يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 759 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 189|ئىنكاس: 8

سېغىنىش(ھىكايە)R [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

توردا
212 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى
نادىر
0
يازما
394

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى 11:43:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

seghinish-hikaye.jpg


يوتقاندا پەيدا بولغان تۇنۇش ھىد قادىرنىڭ
كۆزىنى ئاچتى . كۆرمىگىلى ئۇزۇن بولغان ئايالىنىڭ ھىدىغا قانماي پۇرايتتى،
باغرىغا چىڭ باساتتى، چىرايىغا تىكىلىپ قارايتتى.
-«نېمانچە ئۇزۇن يوقاپ كېتىسەن؟ مۇشۇنداقمۇ تاشلىۋىتەمسەن ؟ بىلەمسەن؟سېنى بەك سېغىندىم »  دىدى .
-«مەندىمۇ  نىمە ئامال، كىلەي دەپمۇ كىلەلمىسەم بولمىسا مەنمۇ سېغىندىم ،دەيتتى ئايالى قادىرغا تىكىلىپ .
-قادىرنىڭ ئايالى ياستۇق ئۈستىدە قۇيۇپ قويغان يانفۇننى كۆردى-دە«مەن يوق
ۋاقىتلاردا كىملەر بىلەن تېلفۇنلاشتىڭىز كۆرۈپ باقاي» دەپ يانفۇننى قولىغا
ئالدى.
ئىككى كۈن ئىلگىرى بىز قىزنىڭ يازغان ئۇچۇرى قادىرنىڭ يادىغا يىتىپ
يانفۇننى تارتىۋالدى ۋە« بولدى قىلە ماڭا دائىم ئىشەنمەيسەن» دىدى.
«سىز ئىشەنچىلىك بولغاندىكىن كۆرۈپ باقسام بولا» دىدى يەنە  ئايالى.
لېكىن قادىر يانفۇننى بەرگىلى ئۇنىمىدى، ئايالىمۇ بوش كەلمەي تالاشتى،
قادىرنىڭ ئاچچىقى كىلىپ يانفۇننى تامغا ئاتتى. يانفۇن نەچچە پارچە بۇلۇپ
كەتتى.« كۆرە مانا! بولدىمۇ ئەمدى ؟ماڭا پەقەت ئىشەنمەيسەن ،مەن سەن يوق
ۋاقىتتا ھېچكىم بىلەن كۆرۈشمىدىم !»دەپ تازا غەلۋە قىلىۋاتقاندا  يانفۇن
سايراپ قادىرنىڭ ئۇيقۇسىنى ئويغىتىۋەتتى.
يانفۇندىن ئوغلىنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى – «دادا ھازىر بىز بۇۋام، مۇماملار بىلەن سىنىڭ يېنىڭغا ماڭدۇق ».
قادىر كىرلىشىپ كەتكەن يوتقاننى بۇرنىغا چىڭ بېسىپ پۇرىدى. بۇ يوتقاننى
ھەرقېتىم قۇلىغا ئالغاندا كۆزئالدىغا ئايالىنىڭ سىماسى كىلەتتى، يوتقاننى
يېپىنىپ ياتقاندا ئايالىنىڭ ھىدىنى سىزەتتى. ئاغىنىللىرى بىرنەچچە قېتىم
قاسماق يوتقان دەپ زاڭلىق قىلغان بولسىمۇ رەھمەتلىك بىلەن يېپىنغان بۇ
يوتقاندىكى ھىدنى يۇقۇتۇپ قۇيۇشتىن ئەنسىرەپ يۇيماي يېپىنىۋاتاتتى.
ياتاقنى يىغىشتۇرۇپ يۈز-كۆزلىرىنى يۇيۇپ تۇرۇشىغا قېيىن ئاپا-قېيىن
ئاتىلىرى ئوغلىنى ئېلىپ كىردى ،قادىر ئۇلارنى ياتاق ئۆيگە باشلىدى . قېيىن
ئاپىسى ياتاق ئۆيگە كىرىپلا ئۈن سېلىپ يىغلاپ كەتتى. ئۇ توختىماي قىزىم
تۇتقان ئۆي، قىزىم ياتقان ياتاق دەپ ئۆينى ياتاقلارنى سىلاشتۇراتتى. سەككىز
ئايدىن بىرى ئاپىسىنىڭ يىغىسى بىركۈنمۇ بېسىقمىدى.
قادىر ھەرقېتىم قېيىن ئاپىسىنىڭ يىغىسىنى كۆرگەندە ناھايىتى تەڭلىكتە
قالاتتى، تەسەللى قىلىشنىمۇ ئويلايتتىيۇ يەنە نىمە دىيىشنى بىلەلمەي جىم
تۇراتتى.
چۈنكى شۇ ۋاقىتتا ئاقسۇغا ئايال بىلەن بالىنى ئېلىپ مېڭىشقا قېيىن ئانىسى
قارشى تۇرغان ئىدى. لېكىن قادىر ئاڭلىمىدى، ھەتتا ئۇنىمىغىنىغا قارىماي
چوڭلارغا خەۋەر قىلمايلا مېڭىپ كەتكەن ئىدى.
تەقدىر دىگەن شۇ بولسا كىرەك. ئۇلار ئاقسۇغا بېرىپ بولغۇچە ناھايىتى خۇشال
ماڭدى، توختىغان يەردە رەسىمگە چۈشۈپ ئايلىنىپ، ئوينىشىپ بەكلا خۇشال
ماڭغان ئىدى. ئاقسۇغا كىرىشكە نەچچە كىلومىتىرلا يول قالغاندا تىز سۈرئەتتە
كىتۋاتقان ماشىنا يولنىڭ ياقىسىدىكى تۆكەپ قويغان شېغىلغا تەككەندەكلا
قىلىۋىدى ماشىنا نەچچە ئايلىنىپ كەتتى. قادىر كۆزىنى ئاچقاندا ئۆزىنى
دوختۇخانىدا يالغۇز كۆرگەن ئىدى.




بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   rohqin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى 13:35  


Rank: 1

توردا
91 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
0
يازما
69
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى 12:02:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياخشى يىزىلىپتۇ، ھەقىقى ساپ چىن مۇھەببەت، تەسۋىر لىنىپتۇ،
نىمەدىگەن تەسىرلىك كۆرنۈش ھە،،،،،،،،،

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ياپراق520 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى 22:03  


Rank: 2

توردا
167 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
309
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى 12:10:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يىزىلىپتۇ، ۋەقەلىك ئەمىليەتكە ئۇيغۇن،يازغان قوللىرىڭىزغا دەرت كەلمىگەي

ھەقىقىي بايلىق سىرتىڭىزدا تۇرۇۋاتقان ماددى نەرسىلەر ئەمەس، ۋۇجۇدىڭىزدا تۇرۇۋاتقان يۇشۇرۇن قابىلىيەت

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
716 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2174

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى 17:21:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭ بىر دوستۇممۇ،  ئەر- ئايال بىر يەرگە بېرىپ قايتقاندا موتوسېكېلىت بىلەن يۈك ماشىنا سوقۇلۇپ يولدىشى نەق مەيداندا جان ئۈزۈپ،  دوستۇم ئىككى بالىسى بىلەن تۇل قالغىلى ئون يىلدەك بولدى، دوستۇممۇ يولدىشىنىڭ بىرەر ساۋاقدىشىنى، يېقىن ئۆتكەن ئەل- ئاغىينىلىرنى، ئۇنىڭ تۇتقان نەرسىلىرىنى كۆرسىلا يىغلايدۇ....

مۇنبەر مەسئۇلى

نازارەتچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
560 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
1178

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى 16:22:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
-«نېمانچە ئۇزۇن يوقاپ كېتىسەن؟ مۇشۇنداقمۇ تاشلىۋىتەمسەن ؟ بىلەمسەن؟سېنى بەك سېغىندىم »  دىدى .................................

نىمانچە تەسىرلىك، ئادەمنى ئىزىپلاۋەتتىڭىز روھچىن!
   كۆنەپ قالغان پۇراق، ئۇنۇتماق ئاسانمىدى؟؟؟ ئۇنداق كۈننى كۆرسەتمسۇن خۇدايىم!


ئۆزىڭىز يازدىڭىزما؟

ھەر بىر كۈن يېڭى بىر ھايات!

Rank: 8Rank: 8

توردا
212 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى
نادىر
0
يازما
394

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى 17:39:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەھۋە يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى 16:22
-«نېمانچە ئۇزۇن يوقاپ كېتىسەن؟ مۇشۇنداقمۇ تاشلىۋىتەمس ...

ھەئە ئۈزۈمنىڭ بولمىسا مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن بۇلاتتىم

باھا سۆز

قەھۋە  بەك تەسىىرلىك چىقىپتۇ.  يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى 17:40:35

Rank: 8Rank: 8

توردا
212 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى
نادىر
0
يازما
394

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى 17:45:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قانچە ئاددى يېزىلغان،  تۇرمۇش ئەينەن تەسۋىرلەنگەن يازمىلار  تەسىرلىكراق چىقامدىكى

Rank: 8Rank: 8

توردا
212 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى
نادىر
0
يازما
394

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى 17:48:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەھۋە يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى 16:22
-«نېمانچە ئۇزۇن يوقاپ كېتىسەن؟ مۇشۇنداقمۇ تاشلىۋىتەمس ...

يېقىندىن بىرى تىما ئىنكاسنى رەڭلىك يازىدىغان بۇلىۋالدىڭىزغۇ ؟
قېرىغاندا شوخلىشىپ كىتىپ بارامسىز قانداق

مۇنبەر مەسئۇلى

نازارەتچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
560 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
1178

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 21-كۈنى 11:16:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
rohqin يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى 17:48
يېقىندىن بىرى تىما ئىنكاسنى رەڭلىك يازىدىغان بۇلىۋال ...

شۇشۇ، كەينىمگە يانغۇم كېلىپچۇ، بۇرۇندىن رەڭلىكتۇق بىز

ھەر بىر كۈن يېڭى بىر ھايات!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى 03:43 , Processed in 0.053697 second(s), 30 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش