ياشاپ كەلدۇق مىڭ تىرىلىپ ،مىڭ ئۆلۈپ،
گاھ يىللىرى ئون يىغلىساق بىر كۈلۈپ.
مۇشەققەتنىڭ ئوتلىرىدا ئۆرتىنىپ،
بىز كۆنگەنگە كۆنەمدىكىن بالىلار ؟
سۇغارماستىن سايە بەرگەن سېدىنى،
ئويلىماستىن بىزدەك باغرى زېدىنى.
ئېلىپ قالسا ئەمما پۇلنىڭ ھېدىنى،
يېنىمىزدا ئۈنەمدىكىن بالىلار ؟
بەزىلەر بار ، <<ھاي !>> دېسەكمۇ تىڭشىماي ،
يۈرمەكتىدۇر ئۆز يولىنى ئوڭشىماي .
قانداق قىلسۇن ئاتا - ئانا غىڭشىماي ،
<<ئاق>> نى چېكىپ ئۆلەمدىكىن بالىلار ؟
كۆك ئاسماندىن كۆڭلى يەرگە چۈشەلمەي ،
كۆرۈپ تۇرۇپ ھالىمىزنى چۈشەنمەي ؛
بىز ئۆرىگەن يانچۇقلارغا ئىشەنمەي ،
ئۆزى كېلىپ ئۆرەمدىكىن بالىلار ؟
ئۇلار بىزنى << ئۆل >> دەمدىكىن ، بىلمىدۇق ،
ئۇلار بىزنى <<قۇل>> دەمدىكىن ، بىلمىدۇق ؛
ئۇلار بىزنى <<پۇل>> دەمدىكىن ، بىلمىدۇق ،
ئۆلسەك ھۇزۇر سۈرەمدىكىن بالىلار .
تالاي قىزلار تۈگەشتىغۇ پۇلنى دەپ ،
ئالۋاستىغا ئەگەشتىغۇ پۇلنى دەپ ؛
يامانلارغا يۆگەشتىغۇ پۇلنى دەپ ،
شۇنى يامان دېمەمدىكىن بالىلار ؟
مودا دېسە ئاشۇ قىزلار دۈم چۈشتى ،
مەيخانىدا مەست بولغۇچە مەي ئىچتى .
ئېيتىڭلارچۇ ، مودا كيىپ كىم ئۇچتى ،
يالىڭاچمۇ يۈرەمدىكىن بالىلار ؟
بىزنى گاداي قىلىۋەتتى تويلىرى ،
ھەشەمەتتۇر تامام خىيال - ئويلىرى .
ئۇنىمىساق تۇتۇپ قالار خۇيلىرى ،
ياخشى گەپكە كىرەمدىكىن بالىلار ؟
بىقىپ بەردۇق بالىسىنى نەۋرە دەپ ،
بىر جاسارەت بولغاچ بىزدە <<سەبرە>> دەپ ؛
قارىمىدۇق ئۇنى جاپا - جەبرە دەپ ،
بىزدىن رازى بولامدىكى بالىلار ؟
رىزقىڭ بىزدىن بولىۋەرمەس لوق دېسەك ،
ئۆز چوتۇڭنى شۇڭا ئۆزۈڭ سوق دېسەك ؛
ئەمدى ساڭا بېرەرىمىز يوق دېسەك ،
گىلىمىزدىن سۆرەمدىكىن بالىلار ؟
قەدىمىدە رېستورانلار كۆزلەنسە ،
ئەل ئاغزىدا يامانلىقى سۆزلەنسە ؛
ھەشەمەتتە نامراتلىققا يۈزلەنسە ،
يەنە بىزدىن كۆرەمدىكىن بالىلار ؟
بېقىپ قويدۇق يۇرت بالىسى بولسۇن دەپ،
پەرۋىش قىلدۇق گۈل-لالىسى بولسۇن دەپ ؛
ئاغرىپ قالساق يېنىمىزدا قونسۇن دەپ،
بېشىمىزدا تۈنەمدىكىن بالىلار ؟
مەيلى ئۆتسۇن ئۇلار بىزنى جەبىرلەپ ،
ئۆلۈپ كەتسەك قويار ئەمما قەبرىلەپ.
قەبرىمىزگە ، شۇنداقتىمۇ قەدىرلەپ ،
قىزىلگۈللەر تېرەمدىكىن بالىلار ؟
2000 - يىل 25 - ئىيۇن ، غۇلجا