سېنى ھامان تاشلاپ كېتىمەن
---گۈلئاي---
(1)مۇھەببەتنىڭ بىر تامچىسى
--- سىزگە مۇزىكا چېلىپ بېرەيمۇ؟
--- ...
شۇندىمۇ يەنە ھېچ ئىش بولمىغاندەك سېنىڭ ئۈچۈن چېلىنىدىغان مۇزىكىلىرىمنى داۋام ئەتتىم. سەن ئەبەدىيلىك جىمجىتلىقىڭ بىلەن مۇزىكىغا قۇلاق سېلىۋاتقىنىڭدا تۇيۇقسىز قويۇق كىرپىكلىرىڭدە سىلكىنىۋاتقان چەكسىز مۇھەببەتنى كۆرۈپ قالدىم. كاشكى شۇ مۇھەببەتنىڭ بىر تامچىسى مېنىڭ ئۈچۈن بولسا ئىدى، سېنىڭ ئۈچۈن چېلىنۋاتقان مۇزىكام ئەبەدىيلىكىگە سوزۇلاتتى...
(2)مېنىڭ چېلىۋاتقىنىم ھىجران ناخشىسى
ئۆزۈمنىڭ سېنىڭ ئۈچۈن چالغانلىرىمنى مۇھەببەت كۈيى دەپ ئويلاپ كەپتىمەن ئەزىزىم، ئەمدى بىلسەم مۇھەببەت كۈيى پەقەت ئىككى يۈرەك بىر-بىرى ئۈچۈن تەڭ چالغان مۇزىكىدىنلا تارايدىغان ئەبەدىيلىك كۈي ئىكەن، ئۇنداق بولمايدىكەن بۇ مۇزىكا ھەر قانچە ئۇزۇن داۋاملاشسىمۇ ئۇنىڭدىن ياڭرايدىغىنى يەنىلا ئىزتىراپلىق ھىجران ناخشىسىنىڭ شىۋىرغانلىق ئەكىس ساداسىلا بولىدىكەن، خالاس.
(3)ئۆزۈم ئۈچۈن چېلىنغان مۇزىكا
شۇنداق، ساڭا بولغان سۆيگۈمنىڭ ھىجران ئالدىدىكى ئەلەملىك بوزلاشلىرى ياڭرىماقتا مۇزىكامدىن!
قوي كۆزلۈكۈم، سەن مېنى مەڭگۈلۈك سۆيۈشكە جۈرئەتسىز تۇرۇپمۇ يەنە سۆيگۈڭنى ماڭا بېغىشلىغان ئىدىڭ، مەن ئۈچۈن نەقەدەر بەختلىك دەقىقىلەر ئىدى ئۇ! شۇ چاغلار دەل سەن ئۈچۈن چالغان مۇھەببەت، ياق، ھىجران كۈيۈمنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىگە يەتكەن ۋاقتى ئىكەن ئويلىسام. مانا ئەمدى قارا كۆزلىرىڭنىڭ قاراڭغۇلىقىغا شۇقەدەر چوڭقۇر چۆكۈپتىمەنكى ھەتتا ئەتىنىڭ يورۇق قۇياشىنىمۇ كۆرەلمەي قېلىۋاتىمەن.
بىلەمسەن، سېنىڭ ئۈچۈن چالماقچى بولغان مۇزىكىلىرىمنى «شۇنداق بىر كۈن كېلىدۇ» دەپ ئالەمچە بەختىيارلىق تۇيغۇسى ئىچىدە باشلايىتتىم ئىلگىرى، مانا ئەمدى ھازىرمۇ يەنىلا «شۇنداق بىر كۈن كېلىدۇ» دەپ باشلىماقچى بولۇۋاتىمەن، ئەپسۇس ماڭا چەكسىز ئۈمىد ئاتا قىلغۇچى «شۇنداق بىر كۈن كېلىدۇ» نىڭ قاچانلاردا ئۈمىدسىزلىكنىڭ يىغلاڭغۇ تۇيغۇلىرىغا ئورتاق بولۇپ قالغىنىنى سەنلا ئەمەس، ئۆزۈممۇ ھىس قىلالماي قاپتىمەن.
شۇنداق بىر كۈن كېلىپ چالغان مۇزىكىلىرىم سېنىڭ ئۈچۈن ئەمەس بەلكى ئۆزۈم ئۈچۈن ياڭرىغان ئۈزۈلمەس كۈيلەر بولىدىغانلىقىغا ئىشەن، ئەزىزىم.دەل شۇ كۈن سەن يۈرىكىڭنى لەختە-لەختە قىلىپ قان يىغلىساڭ بولىدۇ. يالغۇزلۇقنىڭ ئەسەبىيلىكىدىن ئۆرتەنسۇن قەلبىڭ!
(4)سېنى ھامان تاشلاپ كېتىمەن
ئازابلىرىڭغا ھەمراھ بولۇپ يېنىڭدا بولالمىدىم، ئازابلىرىمغا ھەمراھ بولۇپ يېنىمدا بولالمىدىڭ ھەم.
قەلبىمدىكى نازۇكلۇقنىڭ تۇتقۇنلىقىدا بىر دەريا بەختىڭگە تىلەك بولالمىدىم، قەلبىڭدىكى بىپەرۋالىقنىڭ توسقۇنلۇقىدا بىر تامچە بەختىمگە بېزەك بولالمىدىڭ سەنمۇ ھەم.
شۇنداق، بىر نەرسىنىڭ قىممىتىنى بىلەلمەيلا قالدۇق ئىككىمىز...
بەلكىم شۇ تەرىقىدە ئايرىلىپ كېتەرمىز، بەلكىم مەن سەندىن يىراقلاپ كېتەرمەن شۇ دەم... ئۆزۈم ئۈچۈن چېلىنغان كۈيۈمنىڭ جاراڭلىق ساداسى پۈتۈن ئەتراپنى بىر ئالغان چاغدا مېنىڭ سېنى مەغرۇرلارچە تاشلاپ كېتىشىمگە ئىشەن ئەزىزىم. سېنى تاشلاپ كېتىمەن، مەن بەرىبىر كېتىپ قالىمەن، ئاخىر شۇنداق بولماقچى ئىدى، مەنمۇ ھەم ئەسلىدىنلا يالغۇز ئىدىم، بەرىبىر يالغۇز قالاتتىم، ھېچنىمىسىز، ھېچكىمسىز قالماقچى ئىدىم، پەقەتلا يالغۇزلۇقۇمدىن بۆلەك...
ئىشەن، سېنى ھامان تاشلاپ كېتىمەن!
مەنبە:http://bbs.misranim.com/thread-65400-1-1.html
ئاپتۇرنىڭ رازىلىغىنى ئالغاندىن كىيىن كۆچۈرۈپ كەلدىم.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا gulbargi24 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى 01:53