يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 750 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 237|ئىنكاس: 9

سىز بۇلارغا ھەق تۆلەپ باققانمۇ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

توردا
163 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
306
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 16-كۈنى 12:18:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دۇنيادىكى ئەڭ قىممەتلىك نەرسىلەر ھەقسىز بولىدۇ. كىشىلەر بۇ نەرسىلەر ئۈچۈن بەدەل تۆلىمەيدۇ.

قۇياش نۇرى ھەقسىز - ھاياتلىق قۇياش نۇردىن  ئايرىلالمايدۇ، قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە ھېچكىم قۇياش نۇرى ئۈچۈن ھەق تۆلەپ باققان ئەمەس.

ھاۋا ھەقسىز- ئۆلۈم ئالدىدا سەكراتقا چۈشۈپ بىر-نەچچە قېتىم نەپەسلىنىشكە زار كىشىلەر ھاۋانىڭ نەقەدەر قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى بەكرەك ھېس قىلالىسا كېرەك. ئەپسۇسلىنارلىقى ئۇ كىشى ئاللىقاچان شۇ ۋاقىتتىكى تەسىراتىنى بىزگە سۆزلەپ بىرىشتىن مەھرۇم بولغان بولىدۇ. ۋاھالەنكى ھاياتلىق ئالىمىدە ئەلمىساقتىن بىرى ياشاپ كىلىۋاتقان ئادەملەرھاۋا ئۈچۈن ھەق تۆلەپ باققان ئەمەس.

مىھرىبانلىق ھەقسىز - ھەر قانداق ئادەم تۇغۇلىشىدىنلا ئاتا-ئانىسىنىڭ چەكسىز مىھرىبانلىقىغا نائىل بولىدۇ. ھېچقانداق بىر ئاتا-ئانا بالىسىغا << سەن بىزگە پۇل بەرسەڭ، بىز ساڭا مىھرىبان بولىمىز>> دېمەيدۇ.

دوستلۇق ھەقسىز - يالغۇزلۇق ھېس قىلغىنىڭىزدا، ئېغىر كۈنلەرگە قالغان چېغىڭىزدا سىزگە تەسەللى بەرگەن، ياردەم قىلغان ئادەمنىڭ دوستلۇقى چىن ۋە سەمىمى بولىدۇ.

مۇھەببەت ھەقسىز - سىزنى ھەر ۋاقىت سېغىنىدىغان، سىزگە ھەر ۋاقىت سالامەتلىك ۋە خۇشاللىق تىلەيدىغان، بەختىڭىز ئۈچۈن كۆرەش قىلىدىغان ئادەمنىڭ مۇھەببىتى چەكسىز ۋە ھەقسىز بولىدۇ.

نىشان ھەقسىز بولىدۇ - مەيلى پۇلدار ياكى نامرات بولۇڭ سىز خالىسىڭىزلا ئۆزىڭىزگە نىشان تىكلىيەلەيسىز. نىشانىڭىز ئۇلۇغ ياكى ئادەتتىكىچە بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى خالىسىڭىزلا ئۇنىڭدىن پەخىرلىنەلەيسىز.

ئىتقاد، ئىرادە، ئۈمۈد، ھايا قاتارلىقلارمۇ ھەقسىز - ئۇنىڭغا ئېرىشىشنى، ئۇنى قىلىشنى خالىسىڭىزلا ئۇنىڭغا ئىرىشەلەيسىز. مەيىن شامال، سىم-سىم يامغۇر، ئايدىڭ كېچە، چاقناپ تۇرغان يۇلتۇز، كۆك ئاسمان ھەقسىزبولىدۇ. ئۇنىڭغا بېقىشنى خالىسىڭىزلا سىز ئۇنىڭدىن تەبىئەتنىڭ ۋە تۇرمۇشنىڭ نەقەدەر گۈزەللىكىنى ھېس قىلالايسىز. بۇلار سىزنىڭ باشقىلار تارتىپ ئالالمايدىغان ۋە دەخلى-تەرۈز قىلالمايدىغان بايلىقلىرىڭىزدۇر. بۇلارنى ئەستايدىل بىر ئويلىنىپ كۆرگىنىڭىزدە تەڭرىتائالانىڭ بارچە جاندارلارغا نەقەدەر ئادىل ۋە مىھرىبان ئىكەنلىكىدىن سۆيۈنۈپ كېتىسىز.

مەنبە:80خالتا بلوگى

مۇنبەر مەسئۇلى

نازارەتچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
537 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
1165

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 16-كۈنى 14:38:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخىشى تېمىلارنى يوللاۋاتسىز، ھارماڭ!
  دېمىىسمۇ ئەتراپىمىزغا قارايدىغان بولساق، نۇرغۇن گۈزەل نەرسىلەر بار، ھەم ھەقسىز، ھەم ئىللىق. ئۇ بولسىمۇ يۇقىرىدا دېيىلگەندەك چەكسىز مېھرىبانلىق، ئىللىقلىق، مۇھەببەت. پەقەت قەلبىمىزدە چەكسىز مۇھەببەت بولغىنىدىلا بۇنى ھېس قىلالايمىز. قەلبتە چەكسىز مۇھەببەت بولسا دۇنيا بىزگە گۈزەل، ئىللىق، ئادەملەر مېھرىبان بىلىنىدۇ، خالاس!

ھەر بىر كۈن يېڭى بىر ھايات!

Rank: 2

توردا
163 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
306
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 16-كۈنى 14:52:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەھۋە يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 1-ئاينىڭ 16-كۈنى 14:38
ياخىشى تېمىلارنى يوللاۋاتسىز، ھارماڭ!
  دېمىىسمۇ ئەتر ...

مەدەت بېرىپ تۇرغايسىز

ھەقىقىي بايلىق سىرتىڭىزدا تۇرۇۋاتقان ماددى نەرسىلەر ئەمەس، ۋۇجۇدىڭىزدا تۇرۇۋاتقان يۇشۇرۇن قابىلىيەت

Rank: 1

توردا
37 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 17-كۈنى
نادىر
0
يازما
17
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 16-كۈنى 16:51:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېسىل تېمىلارنى 7 قىزلېرىمدا كۆرۇشمۇ ھەققسىز.

Rank: 3Rank: 3

توردا
115 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
3
يازما
281
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى 08:20:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۈكرى اللا ،بىز ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان نەرسىلەرنى ھەقسىز قىلغىنىڭ ئۈچۈن .

كىرىپ قالسا تۇيۇق يولغا ،باشلاپ قويغىن يورۇق يولغا .

Rank: 2

توردا
163 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
306
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى 12:36:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۈنلەر يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 1-ئاينىڭ 16-كۈنى 16:51
ئېسىل تېمىلارنى 7 قىزلېرىمدا كۆرۇشمۇ ھەققسىز.

شۇنى بىر دىمەيسىز

ھەقىقىي بايلىق سىرتىڭىزدا تۇرۇۋاتقان ماددى نەرسىلەر ئەمەس، ۋۇجۇدىڭىزدا تۇرۇۋاتقان يۇشۇرۇن قابىلىيەت

Rank: 2

توردا
163 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
306
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى 12:38:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
nazinin يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى 08:20
شۈكرى اللا ،بىز ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان نەرسىلەرنى ھەقسىز ق ...

ھەممىسى ئاللانىڭ شەپقىتى بىلەن

ھەقىقىي بايلىق سىرتىڭىزدا تۇرۇۋاتقان ماددى نەرسىلەر ئەمەس، ۋۇجۇدىڭىزدا تۇرۇۋاتقان يۇشۇرۇن قابىلىيەت

Rank: 3Rank: 3

توردا
115 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
3
يازما
281
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى 17:28:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا دېدىڭىز .شۇڭا بۇ كۈنلەرگە مىڭ شۈكرى دەيمىزغۇ .

كىرىپ قالسا تۇيۇق يولغا ،باشلاپ قويغىن يورۇق يولغا .

Rank: 1

توردا
37 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 17-كۈنى
نادىر
0
يازما
17
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 12-كۈنى 22:03:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شوڭا مىنى ئۇتۇپ قالماڭلار.

Rank: 2

توردا
163 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
306
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 16-كۈنى 19:22:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۈنلەر يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 2-ئاينىڭ 12-كۈنى 22:03
شوڭا مىنى ئۇتۇپ قالماڭلار.

ئۇنتۇپ قالغىلى بۇلامدىكې

ھەقىقىي بايلىق سىرتىڭىزدا تۇرۇۋاتقان ماددى نەرسىلەر ئەمەس، ۋۇجۇدىڭىزدا تۇرۇۋاتقان يۇشۇرۇن قابىلىيەت
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى 06:52 , Processed in 0.045978 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش