يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 773 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 158|ئىنكاس: 3

‹‹ ئۆلۈم يىقىنلاشقاندا›› [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

توردا
93 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
0
يازما
71
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى 17:42:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  دوستۇم پاي چىكى سودىسى بىلەن شۇغۇللىنپ دائىم ئالدىراش يۈرەتتى ، ئىككىمىزنىڭ كۆرۈشمىكىمىز تەس ئىدى، دائىم تېلفۇن ئارقىلىق ئالاقىلىشىپ تۇراتتۇق.
   بىر كۈنى كەچقۇرۇن ئۇنىڭدىن تېلفۇن كەلدى، بىز تاغدىن_باغدىن پاراڭلاشتۇق. ئۇ تۇيۇقسىزلا مەندىن:
   _ئەگەربىرى ساڭا، بىريۈەن بەرسەڭ ئۆزۈڭنىڭ قاچان ئۆلىدىغانلىقىڭ توغرسىدىكى ئۇچۇرنى سېتىپ بېرىمەن، دېسە سەن سېتىۋالامسەن؟_دەپ سورىدى. مەن بىردەم ئويلانغاندىن كېيىن، بېشمنى چايقاپ:
   _ياق،_دېدىم.
   _نېمىشقا؟
   _ئۆزىنىڭ قايسى ۋاقىتتا ئۆلىدىغانلىقىدىن خەۋەر تېپىش ئادەم ئۈچۈن قايغۇلۇق ئىش. مېنىڭچە نېمە بولىۋاتقانلىغىڭنىمۇ بىلمەي قېلىپ جېنىڭ چىقىپ كەتسە ھېچقانداق قىينالمايسەن.
   بىر پەس سۈكۈتتىن كېيىن ، دوستۇم ئاستا؛
   _لېكىن مەن سېتىۋالاتتم،_دېدى.
   _نېمىشقا؟
   _مەن تۇيۇقسىزلا ئۆلۈپ كېتىشىمدىن قورقىمەن، ئۇچاغدا قىلىشقا تېگىشلىك نۇرغۇن ئىشلىرىم قېپ قالىدۇ، لېكىن بەك بالدۇر بىلگۈممۇيوق،10  كۈن بۇرۇن بىلسەملا بولدى.
    -بۇ 10 كۈن ئىچىدە نېمە ئىش قىلالايسەن؟
    _بەش كۈن ۋاقتىمنى ئۆيۈمدىكىلەرگە ئاجرىتىمەن، ئۇلار بىلەن كۆپرەك بىللە بولىمەن .يەنە بەش كۈننى ئۆزۈمگە قالدۇرۇپ ، ئۆزۈم ياخشى كۆرىدىغان ئىشلارنى قىلىمەن. سۆيگىنىم بىلەن بىللە ئاپتوموبىل ھەيدەيمەن، ئورمانلىقنى كېسىپ ئۆتىمەن.
   _بۇ ئۇنچىلىك تەس ئەمەسقۇ، سەن نېمىشقا ھازىرلا شۇنداق قىلمايسەن؟_دېدىم كۈلۈپ كېتىپ. ئۇ چۇڭقۇر ئۇھ تارتىپ:
   _ھازىر شۇنداق ئالدىراش تۇرسام، ئۇ ئىشلارغا ۋاقتىم يوق،_دېدى.
   ئىختىيارسىز يەنە بىردوستۇم ئېسىمگە كېلىپ قالدى. ئۇ تاشقى سودا شىركىتىنىڭ دىرېكتورى ئىدى. ئۇ دۆلەتمۇ دۆلەت قاتراپ ھەر كۈنى سۆھبەتلىشىش، توختام تۈزۈش ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش يۈرەتتى. بىر يىلدا ئاران بىر نەچچە قېتىملا ئۆيىگە قايتاتتى. ئۇ ئۆزىنى خوتۇنى ۋە قىزىغا قەرىزداردەك ھېس قىلىپ ، شىركەتنىڭ سودىسى ئىزىغا چۈشۈپ روناق تاپقاندا ،ئۇلارنى ياۋرۇپاغا ساياھەتكە ئېلىپ بارىدىغانلىغىنى ئېيتىپتۇ. شىركەتنىڭ سودىسى ئىزچىل راۋاج تېپىپتۇ. بىراق ئۇ بۇنىڭغا قانائەت قىلماي ، ساياھەتنى ئارقىغا سۆرەپ، سودا بىلەن ئالدىراش يۈرىۋېرىپتۇ. كېيىن ئۇ ياپۇنىيەگە سودا سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشكە بارغاندا، يۈرەك كېسەللىكى قوزغىلىپ ئۆلۈپ كېتىپتۇ. كۆپ ۋاقىتلاردا،ئۆزىمىز ياخشى كۆرىدىغان ئىشلارنى قىلىشقا ئالدىرىمايمىز، بىراق ئەزرائىل قاچان كېلىپ جېنىمىزنى ئالىدىغانلىقىنى بىزگە ئۇقتۇرمايدۇ.گەرچە 21- ئەسىر ئۇچۇر دەۋرىگە شەرەپ بىلەن قەدەم تاشلىغان، ئۇچۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى كۆز ئالدىمىزدا تۇرغان بولسىمۇ، بىرەر شىركەتنىڭ ئۆلۈم توغۇرلۇق ئۇچۇر سودىسى قىلىۋاتقانلىغىدىن خەۋەر تاپمىدۇق. نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ئىشلارنى قىلىشىنى كەينىگە سۆرەيدۇ، ئاخىرىدا ھەممىنى ئۆزى بىلەن بىللە ئۇ دۇنياغا ئېلىپ كېتىدۇ.

مەنبە:     2004- يىل ،تەرمىلەر ژۇرنىلى


Rank: 8Rank: 8

توردا
212 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى
نادىر
0
يازما
395

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى 17:49:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەر بىر ئادەم ئەستايىدىللىق بىلەن ئويلىنىشقا، تۈزىتىشكە تىگىشلىك مەسىلە .
ياپراقنىڭ تەربىيە ئەھمىيتى يۇقىرى يازما بىلەن تەمىنلىگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمەن

Rank: 1

توردا
46 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 21-كۈنى
نادىر
0
يازما
93
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى 09:02:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى ھىكايىكەن.ماڭا بەك تەسىر قىلدى.گاھىدا خۇددىئۆلمەيدىغاندەك  بىر ئىشلارنى قىلىپ كىتىمىز.ئادەم ھاياتلىقىدا ئۆلۈمنىمۇ ئويلاپ قويۇش كىرەك

生活什么味道,自己放调料

Rank: 1

توردا
93 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
0
يازما
71
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 21-كۈنى 10:39:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  شۇنداق ،ماڭىمۇ بەك تەسىر قىلغان ئېدى،
تۇرمۇشتا كۆپىنچە ئەڭ موھىم ئىشلارغا سەل قاراپ قالىدىكەنمىز.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى 23:42 , Processed in 0.065116 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش