغان مېھېر،
كۆزوڭدىن چاراقلاپ بولىدۇ ئايان.
بەختىمنى تىلەيسەن يىراق ئاۋۇلدا،
ئېزىتقۇ تەلمۇرۇپ تۇرغان گۈگۈمدا.
قەپەزگە پاتمىغان بۈيۇك ھاياجان،
كۆزۇمدىن تارىلىپ يانىدۇ گۈلخان.
كۆمۇلدى قەبرەمگە سىنىڭ يۈرۈگۈڭ،
قۇشلېرىڭ چۇرۇقلاپ ئۇقۇيدۇ دۇئا.
روھىمنى،جىسمىمنى ئەگىيدۇ كېچە،
ئېزىتقۇ پەرىدەك يۇرۇيسەن توۋا.
ئېسيانكار سەزگۈلەر يېرىلدى قايتا،
يامغۇردەك سىمىلداپ چۈشتى ھەم قايغۇ.
قەلەندەر كەپىسى مىنىڭ يۈرۈگۈم،
قۇشلېرىڭ ياسىدى رۇخسەتسىز ئۇۋا.
2011 -يىلى 28-ئۆكتەبىر
سەن يەنىلا بۇرۇنقى ئادەم
تەنھالىققا قىلمايمەن ھەۋەس،
ئەمما يالغۇز ياشاش ئەقىدەم.
بىجىرىم بىر ئەرنىڭ قەلبىدە،
سەن يەنىلا بۇرۇنقى ئادەم.
تەن بەرمەيمەن تەنھالىغىمغا،
روھىڭ ماڭا يولدا سەپەرداش.
لىكىن تۇرمۇش قىستايدۇ ئاستا،
بولمىغاچقا ياندا يۆلەكداش.
سەن يىگانە يىراق بىر جايدا،
لىكىن مېھرىڭ ماڭا غەمخانە.
روھىڭ تۇرغاچ مەندە جىمىرلاپ،
ئۆتەر ئۆمروم بۇلۇپ دىۋانە.
دىلغا ھۆزۇر قىلغان خىياللار،
بولماس ساختا،يالغان ھەممىسى.
ئەمما،يەنە قايتا ئۇچۇرشۇش،
نېسىپ بولار بىزگە قانچىسى.
2011-يىلى 23-سىنتەبىر
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا otkankunlar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى 18:15