يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 752 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 146|ئىنكاس: 3

ئىنسان ھاياتىدىكى ئەڭ قىممەتلىك 12خىل بايلىق [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

توردا
225 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى
نادىر
0
يازما
204
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى 09:06:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئىنسان ھاياتىدىكى بىرىنچى بايلىق : ئاكتىپ ۋە كۆتۈرەڭگۈ كەيپىيات

ئىنساننىڭ بارلىق بايلىقى، بىرخىل روھى ھالەتنى مەنبە قىلىدۇ.روھى ھالەت بولسا ،ئىنسان پۈتۈنلەي كونترول قىلالايدىغان نەرسە.ئاكتىپ ۋە كۆتۈرەڭگۈ كەيپىياتنى ئۆزىنىڭ خاسلىقىغا ئايلاندۇرالىغان ئادەم يۈكسىلىشنىڭ يولنى ئاچقان بولىدۇ.

ئىنسان ھاياتىدىكى ئىككىنچى بايلىق:ساغلام تەن
ساغلام تەن -ساپ تەپەككۈرنىڭ مەنبەسى. ئاكتىپ ۋە كۆتۈرەڭگۈ كەيپىيات بىلەن مۇۋاپىق جىسمانىي چېنىقىشقا كاپالەت قىلىش كېسەللىكلەردىن خالى بولۇشنىڭ ئەڭ ياخشى يولىدۇر.

ئىنسان ھاياتىدىكى ئۈچىنچى بايلىق:كىشىلىك ئالاقىدىكى ئىناقلىق
ئىنسان ئەڭ ئاۋۋال يېتىلدۈرۈشكە تېگىشلىك مەسئۇلىيەت بولسا-ئىچكى ئىناقلىقتۇر، ئىچكى دۇنيادىكى تىنچلىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرالىسىڭىزباشقىلاربىلەن ئاسانلا ئىناق مۇناسىۋەت ئورنىتالايسىز.باشقىلارغا سەمىمىيەت بىغىشلىيالايدىغان ئادەم ھامان ياخشى جاۋابقا نائىل بولىدۇ.

ئىنسان ھاياتىدىكى تۆتىنچى بايلىق:غەم -غۇسسنى يېڭىش
ئادەمنى غەمگە مۇپتىلا قىلىدىغان يەتتە مەنبە : نامراتلىق، كېسەللىك، تەنقىد، مۇھەببەتتىن مەھرۇم بولۇش، ئۆزىنى يوقۇتۇش، قېرىش، ئۆلۈمدىن ئىبارەت. غەم-غۇسسىگە قۇل بولغان ئادەم ھەقىقىي تۈردە باي ۋە ئەركىن ئادەم ھېسابلانمايدۇ.

ئىنسان ھاياتىدىكى بەشىنچى بايلىق: ئۈمىدۋارلىق
ئۈمىد ئىنساننىڭ ئەڭ ياخشى روھى ھالىتىنى ياراتقۇچى، ئۇ-ھەقىقىي خۇشھاللىقنىڭ مەنبەسى .

ئىنسان ھاياتىدىكى ئالتىنچى بايلىق: ئېتىقاد
ئېتىقاد بىرخىل قۇدرەتلىك كۈچ، ئۇ ئىدىيىدىكى ئاجىزئىنىرگىيىلەرنى قىممىتى زور مەنىۋىيەتكە ئايلاندۇرىدۇ.ئىتىقاديەنەھايات يولىڭىزنى چەكسىزپاراسەت نۇرلىرى بىلەن يورۇتۇپ بېرىدۇ.

ئىنسان ھاياتىدىكى يەتتىنچى بايلىق:ئۆزبەختىدىن ئۆزگىلەرنىمۇ بەھىرلەندۈرۈش
ئۆزى ئېرىشكەن بەخت -سائادەتتىن باشقىلاربىلەن ئورتاق بەھىرلىنىشنى بىلمەيدىغان ئادەم، بەختنىڭ ئىشكىنى مەڭگۈ تاپالمايدۇ.

ئىنسان ھاياتىدىكى سەككىزىنچى بايلىق:ئۆزكەسپىنى قىزغىن سۆيۈش
ھېچقانداق ئادەمنى، ئۆزكەسپىنى قىزغىن سۆيىدىغان ئادەم بىلەن بايلىق جەھەتتە سىلۇشتۇرالمايمىز، چۈنكى ئۇنىڭ ئۆزى قىزغىن سۆيۈپ قىلىدىغان ئىشى بار ،ئۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن بارلىقىنى بېغىشلىيالايدۇ.

ئىنسان ھاياتىدىكى توققۇزىنچى بايلىق: كۆڭۈل-كۆكسىنى كەڭرى تۇتۇش
كۆڭلى -كۆكسىنى ھەرقانداق شارائىتتىمۇ كەڭرى تۇتالايدىغان ئادەملەر ھەقىقىي تەربىيە كۆرگەن كىشىلەر ھېسابلىنىدۇ .ئۇلارنىڭ ئىچكى دۇنياسى ھامان قۇياش نۇرىغا تويۇنغان ھالدا. ئۇلارنىڭ ئىش-ئوقەتلىرى ھامان يۈرۈشكەن ھالدا.

ئىنسان ھاياتىدىكى ئونىنچى بايلىق: ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش
ئادەم ئۆزىگە «خوجا» بولماي تۇرۇپ، ھەرقانداق ئىشقا«خوجا»بولالمايدۇ. ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش، ئۈمىدلەر مەنزىلىگە يېتىشنىڭ يولى، دوست ھەتتا دۈشمەننىڭ ھۆرمىتىنى قوزغايدىغان ئەڭگۈشتەر.(ۋەتەن تەرجىمە جەريانىدا شۇنى قىستۇرۇپ قويۇدۇكى :ئۆزىنى سورىغان شەھەر سورايدۇ.-دېگەن ئېسىل نەسەبلىك ئاتا-بۇۋىلار)

ئىنسان ھاياتىدىكى ئون بىرىنچى بايلىق: ئۆزگىنى چۈشىنىش ئىقتىدارى
ئۆزگىنى چۈشىنىش دۈشمەننى ئازايتىپ، دوستنى ئۇلغايتىشكى ئەڭگۈشتەر. ئۇ ئىنسان بىلەن ئىنسان ئارىسىداھىممەت،ھەمكارلىق ئورنىتىشنىڭ ئاساسى.بۇنىڭداتەۋسىيەشۇكى:ئۆزگىنى چۈشىنىشتىن بۇرۇن ئۆزۈڭنى چۈشەن.

ئىنسان ھاياتىدىكى ئون ئىككىنچى بايلىق:ئىقتىسادى كاپالەت
مەزكۇرئون ئىككى بايلىق قاتارىدا گەرچە ئەڭ ئاخىرىغا تىزىلغان بولسىمۇ، ئەممابۇ ئىنسان ھاياتىدىكى ئەڭ مۇھىم بايلىقنىڭ بىرى. ئاخىرىدا شۇنى ئەسكەرتىمىزكى: ئەگەرسىز ئالدىنقى ئون بىرخىل بايلىقنى توپلىيالىسىڭىزلا،بۇ بايلىق(ئىقتىساد)قىمۇ ئاسانلا ئېرىشەلەيسىز.

تەرمىلەدىن ئېلىندى.


مۇھەببەتكە تولسۇن ھايات!

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
231 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1302

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى 10:51:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېقىندىن بېرى چارچىدىممكىن ، پىسخىكام سەل چاتاقتەك تۇيغۇ بار

مەنىسىز سۆھبەتتىن تەنھا سۈرگەن خىيال ياخشى ...

Rank: 8Rank: 8

توردا
549 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
5
يازما
836

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى 11:21:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەندە ئونىنچى بايلىق سەل كەمچىل. قانداق تولۇقلارمەن؟ بەك ئۆپكەمنى باسالمايمەن بەزىدە...

ۋاي پۇتۇم!!!!!

Rank: 2

توردا
75 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 23-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
0
يازما
162
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى 19:39:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Aydar يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى 11:21
مەندە ئونىنچى بايلىق سەل كەمچىل. قانداق تولۇقلارمەن؟ ب ...

ئۇنداقتا ،سىز توققۇزىنچى بايلىقنى كۆپرەك يېغىشقا ئەھمىيەت بېرىڭ.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى 07:59 , Processed in 0.047887 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش