يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 750 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 147|ئىنكاس: 4

ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ قۇلاق تېشىش ئادىتى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

توردا
163 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
306
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى 10:54:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇرلاردا قىز بالا يەتتە ياشقا كىرگەندە قۇلىقىنى تېشىپ ھالقا سېلىپ قويۇش ئادىتى بار بولۇپ، بۇ ئادەت ناھايىتى ئۇزاق زامانلاردىن بېرى ئىزچىل داۋاملىشىپ كەلمەكتە. گەرچە بۇ ئادەت ئالاھىدە بىر مۇراسىم شەكلىنى ئالمىغان بولسىمۇ، ئاتا-ئانىنىڭ زىممىسىدىكى چوقۇم ئۆتەشكە تېگىشلىك بىر مەسئۇلىيەت، دەپ قارىلىدۇ. بۇ ئادەتكە ئاتىلار ئانچە پەرۋا قىلىپ كەتمىسىمۇ، ئانىلار بىر خىل مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن قارايدۇ. ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئۈچ ياشقا كىرگەندىن باشلاپ قۇلىقى تېشىلىدۇ. ئەنئەنىۋى قۇلاق تېشىش ئۇسۇلى ناھايىتى ئاددىي ھەم بىخەتەر بولۇپ، كىشىلەر قىزلىرىنىڭ قۇلىقىنى تەشتۈرۈشتە بىرەر موماينى تەكلىپ قىلىدۇ. موماي قىزنىڭ قۇلىقىنىڭ يۇمشىقىنى قوناق ياكى چىگىت بىلەن ئۇزاق ئۇۋۇلاپ، قۇلاق يۇمشىقىنىڭ قېنىنى قاچۇرغاندىن كېيىن، ئاندىن يىڭنە بىلەن قۇلاقنى تېشىدۇ-دە، ئىچىگە سۈپۈرگە تېلى ياكى چاي شامىسىنى سانجىپ قويىدۇ. ناۋادا قۇلاقتىكى ئەسلىي تېشىلگەن تۆشۈك پۈتۈپ قالسا، بۇزۇلۇپ كەتسە، ئاندىن 2-قېتىم يەنە تۆشۈك تېشىدۇ. قىز بالىنىڭ قۇلىقىنى تەشكەندە ئۇنىڭ چىدىماي يىغلاپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا بىر-ئىككى تال تۇخۇم ياكى بىرەر نەرسە يىگۈزۈپ قويىدۇ. قىزلارنىڭ قۇلىقىنى تەشكۈزگەن كۈنى ئانىسى ئۇلارغا چىرايلىق بىر جۈپ ھالغا ياكى بىرەر سوۋغات ئېلىپ بېرىش بىلەن قىزىنىڭ كۆڭلىنى ئالىدۇ ھەمدە بىرەر ئايغىچە ئۇنىڭ قۇلىقىنىڭ ئەتراپىغا يارا-چاقىلارنىڭ چىقىپ قالماسلىقى ئۈچۈن مايلاپ، ھەر خىل مەلھەملەرنى سۈرتۈپ تۇرىدۇ. قۇلاق ئاساسەن ئۆرۈك چېچەكلىگەن پەيتلەردە تېشىلىدۇ.

ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ قۇلاق تېشىش ئادىتى شەكىللەنگەندىن كېيىن، شۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا قىز-ئاياللارغا ھەر خىل ھالقا، مۇنچاقلارنى سوۋغا قىلىش ۋە تويلۇق ئۈچۈن قۇلاققا ئاسىدىغان ھەر خىل زىبۇ زىننەت بۇيۇملىرىنى سوۋغا قىلىش ئادىتى شەكىللەندى.

شۇنىڭدىن كېيىن مەخسۇس ھالقا ۋە زىبۇ زىننەتنى ياساش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ھۈنەر تۈرى مەيدانغا كەلدى. ئۇيغۇرلار ئۇلارنى ھالقا، سۆكە، مۇنچاق، زىرە، سىرغا قاتارلىق ناملار بىلەن ئاتايدۇ. ئۇلار بۈگۈنكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە قىزلارنىڭ تويلۇقىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى بولۇپ قالدى. ئۆز بەدىنىگە مەلۇم زىننەت بۇيۇملىرىنى تاقاش ۋە ئېسىش بىلەن بەدەن گۈزەللىكىنى ئاشۇرۇش ئىستىكى ئۇيغۇرلاردا ناھايىتى بۇرۇنلا شەكىللەنگەن.

قۇلاق تېشىپ ھالقا ئېسىش ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ياسىنىش ئادىتى. بۇ ئۇيغۇر زىبۇ-زىننەت مەدەنىيىتىدە مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.

(بۇ ماقالە «ئاسىيا كىندىكى» گېزىتىنىڭ 2011-يىل 8-ئىيۇل سانىدىن ئېلىندى)


مۇنبەر مەسئۇلى

نازارەتچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
537 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
1165

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى 11:14:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز يوللايدىغان تېمىنىمۇ سىز يوللىۋالدىڭىزمۇ نېمە؟

يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى، مانا! نېمە ئىزلىسەك تاپالىساق، نېمىگە ئېھتىياجلىق بولساق، شۇ كۆرۈنسە دېگەندەك. قىز-ئاياللار تېمسىى كۆپرەك بولسىكەن دەيمەن!

رەھمەت!

ھەر بىر كۈن يېڭى بىر ھايات!

Rank: 2

توردا
163 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
306
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى 11:22:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەھۋە يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى 11:14
بىز يوللايدىغان تېمىنىمۇ سىز يوللىۋالدىڭىزمۇ نېمە؟
...

شۇ بەت ئارلاۋىتىپ كۆرۈپ قالدىم

ھەقىقىي بايلىق سىرتىڭىزدا تۇرۇۋاتقان ماددى نەرسىلەر ئەمەس، ۋۇجۇدىڭىزدا تۇرۇۋاتقان يۇشۇرۇن قابىلىيەت

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1846

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى 16:45:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باتۇرنىڭ تېما يوللاش قىزغىنلىقىغا سوغۇق سۇ سەپكىم يوق ئىدى. بىراق، مۇنبەرنىڭ مۇشۇ ئىككى-ئۈچ كۈندىن بۇيانقى كەيپىياتى دېگۈم يوق سۆزنى دېگۈزىۋاتىدۇ.
سىزنىڭ يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرىنى قوللاپ ياخشى تېمىلارنى يوللغىنىڭىزدىن خۇرسەنمىز. بىراق، كۆچۈرۈلمە تېمىلار مۇنبەردە بەكلا كۆپ بولۇپ كەتسە ياخشى بولمايدۇ. بىز مۇنبەرگە كۆچۈرۈلمە تېما يوللىمايسەن دەپ شەرت قويالمايمىز ھەمدە بۇنداق شەرتنى قويۇشقىمۇ سالاھىتىمىز توشمايدۇ. لېكىن مۇنبەردە كۆچۈرۈلمە تېمىلارنىڭ بەك كۆپىيىپ كېتىشىنى ياقتۇرمايمىز. باشقا يەردىن كۆچۈرۈپ كەلگەن تېمىلارنىڭ چوقۇم مەلۇم دەرىجىدە قىممىتى بولىشى كېرەك. ھەمدە كۆچۈرۈلگەن تېمىلار كۈنىگە بىرەر تال بولسا شۇ كۇپايە. مۇنبەر يۈزىنى باشقا يەردىن كۆچۈرۈپ كەلگەن تېمىلارغا كۆمۈۋەتسەك مۇنبەرنىڭ تېما سۈپىتىگە تەسىر يېتىدۇ.
شۇڭا باتۇر ئەپەندىم، بىزلەرنى توغرا چۈشۈنۈپ قىممىتى يۇقىرى تېمىلارنى كۈنىگە بىر تاللا يوللىغان بولسا دېگەن ئۈمىدتىمەن. يەنە يوللانغان تېمىنىڭ كېلىش مەنبەسى چوقۇم ئەسكەرتىلىشى كېرەك.

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 2

توردا
163 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
306
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى 13:00:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جۇلالىق يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى 16:45
باتۇرنىڭ تېما يوللاش قىزغىنلىقىغا سوغۇق سۇ سەپكىم يوق  ...

شۇ يېڭىلىقتا بىلىپ بىلمەي يوللاۋىرىپتىمەن.تەكلىۋىڭىزنى قۇبۇل قىلىمەن.
بۇنىڭدىن كىيىن ئىجادى تىما يوللاشقا كوپ تېرىشىمەن.رەخمەت

ھەقىقىي بايلىق سىرتىڭىزدا تۇرۇۋاتقان ماددى نەرسىلەر ئەمەس، ۋۇجۇدىڭىزدا تۇرۇۋاتقان يۇشۇرۇن قابىلىيەت
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى 06:39 , Processed in 0.045923 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش