يىگىرمە ياشتىكى سۈزۇك قەترىلەر
ۋىسالنىڭ چۈشىنى كۆرگەن كېچىدە.
بىر تاتلىق ئەسلىمە قىينايدۇ سىنى.
گۈگۈمدەك يېيىلىپ كەلگەندە تۇرقوڭ،
ئازاپنىڭ غارىغا تاشلايدۇ مىنى.
ئاھ ئەشۇ تاشلىنىش يىراق ئۆتمۈشكە،
باشلايدۇ قاردىكى ئاياق ئىزلېرىڭ.
شەھەرنىڭ كېچىسى بولمايدۇ پەقەت،
چاراقلاپ يانسىلا قارا كۆزلېرىڭ.
يىگىرمە ياشتىكى سۈزۇك قەترىلەر،
بەك يىراق جايلاردا قالدى يېلىنجاپ.
سېغىنىش،ھاياجان قوزغايدۇ دىلدا،
شۇ گۈزەل چاغلاردىن كەتسەڭ يىراقلاپ.
شۇ قەدەر سۆيۈملۇك بولسىمۇ ھەممە،
خەيرىيەت ،چىداشلىق بېرىمىز ھامان.
بۇزۇلماس دوستلۇقنىڭ رىشتىسى بىلەن،
ئەسلەپ قوي ھەر قانچە بولساقمۇ يامان.
2012-يىلى 11-يانۋار
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا otkankunlar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 31-كۈنى 21:53