يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 759 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 310|ئىنكاس: 16

قەبرىمىزنى تېپىشى ئۈچۈن ! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

توردا
91 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
0
يازما
69
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى 13:06:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

جۈمە كۈنى نامازدىن يېنىپ ،

قەبرىستاننى قىلدىم زىيارەت .

كەتكەنلەرنىڭ روھىغا ئاتاپ ،

دۇئا قىلدىم بولغاي ئىجابەت .


قايتارىمدا ئىككى قىز يىگىت ،

مېڭىپ كەلدى قەبرىلەر ئارا .

سالام قىلدى ئاخۇن ئاكا دەپ ،

گېپى پۇچۇق ،سالىمى چالا .


گەپلىرىدىن بۇ بىر تۇغقاننىڭ ،

تەستە بىلدىم مەقسەتلىرىنى .

تورداشلىرىم بىلىپ قالسۇن دەپ ،

شئېر قىلدىم سۆھبەتلىرىمنى ..


ئىچكىردىكى ئاۋات شەھەردىن ،

تەتىل قىلىپ كەپتۇ ئىككىسى .

پۈتتۈرۈپتۇ "داسەن"نى يىگىت ،

"يەنجىيۇۋسىڭكەن"ئاڭا ھەدىسى .


سۆزلەيدىكەن ،ئوقالمايدىكەن ،

يېزىقىنى "سىتۇدېنىت"لار .

ئوقالمىغان ئۆلۈم خېتىنى ،

زامانىۋى سىيىت نوچىلار .


دېدى ماڭا ئەھەت بوۋامنىڭ ،

قەبرىسىنى تېپىپ بەرسىڭىز .

رەھمەتلىكنىڭ روھىغا ئاتاپ ،

ناماز ئوقۇپ بەرگەن بولسىڭىز .


مەن تەرجىمان بولۇپ بۇلارغا ،

بىللە ئىزلەپ كەتتۇق قەبرىنى .

قايناپ قاقشاپ كەتمەكچى ئىدىم ،

شۈكرى ئاللاھ-بەردى سەبرىنى .


ئوقۇماستىن ئەرەپچە سۈرە ،

قول كۆتۈردۈم ئۇدۇل دۇئاغا .

كۆزلىرىمدىن ياشلىرىم ئېقىپ ،

نالە قىلدىم ئۇلۇغ خۇداغا .


پاساھەتلىك ئانا تىلىمىز ،

قولىمىزدا بولماقتا شالغۇت .

ئاتا قىلغىن بىزگە ئىرادە ،

بوپ كەتمەيلى بىزلەر ماڭقۇرۇت .


ئانا تىلنى خارلىغانلارغا ،

ئاتا قىلغىن نومۇس تۇيغۇسى .

ئانا تىلنى تاشلىغان ئەلنىڭ ،

مۇدھىش بولۇر چوقۇم كەلگۈسى ...


قىلغىن بىزنى ئەلگە ۋاپادار ،

خۇشھال ياتسۇن تۆھپىكار ئەجدات .

قولىمىزدىن شانلىق تارىخنى ،

پۈتۈن ئالسۇن كەلگۈسى ئەۋلات !


-ئامىن دېدىم يېشىمنى سۈرتۈپ ،

يىغلامسىراپ قالدى ئىككىسى .

ئانا تىلنى تۈزۈك بىلمىسەك ،

ئەرەپچىنىڭ نېمە پايدىسى ؟


كەچۈر دېدى يىگىت ئېسەدەپ ،

-ئاللاھ بىزنى كەچۈرسۇن دېدىم ؛

دوكتور ئاشتى بولۇپ كەتسەڭمۇ ،

ئانا تىلىڭ تاشلىما سىڭلىم .


خاتىمە :

ئۆگىنەيلى، ئۆگىتەيلى ھەم ،

بۇ ئانا تىل  يەردە قالمىسۇن .

بىر كۈنلىرى ئوغۇل-قىزىمىز ،

قەبرە ئىزلەپ تېنەپ قالمىسۇن .


2011-يىلى 23-ئاۋغۇست، شەھىرى بورتالادا يېزىلىپ بېقىلدى .



تېمىنىڭ ئاپتورى: ۋاپادارىم 912

تەھرىر: جۇلالىق


Rank: 8Rank: 8

توردا
55 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
128

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى 13:30:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يازغۇچىسى سىزمۇ ؟

Rank: 2

توردا
167 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
309
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى 13:36:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمىليەتكە ناھايىتى ئۇيغۇن ،ياخشى يېزىلىپتۇ

ھەقىقىي بايلىق سىرتىڭىزدا تۇرۇۋاتقان ماددى نەرسىلەر ئەمەس، ۋۇجۇدىڭىزدا تۇرۇۋاتقان يۇشۇرۇن قابىلىيەت

Rank: 1

توردا
91 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
0
يازما
69
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى 13:55:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنبەر كۆرىۋاتسام ئۇچراپ قالدى ،مەزمۇنى بەك ياخشىكەن يوللاپ قويدۇم .
ئاپتورنىڭ كىم ئىكەنلىگىنى بىلمەيدىكەنمەن،،،،،،،،،

Rank: 1

توردا
8 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
14
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى 14:57:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىلغان شئېركەن ،جانلىق ھەم ئوبرازلىق .بۇ مەسلە كەڭ خەلقىمىز ئورتاق ئويلىنىشقا تىگىشلىك مەسىلە بۇلۇپ بۇ يولدا ھەممىمىز ئىشنى ئۆزىمىزدىن باشلىشىمىز كېرەك .يېزىقى ،تىلى يوق مىلەتنىڭ ئاقىۋىتى نىمە بولار

بەخىت - قەلبىڭدە ،يېنىڭدا ،كەلگۈسىگە سىڭدۈر

Rank: 8Rank: 8

توردا
212 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى
نادىر
0
يازما
394

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى 16:59:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىئىرنى تەۋسىيە قىلغىنىڭىز ياخشى بۇپتۇ. لېكىن مەنبەسىنى، ئاپتۇرىنى چۇقۇم ئەسكەرتىڭ !
ئامال بار ئىجادى تىما يېزىشقا تىرىشىڭ !
ھەربىرمۇنبەر ئۆزىنىڭ خاسلىقى بىلەن تەرەققى قىلىدۇ. خاسلىق شۇ مۇنبەرگە تەۋە ئىجادى، يىڭىلق تىمىلار ىبلەن تۇرغۇزىلىدۇ.
شۇڭا ئىجادى تىما يېزىشقا تىرىشساق !

Rank: 1

توردا
91 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
0
يازما
69
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى 21:49:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھە بوپتۇ ئۇنداقتا سىز ھەر كۇنى ئىجادى تىما يىزىپ يوللاپ تۇرۇڭ ،سىزدىن ئۈگىنەيلى قانداق،
بىزلەر مۇنبەرگە تىخى يىڭى ،ھازىرچە باشقىلار نىڭ ئىجادىيتى بولسىمۇ پايدىلىنىش قىممتى باركەن.
شۇڭا يوللاپ قويۇپ تۇردۇم،،،،،،،،، بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ياپراق520 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى 21:50  


Rank: 8Rank: 8

توردا
212 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى
نادىر
0
يازما
394

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى 21:54:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياپراق520 يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى 21:49
ھە بوپتۇ ئۇنداقتا سىز ھەر كۇنى ئىجادى تىما يىزىپ يوللا ...

يىڭى بولسىلا كۆچۈرسە بۇلامدىكەن !
باھانىسىنىڭ تەييارلىقىنى . . .

Rank: 1

توردا
91 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
0
يازما
69
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى 23:03:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
123.gif


سىز پەقەت كۆچۈرۇپ باقمىغانما!!!؟؟؟

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ياپراق520 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى 23:12  


Rank: 8Rank: 8

توردا
212 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى
نادىر
0
يازما
394

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى 23:17:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياپراق520 يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى 23:03
سىز پەقەت كۆچۈرۇپ باقمىغانما!!!؟؟؟

مەن سىزنىڭ ئۇستازىڭىزما

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى 00:37 , Processed in 0.050915 second(s), 30 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش