ئەر- ئايال دىسىڭىز بايا بولغان بىر ئىش يادىمغا كەپ قالدى، ئۆيدە كىيۇ كىيۇ نى ئېچىپ قويۇپتىكەنمەن، خىزمەتداش، دوست، ئۇ بۇ دەپ 70 دەك ئادەم بار ئىكەن، بايا يولدىشىم يېنىمدا ئولتۇرۋېلىپ 70 ئادەمنىڭ ھەممىسىنى بىر بىرلەپ چۈشەندۈرگۈزدى، شۇنچىلىك ئاچچىقىم كەلدىكى، باشتا گەپ قىلماي، ئىسىمى، نىمە ئىش قىلىدۇ...چۈشەندۈرۈپ ئاخىرىغا كەلگەندە چىدىغۇچىلىكىم قالماي، نىمانداق تەپسىلى سورايسىز، ھەممسى بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇرغىلى نەدىكى چول، ئادەمگە ئىشەنمىگەندەك قىلىق قىلىدىكەنسىز دەپ بىر ھازا قاينىسام، ئۇ: نىمىگە قاينايسىز، راستىنلا چاتاق بارمۇ نىمە دەپ بەك خاپا قىلىۋەتتى! چۈنكى ئۇ ئادەتتە زادىلا كىيۇ كىيۇ ئىشلەتمەيدۇ، شۇڭا بۇ ھەقتىكى چۈشەنچىسى يېتەرلىك بولمىغاچقا، بىرمۇنچە خاپا قىلدى. ئاچچىقمىنى بېسىش ئۈچۈن، بۇ مۇنبەرگە كىرسەم قەھۋەنىڭ تېمىسى تۇرىدۇ، ئەر- ئايال دەپ! شۇ قىلغىنىغا تازا بۇتنىمىسام....!ساقچى گۇمانخور ....دەپ كىم دىگەن بولغىيدىكىن!
