يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 752 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 224|ئىنكاس: 6

بەختسىز نىكاھ ئاياللارنى يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار قىلىدۇ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

توردا
225 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى
نادىر
0
يازما
204
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى 19:05:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

     
      تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، نىكاھتىن رازى بولمىغانلىقىنى ھېس قىلغان ئاياللارنىڭ يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى بىر قەدەر يۇقىرى بولىدىكەن.
      تەتقىقاتچىلار 500 نەپەر ئوتتۇرا ياشلىق ئايال ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق بەختسىز نىكاھنىڭ ئاياللاردا بىر قەدەر يۇقىرى نىسبەتتە يۈرەك كېسىلىنىڭ قوزغىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى بايقىغان ، بۇ خىل تەسىر يۈرەكنىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان تاماكا چېكىش، يۇقىرى خولىستېرىن ۋە يۇقىرى قان بېسىمى قاتارلىق باشقا ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىكەن. ھالبۇكى ئاياللاردا بەختسىز نىكاھنىڭ دەرد- ئەلىمى بىلەن نىسبىي ھالدا بېسىم پەيدا بولۇپ ، ئۇنىڭ قايغۇ- ھەسرەت ياكى پىسخىكا ئامىلىغا قارىغاندىمۇ، يۈرەككە بولغان تەسىرى ئالاھىدە بولىدىكەن.
       تەتقىقاتچىلار بۇنداق ئاياللارنى 11 يىل ئەتراپىدا ئۇدا تەكشۈرۈش ئارقىلىق، نىكاھلىنىشتىن رازى بولۇش ئەھۋالى بىلەن ئاياللارنىڭ يۈرەك ساغلاملىقىنىڭ مۇناسىۋىتىنى تەتقىق قىلغان. تەتقىقاتتىن بايقىلىشىچە، نىكاھلىنىشتىن رازى بولغان ئاياللار بىلەن نىكاھتىن رازى بولمىغان ئاياللارنى سېلىشتۇرغاندا، نىكاھلىنىشتىن رازى بولمىغان ئاياللارنىڭ يۈرەك غول ئارتېرىيەسىدە روشەن داغ توقۇلمىلىرى بارلىقى بايقالغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇلارنىڭ بويۇن ئارتېرىيەسىنىڭ توسۇلۇش نىسبىتىمۇ بىر قەدەر يۇقىرى بولۇپ، بۇ سەكتە بولۇپ قېلىشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ھېساپلىنىدىكەن .
مەنبە: «شىنجاڭ ئاياللىرى» ژورنىلى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   gulbargi24 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-يىلى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى 21:03  


Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
716 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2174

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى 13:09:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىكاھتىكى بەختسىزلىك يالغۇز ئاياللارنىلا ئەمەس، بالىلارنىمۇ، ئەرلەرنىمۇ ھەر خىل كېسەلگە مۇپتىلا قىلىدۇ، كىملا بولسۇن بەختلىك بولغاي ئىلاھىم!

باھا سۆز

gulbargi24  شۇنداق ھەركىم بەخىتلىك بولسۇن!  يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى 18:05:36

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1847

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى 16:45:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىكاھنى ئويۇن ئورنىدا كۆرىدىغانلار كۆپىيىپ كەتمەن بۇ زاماندا ئۇلارغا بۇنداق گەپلەر خوش ياقمايدۇ.
بىر كۈن خۇشال ئۆتىۋالسا ئۇلارغا شۇ ھېساب.

باھا سۆز

gulbargi24  شۇنى دىمەمسىز.  يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى 18:06:52
ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 3Rank: 3

توردا
225 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى
نادىر
0
يازما
204
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى 22:42:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەرشارى يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى 22:44
ھازىر ھەممە ئادەم ئۆز ئالدىغا مۇستەققىل ياشايدىغان بو ...

ئونداق بولسا بەخىتنى قوغلاشماي ياشاش كىرەكمۇ؟

مۇھەببەتكە تولسۇن ھايات!

Rank: 2

توردا
111 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى
نادىر
0
يازما
279
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى 02:58:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ كۈنلەردە تېمىلىرىڭلارنى كۆرىۋېرىپ توي قىلىشتىنمۇ قورقىدىغان بوپ قېلىۋاتىمەن .....

باھا سۆز

ئەزىزتارىم  توينى قورقماي قېلىۋىرىڭ ،ياخشى يىگىتلەر يەنىلا كۆپ ،خاتىرىجەم بۇلۇڭ.  يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى 09:51:44
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى 08:02 , Processed in 0.049296 second(s), 28 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش