يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 750 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 86|ئىنكاس: 0

قانداق ئۆي-زېمىننى ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بولمايدۇ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

توردا
163 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
306
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى 12:10:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دۆلىتىمىز «شەھەر ئۆي-زېمىنىنى باشقۇرۇش قانۇنى» شەھەر ئۆي-زېمىنىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، ئۆي-زېمىن بازىرى تەرتىپىنى ساقلاش، ئۆي-زېمىن ھوقۇق ئىگىلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش، ئۆي-زېمىن كەسپىنى ساغلام راۋاجلاندۇرۇش مەقسىتىدە تۈزۈلگەن بولۇپ، ئۆي-زېمىن ھوقۇقىغا ئىگە كىشىلەر قانۇن ۋە مەمۇرىي نىزاملارغا رىئايە قىلىشى، قانۇن بويىچە باج تاپشۇرۇشى لازىم. ئۆي-زېمىن ھوقۇقىغا ئىگە كىشىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتى قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ. ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ بۇنىڭغا دەخلى-تەرۇز قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
ئۆي-زېمىننى ئۆتۈنۈپ بېرىش − ئۆي-زېمىن ھوقۇقىغا ئىگە كىشىنىڭ ئۆزىنىڭ ئۆي-زېمىنىنى باشقىلارغا سېتىشىنى، ھەدىيە قىلىشىنى ياكى باشقا قانۇنىي ئۇسۇللار بىلەن بېرىشىنى كۆرسىتىدۇ. «شەھەر ئۆي-زېمىننى باشقۇرۇش قانۇنى»نىڭ 38-ماددىسىدا تۆۋەندىكى ئۆي-زېمىننى ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بولمايدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن:
(1) يەر ئىشلىتىش ھوقۇقى ئاساسىدا ئېرىشكەن، مۇشۇ قانۇننىڭ 93 - ماددىسىدا بەلگىلەنگەن شەرتكە توشمايدىغانلار؛
(2) قانۇن يۈرگۈزگۈچى ئورگان ۋە مەمۇرىي ئورگاننىڭ قانۇن بويىچە كېسىم قىلىشى، قارار قىلىشى بىلەن ئۆي - زېمىن پېچەتلەنگەن ياكى ئۆي-زېمىن ھوقۇقىغا باشقا ئۇسۇلدا چەك قويۇلغانلار؛
(3) يەر ئىشلىتىش ھوقۇقى قانۇن بويىچە قايتۇرۇۋېلىنغانلار؛
(4) ئورتاق ئىگىدارلىقتىكى ئۆي - زېمىندىن باشقا ئورتاق ئىگىدارلىق قىلغۇچىلارنىڭ يازما ماقۇللۇقىدىن ئۆتمىگەنلىرى؛
(5) ھوقۇق تەۋەلىكى تالاش - تارتىشتا قالغانلار؛
(6) ھوقۇق تەۋەلىكى گۇۋاھنامىسى قانۇن بويىچە تىزىملىتىلمىغانلار؛
(7) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ئۆتۈنۈپ بېرىش مەنئى قىلىنىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللار.
  مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى  

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى 10:06 , Processed in 0.047639 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش