شېئىر ۋە شائىر
ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر
(نەسىر)
شېئىر - مارجان ئەمەس ، يىپقا تىزىپ قويسا تۇرىۋېرىدىغان ياكى ئەزان ئەمەس ، قۇلاقنى تۇتۇپ ئېيتسا بولىۋېرىدىغان .
شېئىر - "ئاپەت" ئەمەس ، مەنسىنى ئۇقماي ئوقۇسىلا بولىۋېرىدىغان ياكى ماتا ئەمەس، دۇكان قۇرۇپ توقۇسىلا چىقىۋېرىدىغان .
شېئىر - كەشتە ئەمەسس ، رەڭدار مەشۇت بىلەن لاتىغا تىكىپ قويىدىغان ياكى سۈرەت ئەمەس ، قەغەزگە سىزىپ قويسىلا بولىۋېرىدىغان .
شېئىر ھەم ھۆسنى ، ھەم پۇرىقى ، ھەم تىكىنى ، ھەم يوپۇرمىقى بار گۈلگە ئوخشىشىپ كېتىدۇكى ، ھۆسنى بىلەن دىلنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلار ؛ پۇرىقى بىلەن جانغا راھەت ۋە ھۇزۇر بەخىش ئېتەر ؛ ئىشىق ئەھلى ئۇنى قۇلاققا قىسار ياكى گۈل دەستە ياساپ جانانىغا تۇتار ؛ ياۋا توڭگۇز تۇمشۇقىنى تەگكۇزسە ، تىكىنى ئۇنىڭ بۇرنىغا سانجىلار ، ھەتتا بۇرنىنى قانىتار .
شېئىر - ئاسماندىكى يۇلتۇز ئەمەس ، كېچىسى پارقىراپ كۆرۈنگەن بىلەن نە ئىسسىقى ، نە يورۇقى تەگمەيدىغان ، شېئىر خۇددى بىر مەشئەلدۇركى ، كېچە زۇلمىتىدە ئىنسانغا يول كۆرسەتكۈچى ياكى بىر گۈلخاندۇردىكى ، پايانىز دەشتلەرنى يورۇتۇپ ، سوغدىن تېترىگەن تەنلەرگە ئارام بەرگۈچى .
شېئىر - چۆلدىكى ئالۋۇن (ۋىل - ۋىل) ئەمەس ، گاھى كۆك ، گاھى دەريا ، گاھى شەھەر ، گاھى گىياھ بولۇپ كۆرۈنگەن بىلەن قوغلاپ يەتكىلى بولمايدىغان .
شېئىر - بىر قاينام بۇلاققا ئوخشىشىدۇكى ، تەشنالارغا ئارام ، دەردمەنلەرگە داۋا ، بىمارلارغا شىپا ، غەمكىنلەرگە شادلىق ، ئاجىزلارغا ئۈمىد ۋە كۈچ بەخىش ئەتكۈچى .
شېئىر - ھاپىزنى ناخشىسى ئەمەسكى ، ئاڭلىغانسېرى كىشىنى مۈگدەك باسىدىغان ، شېئىر - بىر گۈلدۈرمامىدۇركى ، ئۇنىڭ ئاۋازى جاھاننى تىتىرىتىپ ، خامۇش كۆڭۈللەرنى ئويغاتقاي ؛
كىشىنى سەگەك قىلىپ جەڭگە ئۈندىگەي ، ئەبەدىي ھاياتقا چاقىرغاي !
شائىر - قاغا ئەمەس ، كۆرۈنگەن دەرەخقە قونۇۋېلىپ قاقىلداۋېرىدىغان . شائىر - خۇددى تاڭ توخۇسىدۇركى ، كېچىچە تاڭنى تىللاپ تىنماس ؛ تاڭ ئاتقاندا ، ئەلنى ئىشقا ، ھاياتقا ، ئەمگەك ۋە ئىجادقا ئۈندەر . شۇڭا ، كىشلەرنىڭ "ئالتۇن خوراز" ھەققدە قىسسە - رىۋايەتلەر توقۇشى ،
شەھەر دەرۋازىلىرى بىلەن قەسىر ئايۋان مۇنارلىرىنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ ھەيكىلىنى ئورنىتىشى ھەرگىز تاساددىپىي ئەمەس ، ھالبۇكى ، جاھان - جاھان بولغاندىن بۇيان ھېچكىم تېخى قاغىنىڭ ھەيكىلىنى ئورناتقىنى يوق .
شائىر - تۇتىقۇش ئەمەس ، نېمىنى ئۆگەتسە شۇنى دورايدىغان ياكى ئۆمۈر بويى دوراشتىن بۆلەكنى بىلمەيدىغان ، بۇ يەردە ئۇلۇغ ئەزەربەيجان شائىرى فۇزۇلنىڭ مۇنى بېيىتىنى ئەسلەپ ئۆتۈش ئورۇنسىز بولماس :
"قارا تاشتىن ئەگەر قان بىرلە رەڭگىن ئەيلىسەڭ ،
رەڭگى تەغيىر بولۇر ، ئەمما لەئلى بەدەخشان ئولماس .
تۇتىغا تەلىمى ئادايى كەلىمات ئەيلىسەڭ ،
نۇتقى ئىنسان بولۇر ، ئەمما ئۆزى ئىنسان ئولماس . "
شائىر - چىن مەنىسى بىلەن بۇلبۇلدۇر ، بۇلبۇل ھېچقاچان باشقا قۇشلارنى دورىمايدۇ ، باشقا قۇشلارمۇ بۇلبۇلنى ھەرگىز دورىيالمايدۇ . چۈنكى ، بۇلبۇلنىڭ ئۆز تىلى ، ئۆز سۆيگۈسى ، ئۆز تەپەككۇرى ۋە ئۆز تۇيغۇسى بار .
شائىر - كېپىنەك ئەمەس ، كۆرۈنگەن گۈلنىڭ ھەممىسىگە پەرقىسىز قونۇپ ، ھۇزۇر - ھالاۋەت ئېلىشنىلا بىلىدىغان ، شائىر - چىراغ پەرۋانىسىدۇركى ، ھالاك بولۇشنى بىلىپ تۇرۇپ ، ئۆزىنى ئوتقا ئۇرغۇچى ....
شائىر - شاھ ۋە سۇلتانلارنىڭ نازۇ نېمەتكە تولغان داستىخانلىرى ئەتىراپىدا چۆرگىلەپ يۈرىدىغان ياكى زاھىتلارنىڭ ئېتىكىدە خورۇلداپ ياتىدىغان مۈشۈك ئەمەس ، بەلكى پايانسىز دەشىتلەردە ئەركىن كېزىپ يۈرىدىغان تەمەسىز ئارسلاندۇركى ، ئۇنىڭ بىر ھۆركىرىشى بىلەن تاغۇ تاشلار زىلزىلىگە كېلىپ ، تۈلكە - بۆرىلەر ھوشىنى يىغماي ، "پادىشاھ نېكولاي ئۈستەلگە بىر مۇشت ئۇرغاندا ، پۈتۈن ئوردا ئىچى تىتىرەپ كېتەتتى ؛ لىف تولىستوي ئۈستەلگە بىر ئۇرسا ، پۈتكۈل روسىيە زىلزىلىگە كېلەتتى " دېگەن رىۋايەت مۇبالىغە بولمىسا كېرەك . چۈنكى ، لىف تولىستوي شېئىر يازمىغان بىلەن چىن شائىر ئىدى .
شائىر پەقەت خەلق بىلەن ، پەقەت خەلق بىلەنلا شائىردۇر ۋە مەڭگۈ ئۆلمەستۇر . مەسىلەن ، چۈي يۈەن بىلەن ئەلىشىر ناۋايى ؛ لى بەي بىلەن پوشكىن ؛ بايرۇن بىلەن لۇتپۇللا مۇتەللىپكە ئوخشاش .
1980 - يىل 23 - ئۆكتەبىر ، ئۈرۈمچى
ئاپتورنىڭ شېئىرلار توپلىمىدىن ئېلىندى.