يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 752 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 210|ئىنكاس: 8

ئەلۋىدا، ھاياتنوپۇس ھەدە! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
716 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2174

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى 22:52:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئەلۋىدا، ھاياتنوپۇس ھەدە!

بىلدۈرگۈ: مەرھۇم ھاياتنوپۇس مۇھەممەدنىڭ تەرجىمىھالى ۋە مەزكۇر ماقالە ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشىمىزنىڭ «رادىيو ژۇرنىلى» (2011-يىلى 2-سېنتەبىر) پىروگراممىسىدا ئاڭلىتىلىدۇ. ۋاقىپ بولغايسىلەر!


پولات ئاماننۇرى

مۇقەددىمە

تالانتلىق شائىرە، ناتىق، كۆزگە كۆرۈنگەن ئىجتىمائىيەت تەتقىقاتچىسى ھاياتنوپۇس مۇھەممەد نۇرغۇن كىشىلەرنى داغ-ھەسرەتتە قويۇپ كېتىپ قالدى. ئۇ ئاران 35 ياشتا ئىدى. ئۇ تېخىمۇ كۆپرەك ياشىشى كېرەك ئىدى. چۈنكى، خەلقىمىز ئۇنىڭغا ئوخشاش تۆھپىكارلارغا موھتاج!


مەن ئۇنى خېلىدىن بېرى تونۇيمەن، ئەسەرلىرىنى سۆيۈپ ئوقۇغان. ھاياتىمدا ئۇنىڭ بىلەن پەقەت بىر قېتىملا كۆرۈشكەن. شۇ قېتىملىق كۆرۈشۈش قەلبىمدە مەڭگۈلۈك خاتىرە سۈپىتىدە ساقلىنىپ قالدى. ئۇنىڭ بۇنچە تېز بىزدىن يىراقلاپ كېتىشىنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن. ئۇ ھەممىنى يىغىغا سېلىپ، ئۆزى جىمجىتلا كېتىپ قالدى

.

ئارىمىزدىن بەكلا تېز كەتتىڭىز!


2011-يىلى 31-ئاۋغۇست كەچقۇرۇن تاساددىپىي پۇرسەتتە «باس-باس» تورىغا بېرىلگەن «ھاياتنوپۇس ھەققىدىكى قىسقا كارتىنىلار» دېگەن مەزمۇندىكى «ئەپسۇس، تالانتلىق شائىرەمىز بىزدىن ۋاقىتسىز ئايرىلدى» دېگەن قۇرلارغا كۆزۈم چۈشتى. چۆچۈدۈم، «ھاياتنوپۇس ھەدەم ساقىيالماپتۇ-دە» دېدىم ئېغىر ئۇھسىنىپ. چۈنكى، بۇنىڭدىن ئون كۈن ئىلگىرى ھاياتنوپۇس ھەدەمنىڭ كېسىلىنىڭ ئېغىرلىشىپ قالغانلىقىنى ئاڭلىغانىدىم. يازمىدىكى مۇنۇ قۇرلارغا كۆز يۈگۈرتتۇم: «تالانتلىق يازغۇچى ئالتۇنگۈل رەجەپنىڭ دېيىشىچە، ھاياتنوپۇس مۇھەممەدنىڭ كېسىلى 26-ئاۋغۇستتىن باشلاپ يامانلىشىشقا قاراپ يۈزلەنگەن. گېلىدىن ھېچنەرسە ئۆتمىگەن. يوقلاپ كېلىۋاتقانلار ۋە تېلېفون ئۇرۇۋاتقانلارنىڭ سانىمۇ ئاۋۇغان. يوقلىغۇچىلارنى ئازادىرەك يەردە كۈتۈش ئۈچۈن، ھاياتنوپۇس مۇھەممەدنى بىر تۇققان ئاكىسىنىڭ ئۆيىگە يۆتكىگەن. دوختۇرلار ھاياتنوپۇس مۇھەممەدنىڭ ھاياتىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچقا بېرىپ قالغانلىقىنى، ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ سەۋر قىلىشىنى، ئاخىرەتلىك ئىشلارغا تەييارلىق قىلىپ قويۇشىنى تاپىلىغان».


