يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 750 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 150|ئىنكاس: 5

(باتۇر)جان ئوت، جان ئەر... [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

توردا
163 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
306
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 16-كۈنى 12:24:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئائىلىدە ئەر-خوتۇنلارنىڭ ئانچە-مۇنچە كىلىشەلمەيدىغان تەرەپلىرى بولۇپ تۇرىدۇ. دۇنيادا مۇكەممەل ئەر ياكى ئايال بولمايدۇ. ئىنسان بولغان ئىكەنمىز ئانچە-مۇنچە ئەيىپ نۇقسانلىرىمىز بولىدۇ. قىز بالا ئېرىدىن قېيداپ ئۆيگە يامانلاپ كەلسە كۈيئوغۇلنى تەڭ تىللىشىپ بەرمەي چىرايلىق نەسىھەت قىلىپ ئاپىرىپ قويغۇلۇق ئىكەن. كۈيئوغۇلنىڭ ئانچىكى نۇقسانلىرىنى دەپ قىز بالىغا گەپ ئۈگۈتۈپ ئارىغا سوغۇقچىلىق سالساق ياكى ئولتۇرغۇزىۋالساق بىر بولسا قىز بالا ئاتا-ئانىسىنى خىجىل قىلدۇرۇپ ئېرىنىڭكىگە قېچىپ بىرىۋالىدۇ، بىر بولسا قىزنىڭ بەختىگە ئولتۇرۇپ قويىدىغان ئىش چىقىدۇ.

مۇنداق بىر ھېكايە بار ئىكەن.

   ئاتا-ئانىسىدىن يېتىم قالغان ئاكا-سىڭىل تۇرمۇشلىرىنى جاپادا قامداپ ھەر ھالدا سالامەت چوڭ بوپتۇ. بۇلار بىر-بىرىگە كۆيۈملۈك ئامراق قېرىنداشلاردىن ئىكەن. كۈنلەرنىڭ بىرىدە سىڭلىسى بويىغا يېتىپ قوشنا يېزىغا ياتلىق بولۇپ كېتىپتۇ. قىش كۈنلىرىنىڭ بىرىدە ئاكىسى ئامراق سىڭلىسىنى يوقلاپ كېلىش ئۈچۈن بارسا ئەر-خوتۇن ئىككىسى سوقۇشىۋاتقان، ئەر ھەدەپ سىڭلىسىنى ئۇرۇۋاتقاننىڭ نەق ئۈستىگە كېلىپ قېلىپ ئاچچىقىغا پايلىماي سىڭلىسىنى ئېشىكىنىڭ ئارقىسىغا مىندۈرۈپ ياندۇرۇپ ئېلىپ كەپتۇ. بۇلار يولدا كەلگۈچە بەك توڭۇپ كەتكەن بولغاچقا ئوتۇن يىغىپ سىڭلىسىغا ئوت قالاپ بېرىپ يەنە ئوتۇن تەرگىلى كېتىپتۇ. بىر چاغدا قارىسا سىڭلىسى ئوتقا قاقلىنىپ ئۆزىنى ئىسسىتىپ ، بىلەك-پاچاقلىرىنى سىلاپ تۇرۇپ - ۋايييي ئە، ئوتتەك ئە، جان ئوت، جان ئە داۋاتقانمىش...شۇنىڭ بىلەن ئاكىسى نۇمۇس قىلىپ كېتىپ، سىىڭلىسىنى يەنە ئېشىكىنىڭ ئارقىسىغا مىندۈرۈپ ئاپىرىپ قويغان ئىكەن.

  شۇڭا <<ئېيىق بولسىمۇ ئېرىم ياخشى ئىكەن>>، << خوتۇن كىشى ئەردە ياخشى، بولمىسا يەردە>> يەنى قوپالراق ئېيتقاندا خوتۇن كىشى ئەرسىز بولغىنىدىن گۆرگە كىرىۋالغىنى ياخشى دېگەندەك گەپلەر بىكارغا چىقمىغان چېغى.

  ئايال كىشى پاراسەتلىك بولسا ئەرنىڭ ناچىرى يوقمىكى دەيمەن. ئۆزى خالاپ تەككەن ئەرنىڭ يامان گېپىنى ئاتا-ئانىسىغا، ئاداشلىرىغا توشۇپ يۈرۈيدىغان چوكانلار ھۇشيار بولمىسا تۇرمۇشىنى ھاڭغا ئىتتىرىپ قويىدۇ. باشقىلارمۇ ھەرگىز تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ باشقىلارنىڭ تۇرمۇشىغا قالايمىقان ئارىلاشمىغىنى تۈزۈك ئىكەن. بولمىسا ئا يېتىمدەك ئۆزى ئوسال بولۇپ قالىدىغان ئىش چىقىدۇ. جان ئوت، جان ئەر دېگەن ھېكايىنى بايان قىلىپ بېرىمەن دەپ ئەتتىگەندە تاققا-تۇققا سۆزلەپ قويدۇم.



