ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكرو بىلوگ 2736 پارچە  

مىكرو بىلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 1473|ئىنكاس: 15

خۇشخۇي ئاياللار مەڭگۈ جەلىپكاردۇر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

تېما
39
يازما
2325
نادىر
0
جۇغلانما
4983
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى 12:12:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەگەر سىز خۇشخۇي ئايال بولىسىڭىز ، باشقىلار سىزنىڭ جەلىپكارلىقىڭىزنى ھەقىقىي ھېس قىلالايدۇ.
شادلىق گۈلى پۈتكۈل ھاياتىڭىزنى ، ئىللىق ئائىلىڭىزنى بېزەيدۇ . خۇشخۇيلۇق ھازىرىقى پۇرسەتنى چېڭ تۇتۇپ ، تۈنۈگۈنكى ئوڭۇشسىزلىقنى تولۇق ئۇنتۇپ ،ئەقلىي تەجىرىبە _ ساۋاقلارنىلا بۈگۈنكى خۇشاللىقىنىڭ ئاساسى قىلىدۇ ؛ ئەتىكى ئورۇنسىز غەن ئەندىشىگە يول قويماي ، بەخىتلىك ئارزۇ - ئىستەكلەرنىلا كۆڭۈل تۆرىڭىزگە باشلاپ ، كۆز ئالدىڭىزدىكى تۇرمۇشىڭىزدىن قانغۇچە ھۇزۇر ئالدۇرىدۇ.
خۇغخۇيلۇق ئۆزىڭىزنى ئۆزىڭىز مۇئەييەنلەشتشرۈش بولۇپ ، ئۆزىڭىزنىڭ ھەرخىل ئىش ھەركىتى ، ئوماق گەپ سۆز ، قىلىقلىرى ئارقىلىق باشقىلارنىمۇ خۇشال قىلالايدۇ . خۇشخۇي ئاياللار ھەربىر كۈننى جىمىرلاپ تۇرىغان شەبنەم تامچىلىرىدەك گۈزەل ،كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزەلەيدۇ . ھەربىر كۈننى خۇشپۇراق گۈللەر بىلەن پۈركىيەلەيدۇ؛
خۇشخۇيلۇق كاللىڭىزنىڭ سەگەكلىكىگە باغلىق . بەدىنىڭىزنى ، ئائىلىڭىزنى ، كەسىپىڭىزنى بارلىقىڭىزغا ئايلاندۇرۇپ ، مۇشۇلارنىڭ ئالىي ھۆكۈمرانى بولالىسىڭىزلا بۇلار ھەرقاتلام ، ھەر تەرەپلەردىن سىزنىڭ مول ،رەڭدار ئاياللىق خاندانىڭىزنى بەرپا قىلىدۇ . سىز ئۇلارنى باشقۇرىسىز ،يىتەكلەيسىز ، ئۇلارغا بىر نىيەت ، بىر مەقسەتتە گۈزەل ، نەپىس ، مول مەزمۇنلۇق ھايات سىمفونىيىسى ياڭرىتالايسىز.
ياسىنىڭ ،خاسلىقىڭىزنى ساقلاشقا ماھىر بولۇڭ ؛ ئېرىڭىزنى ، باللىرىڭىزنى چىن يۈرىكىڭىزدىن سۆيۈڭ . ئەمما ، سىز ئۇلارنىڭ بارلىقى بولالمىغاندەك ، ئۇلارمۇ سىزنىڭ روھىيەت دۇنيايىڭىزنى پۈتۈنلەي ئىگىلىۋالالمايدۇ . ؛ ئەستايىدىللىق بىلەن كىتاب ئوقۇڭ . ئەمما ،مەستانە بولۇپ قالىماڭ ؛ ھاياتتىن ھوزۇرلىنىش مۇھىتىدا خىزمەتنى ھاياتىڭىزدىكى بىر خىل ھوزۇرلىنىش دەپ قارىغىنىڭىزدىلا ، ئاندىن توختاۋسىز جەلىپ قىلىش كۈچى ۋە ئىجادچانلىقىغا ئېرىشەلەيسىز.
ئەمەلىيەتتە خۇشاللىق دەل ئاشۇ ئاددى - ساددا ، ئەمما مول تۇرمۇش ئىچىدە بولىدۇ . ئۇ ئاشخانىڭىزدىكى تېتىتقۇ شېشىلىرىڭىزنىڭ ئارىسىغا يوشۇرۇنغان ؛ ئۇ رەخىت پۇرۇچلىرى ۋە يۇڭ يىپلار بىلەن تولىغان تارىتمىلىرىڭىزغا يوشۇرۇنغان ؛ سىز تېخى ئوقوپ بولالمىغان كىتابقا يوشۇرۇنغان ؛ سىز يېزىۋاتقان ماقاللىرىڭىزنىڭ قۇر ئارلىقلىرىغا ؛ئېرىڭىزنىڭ ، باللىرىڭىزنىڭ خۇشال كۈلكىلىرىگە يوشۇرۇنغان . خۇشاللىق __ ئىللىق چىراغ نۇرىدا ، ھەيۋەتلىك دەرىسخانىدا ، كۆزنى قاماشتۇرىدىغان ماگزىنلاردا ، ئىللىق ئائىلىڭىزدە ، دەريا بويىدا ، ئوت - چۆپلەر ئارىسىدا تىمتاسلىق ، مەجنۇنلۇق بىلەن سىزگە باقماقتا.
خۇشاللىق ھەممىمىزنىڭ يېنىدا ، خۇشاللىقىنى قولىدىن بەرمەي ، ئۇنى باخاشلىغىنىڭىزدىلا خۇشال ئايالغا ئايلىنالايسىز . خۇشخۇي ئايال بولۇشقا تىرىشىڭ . خۇشخۇيلۇقتىلا مەڭگۈلۈك ياشلىق ، مۇكەممەل ئۆزلۇك ، مەڭگۈلۈك جەلىپكارلىق بولىدۇ.
مەنبە:دىلچى تورى

