ئاھۇ يوللىغان ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 14-كۈنى 17:12 
ئانا بولغاننىڭ پايدىسى مانا،ئانارىمنىڭ يوللايدىغان ت ...

شۇنداق ھەدە ، بۇ ماقالىنى كۆرۈپ بەك خوش بولدۇم ئۆزۈممۇ ھەم بەك ياخشى پايدىلاندىم .
دەسلەپكى كۈنلەردە ئاپامنىڭ ئۆيىدە بولغاچقا ئانچە چارچاپ كەتمىدىم ، يېڭى يىلدىن باشلاپ ئۆزۈمنىڭ ئۆيىگە قايتىپ چىقىپ يالغۇز قارىدىم قىزىمغا ، نەچچە كۈنگە قالمايلا سالامەتلكىم يار بەرمىدى ، بۇ ماقالىنى كۆرگىلى بىرەر ھەپتە بولدى ، شۇ كۈندىن باشلاپ قىزىمنى مەشىق قىلدۇرۇشقا باشلىدىم ، ئارا كۈندە بىر نەئىمە كېلىپ ياردەملەشتى ، ھەر قېتىمدا ھاياجانلىنىپ ئۆزۈمنىڭ مەشىقىنىڭ نەتىجىسىنى سۆزلەپ بىزار قىلىۋەتتىم

قىزىم تۇغۇلغاندىن باشلاپلا 2 كۈندە بىر يۇيۇندۇرۇپ كەلگەچكە يۇيۇنۇشنى بەك ياخشى كۆرىدۇ ، يۇيۇپ بولۇپ قۇيرۇق ماي بىلەن تازا مايلاپ ياتقۇزۇپ قويسام شۇنداق خاتىرجەم ئۇخلايدۇ ، شۇڭا بۇ جەھەتتىن جاپا تارتمىدىم ، ئەمما ئاپامنىڭ ئۆيىدە تۇرغىنىمدا قىزىمنى سەگەنچۈككە كۆندۈرۈپ قويۇپتىكەنمەن ، تولا تەۋرىتىپ ئەللەي ناخشىسىنى غىڭشىپ ھالىمدىن كېتەتتىم ، ھازىر ئۇنداق جاپالار قالمىدى ، كۆتۈرۈپ كارۋىتىغا سېلىپ بىر قانچە قېتىم ‹ ئۇخلاڭ ھە قىزىم › دەپ قويۇپلا چىقىپ كېتىمەن ، بىردەم ئويناپ ئۇخلاپ قالىدۇ ، ھازىر كۆتۈرۈپ ئەللەي ئەتسەم ياتىمەن دەپ تىرەجەپ ئۇنىمايدۇ .
كەچلىكى سائەتنى ھەر 4 سائەتتە بىر سايرايدىغان قىلىپ قويۇپ كېچىدە ئىككى قوپۇپ شۇنچىلىك چارچاپ كەتكەنىدىم ، بۇ ماقالىنى ئوقۇپ كۈزىتىپ باقسام قىزىم كېچىسى تېگى ھۆل بولۇپ كەتكەنلىكتىنمۇ ئويغۇنىدىكەن ، شۇنداقلا قۇرۇقداپ قويسام داۋاملىق ئۇخلاپ كەتتى ، شۇنىڭدىن باشلاپ كۈندە سائەت 7 دە ئۇخلايدىغان قىلىپ مەشىق قىلدۇرسام تېزلا كىرىشتى ، ھازىر 7 دىن كېيىن قالسام جىلە بولۇپ كېتىدۇ ، كېچىدە ئۆزۈم ياتقىچە بىر قېتىم سۈت بېرىمەن ئويغانمىسىمۇ ، تاكى سەھەر 6 گىچە ئۇخلايدۇ ، خۇداغا شۈكرى بەك ساغلام چوڭ بولىۋاتىدۇ .