«تەسكىن» ئىسىملىك تورداشنىڭ مۇنۇ يازمىلىرى كۆڭلۈمنى تېخىمۇ يېرىم قىلدى: «ئۇنىڭ ھەربىر يازمىسىنى ئوقۇپ، خاتىرە قالدۇرۇپ ماڭغانىدىم. شۇ تاپتا يۈرىكىم يىغلاۋاتىدۇ. مۇمكىن بولسا، مەرھۇمنىڭ ئاشۇ نېجىس كېسىلىنى مەنلا تارتىپ ئۆتۈپ كەتسەم! قىزىل گۈل كەبى پورەكلىگەن قىسقىغىنە ھاياتى ئۈچۈن ئاز-تولا قۇربانلىق بېرەلىسەم!... ھاياتنوپۇس ھەدە، ئىسمىڭىزمۇ ئۆزگىچە، خۇلقىڭىزمۇ ئۆزگىچە، ئېسىل ئايال ئىدىڭىز؟!...خەيرىيەت، ئىلىم-پەن شۇنچە تەرەققىي قىلغان بۈگۈنكىدەك كۈندىمۇ، سىزنى ئەزرائىلنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتۇلدۇرالمىدۇق. ئەمما خاتىرجەم يېتىڭ، ئۇيغۇر خەلقى ئەزەلدىن ئىلىم-مەرىپەتتە كامالەتكە يەتكەن كىشلىرىنى چوڭ بىلىپ كەلگەن. بىز سىزنى مەڭگۈ ياد ئېتىمىز...»

.

ئۆزۈم تاپالمىدىممۇ ئەيتاۋۇر، ھاياتنوپۇس ھەدەمنىڭ قاچان كۆز يۇمغانلىقىنى بىلەلمىدىم. تۇيۇقسىز ھاياتنوپۇس ھەدەمنىڭ يېقىن سىردىشى، خوتەن پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومى سەنئەت مائارىپى فاكۇلتېتىدىكى گۈلنار مەتنىيازنى ئەسكە ئالدىم. تېلېفون ئۇلاندى. گۈلنار ھەدەمنىڭ ئاۋازى بوش چىقىۋاتاتتى. بۇنىڭدىن گۈلنار ھەدەمنىڭ ئازاب ئوتىدا پۇچىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلىۋېلىش تەس ئەمەس ئىدى. «27-ئاۋغۇست شەنبە چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچكە يېقىن ھاياتنوپۇسنىڭ ۋاپات بولغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلىدىم. تېخى ئىككى كۈننىڭ (25-ئاۋغۇست) ئالدىدىلا ئۇنىڭ قېشىدىن قايتىپ كەلگەنىدىم. يېنىدا ئالتۇنگۈل رەجەپ قالغانىدى. شۇ تاپتا كۆڭلۈم بەك يېرىم. ھازىرغىچە قويغان-تۇتقىنىمنى بىلمەيمەن. ئۈچ نەزىرىسىنى بېرىپ بولۇپ، ئۆيگە قايتىپ چىقتىم. سىزمۇ بىلىسىز، ھاياتنوپۇس بىلەن سىرداش دوستلاردىن ئىدۇق، نۇرغۇن مەسىلىلەردە پىكىر ئالماشتۇرغانىدۇق، ئۇنىڭ ئۆلۈمى ماڭا بەك ئېغىر كەلدى...»


گۈلنار ھەدەم بىلەن خېلى ئۇزۇن پاراڭلاشتۇق. پاراڭدىن شۇنى بىلدىمكى، ھاياتنوپۇس ھەدەم بۇ يىل 3-ئايدا ئۆزىنىڭ بىئارام بولۇۋاتقانلىقىنى ئېيتقانىكەن ھەمدە 6-ئايدا چوڭ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپتىكەن. راك ھۈجەيرىسى ئۆپكىدىن قان ئارقىلىق سۆڭەككە ئۆتۈپ بولغاندىن كېيىن، دوختۇرلارمۇ ئامال قىلالمايدىغانلىقىنى، ياخشى بېقىۋېلىشنى ئېيتقانىكەن. ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى كېسەل ئۇنى بەكلا قېيناپتۇ. لېكىن ئۆزىنىڭ قېينىلىۋاتقانلىقىنى ھېچكىمگە بىلىندۈرمەپتۇ. ئۇ ئەتراپىدىكىلەرنى بولسىمۇ خاتىرجەم قىلىشنى ئويلاپتۇ.


خېلىغىچە بىر نۇقتىغا تىكىلىپ ئولتۇردۇم. ئۇنىڭ بىلەن پەقەت بىر قېتىملا كۆرۈشكەن ئاشۇ مىنۇتلار خۇددى كىنو لېنتىسىدەك كۆز ئالدىمدىن ئۆتمەكتە.


مەن ئۇنى بىرلا قېتىم كۆرگەن


2010-يىلى 20-نويابىر، بېيجىڭ


مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى ئىنستىتۇتى، «مىللەتلەر ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات -سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، يازغۇچىلار جەمئىيىتى، شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتى، ئوردوس «شەرق» يول، كۆۋرۈك گۇرۇھى ھەمكارلاشقان «موڭغۇل، تېبەت، ئۇيغۇر ياش يازغۇچىلىرى مۇھاكىمە يىغىنى» ۋە «دورنا» ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى باھالاش مۇراسىمىدا ھاياتنوپۇس ھەدەمنى ھاياتىمدا تۇنجى قېتىم كۆرگەنىدىم. تۇنجى قېتىم كۆرگەنلىكىمدىن ئالەمچە شادلانغانىدىم، لېكىن بۇنىڭ تۇنجى قېتىم ھەم ئەڭ ئاخىرقى قېتىم كۆرۈشۈش بولۇپ قالىدىغانلىقىمنى ئەسلا خىيالىمغا كەلتۈرمىگەنىدىم...


ھەر مىللەت ياش يازغۇچىلىرىنىڭ ئۆز ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئەدەبىيات يېڭىلىقلىرى ئۈستىدىكى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھەر قايسى مىللەتلەر ئەدەبىياتى ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە ۋە چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينىغان بۇ مۇھاكىمە يىغىنىغا ئۇيغۇر ياش يازغۇچىلىرىغا ۋاكالىتەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، ئەدەبىي تەرجىمان دىلمۇرات تەلئەت، ھاياتنوپۇس ھەدەم ۋە ياش يازغۇچى ئاينۇر دولقۇن قاتارلىقلار قاتناشقانىدى. ھاياتنوپۇس ھەدەم شۇ قېتىملىق مۇھاكىمە يىغىنىدىن ئالغان تەسىراتى توغرىسىدا قىسقىچە توختىلىپ: «بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى — بىزنىڭ باشقا مىللەت يازغۇچىلىرى بىلەن بولغان تەجرىبە، كۆز-قاراش، ئىدىيە، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىمىزدا ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە» دېگەنىدى. يىغىننىڭ خەۋىرى شۇ كۈنى كەچتىلا «مەملىكەت خەۋەرلىرى ۋە خەلقئارا خەۋەرلەر» پىروگراممىسىدا ئاڭلىتىلغانىدى. شۇ تاپتا ھاياتنوپۇس ھەدەمنىڭ 2 مىنۇت 45 سېكۇنتلۇق بۇ خەۋەردە ئىگىلىگەن 10 سېكۇنتلۇق ئاۋازىنى يېنىش-يېنىشلاپ ئاڭلىماقتىمەن. ئۇنىڭ ئاۋازى شۇ قەدەر يېقىملىق ئىدى.


ھېلىمۇ ئېسىمدە، شۇ كۈنى زىيارەتتىن سەل ئىلگىرى ئۆزۈمنى تونۇشتۇرغاندا، ھاياتنوپۇس ھەدەم:

— ئەسەرلىرىڭىزدىن سىزنى تونۇغانىدىم. تېخى ئالدىنقى ئايدىلا، گۈلنار مەتنىياز، ھەلىمە تۇرسۇن (شىنجاڭ «يېزا پەن-تېخنىكىسى» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى) لار بىلەن سىلەرنىڭ چوڭ ئۆيگە بېرىپ، ئامان نۇرى ئاكامنى يوقلىغانىدۇق. سىزنى سورىسام، مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسىدا ئىشلەۋاتىدۇ، دېدى. ئاڭلاپ بەكلا خۇش بولدۇم. بۈگۈن بۇ يەردە كۆرۈشۈشكە پۇرسەت بوپتۇ، بۇنىڭدىن تولىمۇ خۇشالمەن، — دېگەنىدى.


شۇ كۈن ھاياتنوپۇس ھەدەمنىڭ كەيپىياتى ناھايىتى ياخشى ئىدى. كېسەللىك ئالامىتىمۇ يوق ئىدى. مەن بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى گۈلنار ھەدەمگىمۇ ئېيتىپتىكەن. كىم بىلسۇن، ئارىدىن بىر يىل ئۆتە-ئۆتمەيلا، ھاياتنوپۇس ھەدەمنىڭ ۋاپات بولغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلاپ ئولتۇرۇپتىمەن. خەير، نېمە ئامال دەيسىز؟ سەۋر قىلىشقىمۇ كۆنۈپ قاپتۇق...


ئۇنىڭ تەرجىمىھالىنى رادىيودا ئاڭلاتقانىدىم


«ئېسىل» ئىسىملىك تورداشنىڭ: «ھاياتنوپۇس مۇھەممەدنىڭ تەرجىمىھالى 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 16-كۈنى مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ ‹رادىيو ژۇرنىلى› پىروگراممىسىدا ئاڭلىتىلغانىدى» دەپ يازغانلىقى ھەم تور ئادرېسىنى قالدۇرغانلىقىنى كۆردۈم ھەمدە شۇ چاغلارنى ئىختىيارسىز ئەسلىدىم...


2011-يىلى 3-ئاينىڭ 14-كۈنى بولسا كېرەك، تۆمۈر قادىرىنىڭ «شىنجاڭ مائارىپى گېزىتى» (2011-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى) دە ھاياتنوپۇس ھەدەمنى تونۇشتۇرۇپ يازغان «ئىجاد سەپىرىدە گۈللىگەن ياشلىق» ماۋزۇلۇق ماقالىسىنى كۆرۈپ قالدىم. ماقالىنى ئوقۇپ چىققاندىن كېيىن، «رادىيو ژۇرنىلى» پىروگراممىسىدا ئاڭلىتىشقا ئورۇنلاشتۇردۇم. مەزكۈر ماقالە «رادىيو ژۇرنىلى» (2011-يىلى 3-ئاينىڭ 16-كۈنى) پىروگراممىسىدا ئاڭلىتىلغاندىن كېيىن، رادىيو ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى. ھېلىمۇ ئېسىمدە، خوتەن ناھىيەسىدىن رېسالەت ھېكىم، قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسىدىن ئالىمجان ئوسمان، قەشقەر شەھىرىدىن بۈۋىھەجەر ھەسەن قاتارلىق رادىيو ئاڭلىغۇچىلار پىروگرامما گۇرۇپپىمىزغا تېلېفون ئۇرۇپ: «ھاياتنوپۇس ھەدىمىزنىڭ ئەسەرلىرىنى سۆيۈپ ئوقۇيمىز. مۇمكىن بولسا، ‹قىزلىق دوقمۇشىدىن ئانىلىق سەپىرىگىچە› ناملىق ماقالىلەر توپلىمى ھەققىدە مەخسۇس سۆھبەت ئۆتكۈزۈلسە» دېگەنىدى. مەن ياخشى نىيەتلىك بۇ رادىيو ئاڭلىغۇچىلارغا: «سىلەرگە كۆپ رەھمەت، تەلىپىڭلارنى ئورۇنداشقا تىرىشىمەن» دېگەنىدىم.


لېكىن ھاياتنوپۇس ھەدەم بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئەمەس، ھەتتا ئۇنىڭ بىلەن يەنە بىر قېتىم كۆرۈشۈش پۇرسىتىمۇ بولمىدى. ئۇ كېتىپ قالدى، قىلىدىغان ئىشلىرى كۆپ بولغىيتتى، نۇرغۇن ئارزۇ-ئارمانلىرى بار بولغىيتتى!!!

مېنىڭ نەزىرىمدىكى ھاياتنوپۇس مۇھەممەد


ھاياتنوپۇس ھەدەمنى ئەڭ دەسلەپ ئەسەرلىرى ئارقىلىق تونۇغانىدىم. ئۇ ئەدەبىي ئىجادىيەتكە 16 يىشىدىن باشلاپ كىرىشكەن بولۇپ، تاكى ۋاپات بولغۇچە قەلەمنى تاشلىمىغان. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى — بولۇپمۇ «قىزلىق دوقمۇشىدىن ئانىلىق سەپىرىگىچە»، «ئاياللارغا مەسلىھەت» ناملىق كىتابلىرى، «بىز دۇنيانى قانداق تەۋرەتتۇق» قا ئوخشاش بىر تۈركۈم ئېسىل ماقالىلىرى ئۇنىڭ يېتىلىۋاتقان ئىجتىمائىيەت تەتقىقاتچىسى ئىكەنلىكىدىن ئۇچۇر بەرگەنىدى. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئىزچىل قىزىق تېمىلىق ئەسەرلەر سۈپىتىدە سانىلىپ كەلگەنىدى. ئۇنىڭ ئوقۇرمەنلىرى ھەقىقەتەن كۆپ ئىدى، ئۇنىڭدىن ئىلھام، مەدەتكە ئېرىشكەنلەرمۇ كۆپ ئىدى. ئۇ ئاياللارنىڭ نازۇك قەلبىگە بۆسۈپ كىرەلىگەن، ئۇلارنىڭ ساداسىغا قۇلاق سالغان، ھالىغا ھال، مۇڭىغا مۇڭ بولغان سۆيۈملۈك ئەدىب ئىدى.


ئۇ ئانا يۇرتى خوتەننىڭ مائارىپىنى گۈللەندۈرۈش مەقسىتىدە، ئەۋزەل خىزمەت پۇرسىتىدىن ۋاز كېچىپ، خوتەن مائارىپى ئۈچۈن ئۈن-تىنسىز تۆھپە قوشۇپ كەلگەن. ئۇ كۆپ قېتىم «ئۈلگىلىك دەرس ئۆتۈش ماھىرى» بولۇپ باھالانغان. كەسپداشلىرىغىمۇ يېتەكچىلىك قىلىپ، ئۇلارنىڭمۇ ئالغا بېسىشىغا ياردەم بەرگەن.


ئۇ يەنە پىشقان ناتىق ئىدى. ئۇنىڭ نۇرغۇن قېتىملاپ ھەر خىل تېمىلاردا، چوڭ-كىچىك سورۇنلاردا لېكسىيە سۆزلىگەنلىكىنى ئاڭلىغانىدىم. ئۇنىڭ يەنە خوتەن خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ «ئالاھىدە» مېھمىنى ئىكەنلىكىدىنمۇ خەۋىرىم بارتى. «ئالاھىدە» دېيىشىمدىكى سەۋەب، ئۇ كۆپ قېتىم خوتەن خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ بىر قانچە مەخسۇس پىروگراممىلىرىدا ئەخلاق، جەمئىيەت، ئاياللار قاتارلىق قىزىق نۇقتىلىق مەسىلىلەردە سۆزلەپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىنىپ، خوتەن دىيارىدا زور ئالقىشلارغا ئېرىشكەن.


مەن ئۇنىڭ نامىنى كۆپ ئاڭلىغانىدىم. بىر كۆرۈشنى ئىستەپ يۈرگەن شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە، ئويلىمىغان يەردىن پايتەخت بېيجىڭدا كۆرۈشۈپ قالغانىدىم. بىزنىڭ كۆرۈشكەن، پاراڭلاشقان ۋاقتىمىز 15 مىنۇتقىمۇ يەتمەيدۇ. ئۇنىڭ تۇنجى كۆرۈشۈشتە ماڭا قالدۇرغان تەسىرى — ئۇ تولىمۇ خۇشخۇي ئىدى. كۈلۈمسىرەپلا تۇراتتى. ئۇنىڭدىن نە ئۆزىنى چوڭ كۆرسىتىش، نە ھاكاۋۇرلۇقنى بايقىمىدىم. شۇ قەدەر ئاددىي ئىدى. پاراڭلاردىن ئۇنىڭ يەنە چىقىشقاق، كەڭ قورساق، ئالىيجانابلىقىنى ھېس قىلغانىدىم. ئەنە شۇنداق خىسلەتلەرنى ئۆزىدە مۇجەسسەملىگەن كىشىلەرلا باشقىلارنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە سازاۋەر بولالايدۇ.


خاتىمە


ئۇ 35 يىللىق قىسقا، ئەمما مەنىلىك ئۆتكەن ھاياتىدا، بىزگە ئېسىل ئەسەرلىرىنى مىراس قالدۇرۇپ، ئارىمىزدىن ئاستا-ئاستا يىراقلاپ كەتتى. ئۇنى يېنىمىزدا ئۇزۇنراق تۇتۇپ تۇرۇشقىمۇ ئامال قىلالمىدۇق. ئۇ كېتىشكە ئالدىرىمىغان بولسىمۇ، ئەزرائىل ئۇنى يەنىلا ئېلىپ كەتتى. ئەگەر ئۇنىڭغا يەنە ياشاش پۇرسىتى بولسىدى، ئۇ بىزگە تېخىمۇ كۆپ بايلىقلارنى قالدۇرغان بولاتتى!

ئۇ مەنىلىك ياشىدى، ئىجاد ئەمگىكى بىلەن كۈلۈپ ياشىدى. دەۋرگە، خەلقىگە، ئۆزىنى تەربىيەلىگەن يۇرتىغا، قوۋم-قېرىنداشلىرىغا يۈز كېلەلىدى. شۇڭا، ئۇنىڭ ئۆلۈمىدىن ئەل قايغۇردى، يۇرت يىغلىدى.


ئارىمىزدا شۇنداق ئادەملەرمۇ بار. بار-يوقلۇقى ھېچكىمگە بېلىنمەيدۇ. ياشىغىنى بىلەن ياشىمىغىنىنىڭ پەرقىنى ئايرىش ھەقىقەتەن تەس. تېخى بۇ خىلدىكى ئادەملەر سىزنى پاراكەندە قىلىپلا تۇرىدۇ. ئۇلار جەمئىيەتكە يۈك بولۇشنى «شەرەپ» ھېس قىلىدۇ. ئۇلاردىن بۇ ھاياتتا ئەسلىگۈدەك، ياد ئەتكۈدەك ھېچنىمە قالمايدۇ. ھەتتا يەرلىكىگە كىرىپ بولغۇچە ئۇنتۇلۇپ كېتىدىغانلارمۇ بار. قىزىق يېرى شۇكى، ئەزرائىل ئۇلارنى كۆرەلمەيدۇ ياكى بولمىسا كېچىكىپ كۆرىدۇ. «ئەزرائىلنىڭ كۆزى يوقمىدۇ؟ نېمىشقا ئېلىپ كېتىشكە تېگىشلىكلەرنى قالدۇرۇپ، بىز ئېھتىياجلىق كىشىلەرنى ئېلىپ كېتىدىغاندۇ؟» دەپمۇ كېتىمەن بەزىدە...


ئەلۋىدا، ھاياتنوپۇس ھەدە! سىز تېخىمۇ كۆپرەك ياشىشىڭىز كېرەك ئىدى. خەلقىمىز سىزگە ئوخشاش تۆھپىكارلىرىغا موھتاج ئىدى. شۇ تاپتا ھەممە سىز ئۈچۈن ياش تۆكمەكتە، سىزنىڭ ئۇزاپ كەتكىنىڭىزدىن قايغۇرماقتا. لېكىن شۇ نۇقتا ئېنىقكى، سىز ئارىمىزدىن بالدۇرلا كەتكەن بولسىڭىزمۇ، ئىجاد ئەمگىكىڭىز مەڭگۈ يادلىنىدۇ، قەدىرلىنىدۇ! نامىڭىز تىللاردا داستان بولىدۇ!

           

    2011-يىلى 1-سېنتەبىر، بېيجىڭ.

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى


Rank: 8Rank: 8

توردا
212 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى
نادىر
0
يازما
393

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى 09:24:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ھەدىمىزنى پەقەت تۇنىمايدىكەنمەن، اللە خاتالىقلىرىنى ئەپۇ قىلغاي !

Rank: 1

توردا
63 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى
نادىر
0
يازما
217
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى 10:06:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياتقان يىرى جەننەتتە بولغاي .

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
716 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2174

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى 10:12:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ماقالىنى سىڭلىمىز دىلروھ  يەتتە قىزلىرىم كۈندىلىك خاتىرىسىگە ئىنكاس سۈپىتىدە يوللاپتىكەن، قايسى كۈنى قەھۋەنىڭ ئىنكاسىدا بىر ئوقۇغاندەك قىلغان ئىدىم. قارىسام خېلى ئۇزۇن بولغان ماقالىكەن، لېكىن قاراپ باقسام ئەھمىيەتلىك تېمىدەك قىلدى، ھەم ئۆزۇممۇ بۇ مەرھۇمنى مەنمۇ تازا بىلىپ كەتمەيدىكەنمەن شۇ سەۋەپلىك ئايرىم تېما قىلىپ يوللاپ قويدۇم.

Rank: 8Rank: 8

توردا
549 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
5
يازما
836

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى 10:58:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھايات بىلەن يېقىن دوست ئىدۇق. خوتەنگە بارغاندا كۆرۈشكەن.
تازا ئىشقا چۈشەي دىگەندە ئاغرىپ قالغانلىقىنى ئاڭلاپ باراي دىسەم بارالمىدىم. شۇنداق پۇشايمان قىلىمەن، بارالمىغىنىمغا....

ۋاي پۇتۇم!!!!!

Rank: 2

توردا
164 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
306
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى 16:06:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرھۇم سڭىلىمنى ئەسلەپ قالدىم

ھەقىقىي بايلىق سىرتىڭىزدا تۇرۇۋاتقان ماددى نەرسىلەر ئەمەس، ۋۇجۇدىڭىزدا تۇرۇۋاتقان يۇشۇرۇن قابىلىيەت

Rank: 8Rank: 8

توردا
25 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى
نادىر
1
يازما
61

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى 17:18:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادەمنىڭ قىممىتى، ئۇنىڭ قانچىلىك ئۆمۈر كۆرۈشىدە بولماي بەلكىي ئۇنىڭ قىلغان ئەھمىيەتلىك ئىشلىرىدا...مەرھۇمەنىڭ مەنەلار بىلەن تولغان ھاياتىدىن قاتتىق سۈيۈنگەن بولساممۇ، ۋاقىتسىز توزۇپ كەتكەن ھاياتىغا بەكمۇ ئېچىندىم..ھەممىسى تەغدىر!!!
مەرھۇمەنىڭ ياتقان جايى جەننەتتە بولسۇن!!!!

Rank: 8Rank: 8

توردا
214 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
2
يازما
558

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى 17:34:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ھاياتنوپۇس مۇھەممەد شىېرلېرىدىن

چۈش باشلانغان جاي

ساھىلىمدا بىر گۈزەل كوچا،
تېخى ھېچكىم كۆرۈپ باقمىغان.
تىمتاسقىنا ناخشا بار ئۇندا،
ھەم ھېچكىممۇ ئېيتالمايدىغان.

شۇ ناخشىنىڭ ئاھاڭلىرىدەك،
كۈيلىرىمگە كىتىسەن سىڭىپ.
ئېيتماق بولۇپ قالسام ناۋادا،
رېتىملىرى كىتەر ئۆزگۈرۈپ.

يۈرۈكۈمدە تۇرىسەن تەنھا،
ئاستا مېڭىپ كىرىسەن ئۈنسىز.
خىياللىرىم تاپمايدۇ ۋىسال،
ھىجرانلاردا ئاۋۇنماي تۈنسىز.

دۇنيارىمغا مۈكۈنگەن چۈشسەن،
ئۇيقىسىغا قانمىغان تېخى.
ئويغانساملا كىتىسەن چۈچۈپ،
بوپ قالىسەن يات ۋە يىپ-يېڭى.

ئۇزىتىپ قالىمەن قارشى قىرغاقتا

ئۇزىتىپ قالىمەن قارشى قىرغاقتا....
يۈرۈكۈمنى ساڭا يوللۇغ قىپ.
قەلبىمگە سىغمىغان تىلەكلىرىمدە،
بەختلەر تىلەيمەن ئۈنسىز تىكىلىپ.

ئۇزىتىپ قالىمەن قارشى قىرغاقتا....
بارلىقىم قىممەتلىك ئازاپ باغاشلاپ.
بېرىۋەت ماڭىلا ئاچچىق كەچمىشنى،
سەن بىلەن ياشايمەن ئۇنىڭغا قاراپ.

ئۇزىتىپ قالىمەن قارشى قىرغاقتا....
كۆرمىسۇن ھېچكىممۇ ئاشۇ تۇرقۇمنى.
يەرشارى ئۇنتۇلغان ھەتتا ئۆزۈممۇ،
شۇ قەدەر تۇنۇشسەن سەنلا شۇ كۈنى .

ئۇزىتىپ قالىمەن قارشى قىرغاقتا....
دىلىمدا ساڭلىلا ئاتالغان ناخشا.
ئۆزۈمنى مەڭگۈگە كەچۈرمەيمەن ھەم،
ئۈمۈدسىز كۆز يېشى تۆكسەم ناۋادا.

ئۇزىتىپ قالىمەن قارشى قىرغاقتا....
يۈرەكتىن يۈرەككەتىمتاس پىچىرلاپ.
ئاھ سوغۇق كۆز يېشى سۈيۈپ ئۆتكەندە،
ياق!دىدىم ئۆزۈمگە ئاستا شىۋىرلاپ.



ئالداش

ئىزگۈغىنە يالغۇزلىقىمنى،
سېتىۋەتتىم قانداق رەستىگە.
ئۆز ئەسلىمنىڭ ئىزدەشلىرىنى،
يولغا سېلىپ قويدۇم ئەتىگە.

پارە بېرىپ كۆز ياشلىرىمغا،
سۈزۈۋالدىم ھەسرەتتىن كۈلكە.
يىغلاپ قالسا دۇنيا روھىمدا،
ئەللەي ئېيتىپ قويدۇم كۈلبەمدە.



كۆڭۈل سىرى

قەلبىمدە تۈنىگەن گۈزەل ناخشىسەن،
ئاھاڭى يۈرەككە رېتىمداش،تۇتاش.
ئېيتالماس تىللىرىم كەلمەس ھەم سۆزگە،
قاچانلار نىسىپتۇر ئىسمىڭنى ئاتاش.

شۇ قەدەر تۇنۇشسەن،كۆرمىدىم،ئەمما،
يىلسېرى ياشىدىڭ مەن بىلەن تەنھا.
شەكىلسىز تۇرقۇڭنى كۆردۈم ھەر دەقىق،
ھېسلىرىم باشلىغان ئىزدەشلەر ئارا.

بىر بۈيۈك سۆيۈشسەن سۆيگۈ ئارمىنى،
قەلىبلەر تەكتىنى ياتقان باغاشلاپ.
تەنھالىق يامرىغان سەھەر-كەچلەردە،
كىرىمەن قەلبىڭگە قەلبىمنى باشلاپ.



پاچىقى يوق شېئر

روھ سۆرىتى،
دۇنيا ئەرۋاھى.
تۇغۇلىدۇ شېئر بولۇپ،
پاچىقى يوق ھەسرەتلىك شېئر.
دۇقمۇشلارغا كىتىپتۇ تۇلۇپ،
بىلىش كېرەك
شائىر دىگەن بەك بىچارە،
ئۆز ئەركىگە قالغان چۈشىلىپ.
لېكىن شۇنىڭغا ئىشەن،
تاپالايسەن ئۇنىڭدىن قەلبىڭنى،
ئەركىنلىكنى.
بەس
شائىر بولماق تەس.



بۈگۈنكى ۋەھىمە





رېئاللىقتىن چىقىشىم كېرەك،

ياشاش ئۈچۈن بىخەتەر بۈگۈن.

تىلىۋالاي‹ھايات›نى سەندىن،

تۆكۈلمىگىن ئەمدى كۆز يېشىم.



ئېرىشەلمەي ئۆزۈمگە-ئۈزۈم،

تىلەمچى بوپ ئۈتەرمەن بەلكىم.

سەدىقەڭنىڭ قەرزلىرىدىن،

ئازاپ تۇغۇپ ياشارمەن قەلبىم.



زامانىۋى ئاڭنىڭ تورىدا،

باشقۇرالماس ئۆزىنى ھېچكىم.

خائىنغىنە تىتىرەكلىرىمدە،

قۇچاقلايمەن سېنى يۈرىكىم.



قىستاپ كەلگەن رېئاللىقىمدا،

ئۇرۇلدۇممەن روھىم قۇلىدا.

ئېھ،ئەسەبىي ھەسىرەتلىرىمدىن،

تېپىۋالدىم ئۆزۈمنى يەنە.



كۈلەلمىسەم ئۆز ئاۋازىمدا،

يىغلاي چۇقۇم ئۆزۈم سىياقتا.

تونىۋالغىن مېنى ئۆز ئەركىم،

قايتىپ كەلسەم ئەگەر قوينىڭغا.



ھالقىپ كەتسەم دەيمەن بۈگۈندىن،

باشلىنىش يا ئاخىرلىشىشقا.

رازى بولسام ئىشىمدىن، بىراق،

ياشىيالىسام بولاتتى تەنھا.



‹كەچۈرگىن›نى ئېيتىمەن كىمگە،

زىددىيەتلىك مەۋجۇتلىقىمدا.

رەنجىتەرمۇ مېنى تۇرمۇشۇم،

تۇرمۇش مەندىن رەنجەرمۇ ۋە يا؟


Rank: 1

توردا
29 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
0
يازما
70
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 13-كۈنى 11:29:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالدىراشچىلىقتا مۇنبەرگە كىرگىلىمۇ پۇرسەت بولمىدى،بۇگۇن بۇ تىمىنى كۈرۈپ مەرھۇمەنى ئەسلەپ قالددىم. ئۇنىڭ ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى بىر ھەپتىسىدە ئىككى قېتىم بېرىپ ئۇنىڭ بىلەن كۇرۇشۇپ كەلگەنىدىم. بىراق نامىزىغا بارغان كىچىسى روھى دۇنيارىمدا بىر غەليان كۇتۇرۇلگەندەك بولدى. ئالتۇنگۇلنىڭ يىغىسى، مەرھۇمەنىڭ  مىياڭلاپ ئەتراپىمىزدىن،ئىتىكىم ئاستىدىن كىتەلمىگەن مۇشۇكى شۇنداق يۈرىكىمنى ئەزگەن ئىدى، ھاياتنىڭ مۇشۇكى ناملىق بىر يازمام بار ئىدى، كىيىنرەك يوللاپ قۇياي.      ئىنسان ئۈلۈم ئالدىدا بەك.بەك.....ئاجىزكەن......

يانالمايلا  قالدىم............يانسام..ئۇلغايسام بۇلاتتى !!!!!!!!!!!!!!!!!!!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى 07:35 , Processed in 0.059286 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش