يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 750 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 80|ئىنكاس: 0

تەۋەككۈلچىلىكنىڭمۇ پايدىسى بار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

توردا
163 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
306
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى 12:08:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر كۈنى بىر توشقان ئاتا-ئانىسىغا ئۆزىنىڭ دېڭىز بويىغا بېرىپ ساياھەت قىلىپ كېلىش ئارزۇسىنىڭ بارلىقىنى ئېيتىپتۇ. لېكىن ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭغا: «ئۇ يەر بەك قورقۇنچلۇق ۋە خەتەرلىك. بارساڭ بولمايدۇ» دەپ ئۇنىڭ تەلىپىگە قوشۇلماپتۇ. ئەمما توشقان بالىسى ئارزۇسىدىن قەتئىي يانماي، تەلىپىدە چىڭ تۇرۇپتۇ. ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى بالىسىنى نىيىتىدىن ۋاز كەچكۈزۈشتىن پۈتۈنلەي ئۈمىدلىرىنى ئۈزۈشكەندىن كېيىن ئاخىر ئۇنىڭ تەلىپىگە قوشۇلۇشقا مەجبۇر بوپتۇ ھەمدە: «ئەمىسە بوپتۇ، بارساڭ بارغىن. ئەمما كۆپ ئېھتىيات قىلغىن!» دەپ نۇرغۇن ياخشى تىلەكلەر بىلەن ئۇنى يولغا سېلىپ قويۇپتۇ.
توشقان 2-كۈنى سەھەردە دېڭىز بار تەرەپكە قاراپ يول ئاپتۇ. ئۇ يولغا چىققىنىغا يېرىم كۈن بولا بولماستىن، نۇرغۇن خەتەرلىك ئىشلارغا يولۇقۇپتۇ. بىر يىلان ئۇنى قوغلاپتۇ. ئۇ جىنىنىڭ بارىچە يۈگۈرۈپ قۇتۇلۇپتۇ. چۈشتىن كېيىن بۆرە ۋە ئىتلارنىڭ زەربىسىگە ئۇچراپ، ئۇلاردىنمۇ بىر ئاماللارنى قىلىپ قۇتۇلۇپتۇ. كەچكە يېقىن ئۇ نىشانغا يېقىن ئارىلىقتىكى بىر تاغقا چىقىپتۇ. ئۇ تاغ چوققىسىغا چىقىپ ئەتراپقا قاراپ ئىنتايىن ھاياجانلىنىپتۇ. چۈنكى ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا ئۇزۇندىن بېرى كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىپ كەلگەن ھەيۋەتلىك دېڭىز نامايەن بوپتۇ. بىردەمدىن كېيىن ئاسماندا چىرايلىق ئاي ۋە يۇلتۇزلار پەيدا بوپتۇ. توشقان تاغ چوققىسىدا تۇرۇپ بۇ گۈزەل مەنزىرىلەردىن قانغىچە ھۇزۇرلىنىپتۇ.
شۇنداق، ھاياتلىق يولىدا نۇرغۇن ئەگرى-توقايلىقلار ۋە قىيىنچىلىقلارغا يولۇقىشىمىز تەبىئىي. ئەمما بىزدە تەۋەككۈلچىلىك ۋە تىرىشچانلىق روھىلا بولىدىكەن، كۆزلىگەن نىشان ۋە ئارزۇلىرىمىزغا يېتىشىمىز تەس ئەمەس.
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   BATUR值爱 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى 12:08  


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى 07:38 , Processed in 0.044942 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش