مەن ئۈچۈن شۇنچىلىك سۈيۈملىك ئىنسان،
ئەيىپ يوق سىنىڭ پۈتكۈل جىسمىڭدە .
سۆيەتتىم بىر ئۈمۈر پەقەت بىر سىنى ،
ساقلىساڭ سۆيگۈمنى شۇ پاك قەلبىڭدە .
ئۇنتۇلماس ھەرگىزمۇ قىلغان سۆزلىرىڭ ،
بەك ئاچچىق بولسىمۇ بەرگەن بۇ سۆيگۈڭ .
كەتمەيدۇ سىمايىڭ قاراپ كۈزۈمگە ،
ھەتتاكى چۈشۈمدە بەرگەن سۈرىتىڭ .
ئىسىمدىن چىقمايدۇ يۈرەكنى مۇجۇپ ،
قان ياش يىغلاتقان ئاچچىق سۆزلىرىڭ .
قىينايدۇ يۈرەكنى ئىلىپ ئەسىرگە ،
ئونتۇلماس بۇ سۆيگۈ، خومار كۆزلىرىڭ.
بەزدە كۈڭۈلنى رەنجىتىپ شۇنداق ،
بەزىدە قاقاقلاپ كۈلۈشۈپ يەنە .
مۇشۇمۇ سۆيگۈ مۇھەببەت دىگەن ،
يىغلىتار كىچىسى سىغىنىپ ئەنە .
ئۈتۈپتۇ تالاي ئاي تالاي بىر كۈنلەر،
سىغىنىش ھەمراھ بۇپ تەنھا يۈرەككە .
ئۈزۈلمەس بۇ ئۈمۈت مەڭگۈ ئەبەتكە ،
ئاللاھىم يەتكۈزسۇن مىنى تىلەككە .
مەنبە : قەلىمىم
بۇرۇن يېزىپ ساقلاپ قويغان شئىركەن مۇنبەرگە قۇرۇق كىرگۈم كەلمەي ئالغاچ كەلدىم مازاق قىلماي ، ئايىماي تەكلىپ بىرەرسىلەر .