Rank: 3Rank: 3

تېما
3
يازما
37
نادىر
0
جۇغلانما
355
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى 14:47:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خۇشخۇي بۇلۇشقۇ ئەمىلىيەتتە يازمىڭىزدا ئېيتقاندەك ياخشى ئىش ،ئەمما بەزىلەرنىڭ مىجەزى تۇغما ئېغىر -بېسىق بۇلۇپ ئارتۇق گەپ سۆزلەرنى ياقتۇرمايدىغان كېلىدۇ ،بۇنداق ئاياللار چۇقۇم كۆپرەك ئائىلىسى ئۈچۈن ئۆزىنى ئۆزگەرتىشكە تىرىشىشى كېرەك.مەندىن باشلاپ دىگەندەك .:P

بەخىت - قەلبىڭدە ،يېنىڭدا ،كەلگۈسىگە سىڭدۈر

Rank: 8Rank: 8

تېما
39
يازما
2325
نادىر
0
جۇغلانما
4983
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى 14:50:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
nafisa يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى 14:53
خۇشخۇي بۇلۇشقۇ ئەمىلىيەتتە يازمىڭىزدا ئېيتقاندەك ياخ ...

ئېغىر -بېسىق بۇلسا خۇشخۇي بۇلغىلى بۇلمايدۇ دەپ كىم ئىيتقان بولغىيتى

ھەقىقىي بايلىق سىرتىڭىزدا تۇرۇۋاتقان ماددى نەرسىلەر ئەمەس، ۋۇجۇدىڭىزدا تۇرۇۋاتقان يۇشۇرۇن قابىليەت

Rank: 3Rank: 3

تېما
37
يازما
1416
نادىر
0
جۇغلانما
700
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى 17:12:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ھەجەپ ياخشى گەپلەركەن، خۇشخۇيلۇق ئاياللاردىن ئايرىلمىسۇن! ئۇمۇ بىر خىل گۈزەللىك، روھىيىتىڭىزنى ئۇرغۇتۇپ، ئۆزىڭىزگە بولغان ئىشەنچىڭىزنى تېخىمۇ ئاشۇرىدۇ، مۇستەھكەملەيدۇ.
  خۇشخۇيلق-جەلپ قىلشتۇر!
تۇرمۇشتىكى خۇشاللىق، ئۆي ئىچىگە، ئاشخانىغا يوشۇرۇنغان؟ راست، ئۇنىڭدىكى خۇشاللىقنىڭ ھوزۇرى ئۆزگىچە ئەمەسمۇ، پەقەت ھېس قىلالىساقلا.

ياسىنىڭ ،خاسلىقىڭىزنى ساقلاشقا ماھىر بولۇڭ ؛ ئېرىڭىزنى ، باللىرىڭىزنى چىن يۈرىكىڭىزدىن سۆيۈڭ . ئەمما ، سىز ئۇلارنىڭ بارلىقى بولالمىغاندەك ، ئۇلارمۇ سىزنىڭ روھىيەت دۇنيايىڭىزنى پۈتۈنلەي ئىگىلىۋالالمايدۇ . ؛ ئەستايىدىللىق بىلەن كىتاب ئوقۇڭ . ئەمما ،مەستانە بولۇپ قالىماڭ ؛ ھاياتتىن ھوزۇرلىنىش مۇھىتىدا خىزمەتنى ھاياتىڭىزدىكى بىر خىل ھوزۇرلىنىش دەپ قارىغىنىڭىزدىلا ، ئاندىن توختاۋسىز جەلىپ قىلىش كۈچى ۋە ئىجادچانلىقىغا ئېرىشەلەيسىز.
داۋاملىق تۇرمۇشۇمنىڭ قىبلىنامىسى قىلغۇم بار!

ھەر بىر كۈن يېڭى بىر ھايات!

Rank: 8Rank: 8

تېما
39
يازما
2325
نادىر
0
جۇغلانما
4983
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى 18:04:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەھۋە يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى 17:18
ھەجەپ ياخشى گەپلەركەن، خۇشخۇيلۇق ئاياللاردىن ئايرىل ...

لىكىن بەزىدە بەك سەت تۇتۇلۇپ قالسىز خۇددى بۈگۈنكى ھاۋادەك:lol

باھا سۆز

مودەن  بەك ياخشى يوللاپسىز  يوللىغان ۋاقتى: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى 15:15:23
ھەقىقىي بايلىق سىرتىڭىزدا تۇرۇۋاتقان ماددى نەرسىلەر ئەمەس، ۋۇجۇدىڭىزدا تۇرۇۋاتقان يۇشۇرۇن قابىليەت

Rank: 3Rank: 3

تېما
37
يازما
1416
نادىر
0
جۇغلانما
700
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى 09:48:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
BATUR值爱 يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى 18:10
لىكىن بەزىدە بەك سەت تۇتۇلۇپ قالسىز خۇددى بۈگۈنكى ھاۋ ...

بىردەمدىلا ئوڭشۇلۇپ كېتىمەنغۇ:o

ھەر بىر كۈن يېڭى بىر ھايات!

Rank: 8Rank: 8

تېما
39
يازما
2325
نادىر
0
جۇغلانما
4983
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى 10:09:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەھۋە يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى 09:55
بىردەمدىلا ئوڭشۇلۇپ كېتىمەنغۇ

سىزنىڭ ئوڭشۇلۇپ بۇلشىڭىزنى كۈتمەي ئدارىدىن دەرھال ئايرىلغاچقا مەن بۇنى ھېس قېلالماپتىمەن

ھەقىقىي بايلىق سىرتىڭىزدا تۇرۇۋاتقان ماددى نەرسىلەر ئەمەس، ۋۇجۇدىڭىزدا تۇرۇۋاتقان يۇشۇرۇن قابىليەت

Rank: 2

تېما
12
يازما
647
نادىر
0
جۇغلانما
68
يوللىغان ۋاقتى: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى 15:24:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادەم خۇشخۇي بولسا بالدۇر قېرىمامدىكىن دەيمەن،بەزىلەر تۇتۇلۇپلا يۈرۈيدىكەن ئەتىراپتىكىلەرنى بىئارام قىلىپ ھەم گۈزەل چىرايىنى سەتلەشتۈرۈپ....مەن كۈندە خۇشخۇي يۈرۈشكە تىرىشىمەن،كۈندە شۇنداق گۈزەل يۈرسەم  دەيمەن ئەلۋەتتە ئائىلىدىكى ئىشلارنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپ بۇنىڭغىمۇ ئۈلگىىرىمەن. بىر كۈن ياسانماي قالسام كەيپىياتىمغا تەسىر يېتىدۇ  كۆنۈپ قاپتىمەن،خۇشخۇي كىشىلەر ئەتىراپتىكىلەرنىمۇ كۈلدۈرۈپ ئۇلارنىمۇ خۇشال قىلالايدۇ.خىزمەتداشلىرىم  دۇسلىرىم مىنى توۋا بىرەر كۈنمۇ تۇتۇلۇپ قالمايسىز دەيمەن  دەپ كېتىدۇ،مەن كەيپىياتىمنى تەڭشەشكە بەك ماھىر

Rank: 6Rank: 6

تېما
2
يازما
532
نادىر
0
جۇغلانما
2937
يوللىغان ۋاقتى: 2013-يىلى 10-ئاينىڭ 5-كۈنى 18:38:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ھەقىقەتەن تۇرمۇشنى سۇيدىغان ، جاپانىمۇ ، كۇڭۇلسىزلىكنىمۇ خۇشاللىق بىلەن كۈتۋالدىغان  خۇشخۇي ، يۇمۇرۇستىك ئاياللار تىپىدىنكەنمەن جۇمۇ

ھايات شۇنداق زالىم  بىر ئۇستازكى ،ساۋاق بەرمەي  تۇرۇپ ئىمتىھان ئالۇر

Rank: 8Rank: 8

تېما
1
يازما
28
نادىر
0
جۇغلانما
94
يوللىغان ۋاقتى: 2013-يىلى 10-ئاينىڭ 5-كۈنى 22:31:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خۇشخۇي  ئاياللار باشقىلاردا ئاسانلا باشقىچە تەسىر پەيدا قىلىپ قۇيامدىكىن دەيمەن. بۇلۇپمۇ بىزەڭ ئەرلەرگە.

تۇرمۇشتا نۇرغۇن ئىشلارنى قۇبۇل قىلالايمەن ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش