خاتا بېسىلغان قەدەم
ئەزىزتارىم
قەدەملىك بىر نۆۋەت بېسىلسا خاتا،
ناتۇنۇش دوقمۇشقا تىگەر پىشانەڭ.
ۋە لىكىن كۆز ياشقا يىقىلپ چۈشمە،
تاۋلىنار دەرت بىلەن يۇمران ئىرادەڭ.
قەدەملىك بىر نۆۋەت بېسىلسا خاتا،
تېڭرقاپ يۈرمەستىن مېڭىۋەر كۈچەپ.
شىرىندۇر بۇ ھايات چاقچىقى بىلەن،
خاتالىق ئىچىدىن چىقساڭ چىچەكلەپ.
قەدەملىك بىر نۆۋەت بېسىلسا خاتا،
روھىڭنى چۈشۈرمە پەقەت.
ھاياتلىق تۇرمۇشتا توغرا قەدەم ئال،
ۋە لىكىن ئالغا ماڭ مەڭگۈ تائابەت.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا دەرتمەن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 12-كۈنى 15:17