مەنبە:80خالتا بلوگى

مۇنبەر مەسئۇلى

نازارەتچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
537 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
1165

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 16-كۈنى 15:20:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېمىنى تەھرىرلەۋېتىپ باشتا ئويلانغان ئىدىم، بارغانسېرى بەك كۈلگۈم كەلدى، ئەڭ چوڭ جاسارەت بىلەن ئۆزۈمنى تۇتىۋالدىم. قىززىق جۇمۇ سىز،  چوقۇم مەخسۇس ئىزدەپ تېپىپسىز.

   دېمىسمۇ تۇرمۇش دېگەندە ھېلى ئۇنداق، ھېلى مۇنداق ئىشلار بولۇپ تۇرىدۇ. بىزدە« قىزنى بۇزغان ئانىسى، چاقنى بۇزغان تانىسى» دەيدىغان گەپ بار، بۇ توغرىسىدا مۇنبەردىمۇ ماقالە بار. قىز ياتلىق بولۇپ ئەرنىڭ ئۆيىگە بارغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىپ، ئەر ۋە چوڭلارنىڭ خىزمىتىنى قىلماق زۆرۈردۇر. ئەمما ھازىرقى دەۋىردە بۇ خىل ئەنئەنە ئاللىبۇرۇن سۇسلاپ كەتتى، ئەلۋەتتە بۇ يەنىلا ئائىلە تەربىيىسىگە باغلىق. ئائىلىدىكى بەزى كېلىشەلمەسلىكلەر ئەر ئايالدىن رازى بولماي، ئايال ئەردىن رازى بولماسلىقتىن كېلىپ چىقىدۇ. ئۇزۇن يىل بىر خىل ئائىلە مۇھىتىدا ياشاپ كەلگەن قىز ياكى يىگىت توساتتىن باشقا خىل ئائىلىگە كىرىدۇ ۋە كىرگەندىن كېيىن شۇ ئائىلىگە ماسلشىپ كېتىشى ئۈچۈن جەريان كېتىدۇ. بۇ ئەلۋەتتە ئۇنچە ئاسان ئەمەس، بەدەل تۆلەشكە، نۇرغۇن قۇبۇل قىلىشلارغا مۇھتاج. شۇنىڭدەك بىزدە قىز يامانلاپ كەلگەن بىرىنچى قېتىمدا ئۆيدىكىلەر نەسىھەت قىلىپ ئاپىرىپ قويماق بار ئىكەندۇق. ئەمما ھازىرقى دەۋىر بۇنىمۇ ئالماشتۇرىۋەتتى بولغاي، بەكمۇ ئاز كۆرۈنىدۇ. بىراقلا ئايرىلىۋاتىدۇ. تېخى يازدىلا يۇرتتا داڭ چىقىرىپ تويىنى قىلغان ئاتا-ئانا قىزىنىڭ ئېرىدىن بىر شاپىلاق يېيىش سەۋەبىدىن ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىغا كىرىپ، ئاخىرى ئاجراشتى، يالغۇز قىز، بەكمۇ چىرايلىق، ھەممە نېمىسى تەل. سەۋەبى تويدىن كېيىن ئېرىگە دېمەستىن دوستلرى بىلەن سىرتقا چىقىپ كەچ قالغان، ئەر سورىغاندىن كېيىن دېيىشكەن، شۇنىڭ بىلەن ئەر قىززىققانلىق قىلىپ بىر تەستەك سالغان... يىگىتنىڭ قىزنى ئۇرۇشى پەقەتلا يوللۇق ئەمەس، بولۇپمۇ ھازىرقىدەك ئاڭلىق جەمئىيەتتە تېخىمۇ شۇنداق، ھەممە كىشى لەنەت ئوقۇيدۇ. ئەمما قىزنىڭ قىلىغىنى توغرا بولماپتۇ. ئەمما ئاتا-ئانىسى دەماللىققا ئاچچىقتا كۈيئوغۇل بىلەن يۈز تۈر بولۇشقان، بۇ بىزگە ئ.ۇيغۇن كەلمەيدىغان ئىش. بۇنداق ئىشلارنى سۆزلىسەك قەدەمدە ئۇچرايدىكەن، ئەمما سۆزلەپلا قالمىز، شۇ ئوڭشۇلۇش يەنىلا باشقىلارنىڭ ئىختىيارلىقىدىكى ئىش.
   ھازىرقى قىزلارنىڭ تاماق ئېتەلمەسلىكى ۋە ئېتىشكە قىززىقماسلىقىمۇ بىر مەسلە. يېڭى قىززىقچىلقتا ھەر ئىككى تەرەپكە بىلىنمەي ئۆتىدۇ. ۋاقىت ئۇزارغانىسېرى يوچۇق چىقىشى مۇمكىن.
   ئەمدى بۇ «ئېيىق بولسىمۇ ئېرىڭ ياخشى،  ئۆڭكۈر بولسىمۇ ئۆيۈڭ  ياخشى›› بولغانغا كەلسەك، بۇ ئەلۋەتتە شۇنداق. بۇ كونىلارنىڭ تەجىرىبە ساۋاقلىرىنىڭ يەكۈنى. ئەمما بەزى ئائىلەردە ئەر بولغاندىن بولمىغان ياخشى، قايسى كۈنى مۇنبەرگە ئۆزىنىڭ دەردىنى تۆكۈپ يازغان ھەدىمىزنىڭ كۈنىدەك. مۇھەببەت دەپلا بىر جاننى سېلىپ بېرىش پەقەت ئاقىلانە ئىش ئەمەس، چۈنكى سىز 100 يىل ياشىمايسىز.

  شۇڭا نېمىلا بولمىسۇن، ئەڭ مۇھىمى ئىككى خىل مۇھىتتا ياشىغان ئىككى كىشىنىڭ بىر يەرگە كىرمىگىنى ياخشى، خۇددى قەشقەر، ئاتۇشلۇقلار ئۆز ئىچىدىن  ئۆيلەپ، ياتلىق قىلغاندەك. بولمىسا چىقشالمايدىغان ئىش.   
   

ھەر بىر كۈن يېڭى بىر ھايات!

Rank: 2

توردا
163 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
306
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 16-كۈنى 15:35:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇ تىمىنى بۇرۇن بىر كۆرگەن   شۇڭا يەنە بىر كۆرۈپ يوللاپ قويدۇم  بولاپتىمۇ يا

ھەقىقىي بايلىق سىرتىڭىزدا تۇرۇۋاتقان ماددى نەرسىلەر ئەمەس، ۋۇجۇدىڭىزدا تۇرۇۋاتقان يۇشۇرۇن قابىلىيەت

Rank: 2

توردا
163 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
306
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 16-كۈنى 15:49:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خۇددى قەشقەر، ئاتۇشلۇقلار ئۆز ئىچىدىن  ئۆيلەپ، ياتلىق قىلغاندەك. بولمىسا چىقشالمايدىغان ئىش.   
  

ھەقىقىي بايلىق سىرتىڭىزدا تۇرۇۋاتقان ماددى نەرسىلەر ئەمەس، ۋۇجۇدىڭىزدا تۇرۇۋاتقان يۇشۇرۇن قابىلىيەت

Rank: 1

توردا
8 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
14
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى 16:40:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«ئەڭ مۇھىمى ئىككى خىل مۇھىتتا ياشىغان ئىككى كىشىنىڭ بىر يەرگە كىرمىگىنى ياخشى، »توغرا دەيسىز قەھۋە .
كىرمىگەن ياخشى ،كىرگەنكەنمىز «قارىغۇنىڭ شەھرىگە بارساڭ بىر كۈزۈڭنى قىس »دىگەن ئەقىلىيە سۆز بۇيىچە ئەر -خوتۇن بىر بىرىنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى ھىس قىلىپ ۋە  سۈيۈنۈپ ،  كەمچىلىكلىرىنى كۆرگەندە بولسا بىر كۈزىنى قىسىۋېلىپ ئۆتكۈزۋېتىپ دىگەندەك ئۆتمىسە بۇ تۇرمۇشتا بىر بىرىنىڭ ئاچقان يېرىگە بېرىپ بولالماي ھەم قارشى تەرەپنى رازى قىلىپ بولالماي تۇرمۇشتىن كۆڭلى سۇ ئىچمەيدىغان ھالەت شەكىللىنىپ بىر بىرىدىن قۇسۇر ئىزدەپ نىكاھ پارچىلىنىدىغان ھالەتكە برىپ قالىدۇ خالاس .شۇڭا نىمە ئىش بۇلىشىدىن قەتئىينەزەر ئىشنى ئەر -خوتۇن كېڭىشىپ ھەل قىلىش لازىم دەپ ئويلايمەن ،مەنچە چوڭلار ئارلاشقان ئىشنىڭ ئاقىۋىتى ئاساسەن  ياخشى بولمايدۇ .

بەخىت - قەلبىڭدە ،يېنىڭدا ،كەلگۈسىگە سىڭدۈر

Rank: 2

توردا
163 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
306
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى 12:25:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
nafisa يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى 16:40
«ئەڭ مۇھىمى ئىككى خىل مۇھىتتا ياشىغان ئىككى كىشىنىڭ بى ...

چۇڭلار ئارلاشسا شۇ مەندەك ،ئۇنىڭدەك بېشى ئۇچۇق قالىدۇ شۇ

ھەقىقىي بايلىق سىرتىڭىزدا تۇرۇۋاتقان ماددى نەرسىلەر ئەمەس، ۋۇجۇدىڭىزدا تۇرۇۋاتقان يۇشۇرۇن قابىلىيەت
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى 10:02 , Processed in 0.046509 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش