قايتمىغى قىيىن
تۇمۇزدا مۇز بولسا، چۆللەردە ئېقىن،
بولمامدۇ سۆيگۈدە ئارىلىق يېقىن.
قۇشلارنى قاياققا ئۇچاردىڭ جىنىم،
ئۇلارنىڭ ئۇۋامغا قايتمىغى قىيىن.
ئۆزەمنى يۇتتەدىم شۇنىڭدىن كىيىن،
قىزىل گۈل ئەۋرىشىم ئەگكەندە بۇيون.
خۇدىنى بىلمىگەن چىرايلىق دېڭىز،
تەلۋىلىك قىلماقتا چىقىرىپ قۇيۇن.
2011-يىل3-نويابىر
مىڭ تال گۈل
چېچىلىپتۇ يولغا مىڭ تال گۈل،
تېرىۋېلىشقا چىقار بىر موماي.
ئارقىسىدىن سېۋەت كۆتۇرۇپ،
ئوغلى بىلەن كېلەر بىر بوۋاي.
ئۇلار شۇنداق تېرىپ كېتىدۇ،
ئارقىسىدىن ئۇنەر مىڭ ئاشىق.
ئەلمىساقتىن كەلگەن بۇ ئۇدۇم،
ھەممىمىزنىڭ بېشىدا ئاغرىق.
مىجەزى بوش فىرال كېچىسى
گۇلباھارنى باشلاپ سەھەردە،
بىر قىز كېلەر دائىم مەلەمگە.
مەن چىققۇچە ئۇزاپ كېتىدۇ،
سېلىپ قۇيۇپ ھەسرەت ئەلەمگە.
يۈلتۈز ساناپ تاڭلار ئاتىدۇ،
مىجەزى بوش فېۋرال كېچىسى.
ئۇ يۈرەكنى يۈرەك تۇنۈيدۇ،
تۇنۇش ئەمەس ئەمما ئۇۋىسى.
تەلپۈنۇشتە كۈنلەر ئۆتىدۇ،
يىراق جايدا تورغاي نالىسى.
يىراق ئەمەس يېقىن جايدىلا ؟!
ۋىسال كۆتەر ئاينىڭ بالىسى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا otkankunlar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى 18:11