يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 750 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 181|ئىنكاس: 7

يېڭى يىلدا يېڭى كۇلكە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

توردا
63 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى
نادىر
0
يازما
217
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 5-كۈنى 16:27:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

تەۋەررۈك
  ئەلى ئولوپ كەتكەن بىر دوستىنىڭ ئويىگە كىلىپ:
   — خانىم، مەن ئېرىڭىزنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى ئەڭ ياخشى سەبدېشى ئىدىم، شۇڭا ئۇنىڭ بىرەر تەۋەررۈك نەرسىلىرى بولسا خاتىرىلەشكە ئېلىۋالسام بولامدۇدىگەن ئىكەن؟
   ئايال:
   — ئەلۋەتتە بولىدۇ، مەن دەل ئۇنىڭ تەۋەررۈكى دەپتۇ.
  
قايتۇرما سوئال
  ئابلەت دوختۇردىن سورىدى:
   — ھۆرمەتلىك دوختۇر، مەن قانداق قىلسام 100 ياشقا كىرىمەن؟
   — بىرىنچىدىن ھاراق ئىچىشنى تاشلاڭ.
   — ئەزەلدىن ھاراق ئىچمەيمەن.
   — ئىككىنچىدىن ئاياللارغا قاش ئاتماڭ.
   — توۋا دەڭا دوختۇر، ئۇنداق ئىشنى ھەرگىز قىلمايمەن.
   — ئۈچىنچىدىن گۆشنى ئاز يەڭ.
   — مەن دەل گۆشسىز تاماق يەيدىغىنى.
   — ھوي، ئۇنداقتا بۇنچە ئۇزۇن ياشاپ نېمە قىلىسىز دەپتۇ دوختۇر؟

ئۈستۈنلۈك تالىشىش
   ئائىلىنىڭ مالىيە ئىشلىرىنى كىمنىڭ باشقۇرۇش مەسىلىسىدە بىرلىككە كېلەلمىگەن لالە ئىرى بىلەن تاكاللىشىپ قالدى. ئاخىرى ئارزۇۋارقىراپلا سۆزلەپ كەتتى:
   — ئەگەر مېنىڭ پۇلۇم بولمىغان بولسا، بۇ تېلېۋىزۇر بۇ يەردە تۇراتتىما؟
   — ئەگەر مېنىڭ پۇلۇم بولمىغان بولسا، بۇ كرېسلو بۇ يەرگە قويۇلاتتىما؟
   — ئەگەر مېنىڭ پۇلۇم بولمىغان بولسا، بۇ ئۆي بولاتتىما؟
   ئايالىدىن بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ چىدىمىغان ئېرى دەپتۇ:
   — ھوي، توغرا دەيسەن، ئەگەر سېنىڭ پۇلۇڭ بولمىغان بولسا مەن بۇ يەردە تۇراتتىما؟

كىيىم ئالماشتۇرۇش
   — مەن بىر كۈندە بەش قېتىم كىيىم ئالماشتۇردۇم، — دەپتۇ يىگانەكىيىم مودېلى دوستىغا.
   — بۇ ھېچقانچە ئەمەسكەن، — دەپ سۆزگە ئارىلىشىپتۇ دوستىنىڭ ئوغلى، —سىڭلىم بىر كۈندە 12 قېتىم كىيىم ئالماشتۇرىدۇ.
   — سىڭلىڭىز شۇنداق قىلامدا، ئۇ قانچە ياشقا كىردى ؟
   — ئەمدى ئۈچ ئايلىق بولدى.

ساغلاملىق گېزىتى


  قەھۋە
قىزىنى مانتا ئەكىلىشكە بۇيرۇپتۇ.
   ئاشخانا مۇلازىمى مانتىنى گېزىتكە يۆگەپلا قىزچاققا تۇتقۇزۇپ قويۇپتۇ.
   — ھامما، مۇئەللىم بىزگە ‹‹يېمەكلىكنى گېزىتكە ئورىسا بولمايدۇ›› دېگەنىدى.
   — جېنىم قوزام، ھېچنېمە بولمايدۇ، بۇ دېگەن ‹‹ساغلاملىق گېزىتى››.
دادام خاتا دەپ قويدى
   كىچىك ھايات دادىسى ئاچقان گىرىم بۇيۇملىرى دۇكىنىغا ئوينىغىلى بېرىپتۇ. بۇ چاغدا دادىسى خېرىدارغا ئىككى پارچە سۈرەتنى كۆرسىتىپ گىرىم بۇيۇمىنىڭ خۇسۇسىيىتىنى تونۇشتۇرۇۋاتاتتى.
   — قاراڭ، بۇ سۈرەتتىكىسى ئىشلەتمىگەن ۋاقتى، مانا بۇ ئىشلەتكەندىن كېيىنكى ۋاقتى.
   — دادا، خاتالاشتىڭىز، بۇ سۈرەتتىكىسى مومام، ئۇ سۈرەتتىكىسى ئاپام، — دەپ ۋارقىراپ كېتىپتۇ كىچىك ھايات
تەس ئىش
ئەسقەر ئاقلىغۇچى ئادۋوكاتىغا دەپتۇ:
   — ئەگەر قابىلىيىتىڭىزنى تولۇق ئىشقا سېلىپ، مېنى تۈرمىدە پەقەت ئالتە ئايلا ياتىدىغان قىلالىسىڭىز، پۈتۈشكىنىمىزدىن باشقا يەنە مىڭ دوللار بېرەتتىم.
   كەسكىن ئاخىرى ئارزۇسىغا يېتىپتۇ.
   — بۇ ماڭا ھەقىقەتەن تەسكە توختىدى، ئەسلىدە سوتچىلار سىزنى گۇناھسىز دەپ قويۇپ بەرمەكچى ئىدى، — دەپتۇ ئادۋوكات ئالغان پۇلىنى سانىغاچ.

جىددىي تەدبىر
   گۇدەكنىڭ ئايالى تېلېفون قىلىپ ئۇنىڭغا:
   — ئۆيگە تېز قايتىپ كېلىڭ، قورقۇنچلۇق ئەھۋال يۈز بەردى، كەنجى ئوغلىمىز ئوۋ مىلتىقىڭىزنىڭ ئوقىنى يۇتۇۋالدى.
   — مەن بارغۇچە يېنىدىن دەرھال كېتىڭ، بالىمىز ئەتراپىدىكىلەرنى قارىغا ئېلىۋالمىسۇن يەنە، — دەپتۇ گۇدەك جىددىيلەشكەن ھالدا.

بىلىملەر تورى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەزىزتارىم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-يىلى 1-ئاينىڭ 5-كۈنى 18:25  


Rank: 4

توردا
215 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى
نادىر
0
يازما
760
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 5-كۈنى 17:56:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھا ھا ھا  بەك قىززىقكەن  ``    

باھا سۆز

ئەزىزتارىم  قىزىقمىكەن ،قىزىككەن ھە .  يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 5-كۈنى 19:09:21
ئاھ ، شۇنچىلىك قېيىن  مۇھەببەت ئازابى ،
ئاھ شۇنچىلىك  سالقىن كۆڭۈلنىڭ باھارى .
ئاھ شۇنچىلىك ناۋاسىز سۆيگۈ ئىش

Rank: 2

توردا
110 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى
نادىر
0
يازما
281
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 5-كۈنى 19:56:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەلى تازا كىلىشكەن بىر يىگىت بولسا كېرەك قارىغاندا .....

ئاندىن ئاۋۇ ئۈستۈنلۈك تالىشىشتا ئايالنىڭ ئىسمى بىردەم لالە ، بىردەم ئارزۇ بوپ قالدىغۇ .....

باھا سۆز

saye  بۇ يۇمۇرنىڭ قىزىق يېرى شۇ يەردە.  يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى 10:39:46

Rank: 1

توردا
15 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 21-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى
نادىر
0
يازما
53
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى 08:37:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۇدەكنىڭ ئايالى تېلېفون قىلىپ ئۇنىڭغا:
   — ئۆيگە تېز قايتىپ كېلىڭ، قورقۇنچلۇق ئەھۋال يۈز بەردى، كەنجى ئوغلىمىز ئوۋ مىلتىقىڭىزنىڭ ئوقىنى يۇتۇۋالدى.
   — مەن بارغۇچە يېنىدىن دەرھال كېتىڭ، بالىمىز ئەتراپىدىكىلەرنى قارىغا ئېلىۋالمىسۇن يەنە، — دەپتۇ گۇدەك جىددىيلەشكەن ھالدا.
ماۋۇ بەك ۋەھشىيكەن

مۇنبەر مەسئۇلى

نازارەتچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
537 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
1165

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى 10:00:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي تارىمى، مېنىڭ شاھزادەم ئارانلا دۇكانلاردىن سوپۇن ئەكىرەلەيدىغان بولدى دەيمەن... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قەھۋە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى 10:00  


ھەر بىر كۈن يېڭى بىر ھايات!

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
716 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2174

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى 10:27:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھېرىپ ھالىمدىن كېتىپ ئاران كىرگەن ئىدىم مۇنبەرگە، ئەمما بۇ يۇمۇرلارنى ئوقۇپ ھاردۇقلىرىم چىققاندەك بولدى، رەھمەت ئەزىز تارىم، يېڭى يىلنىڭ بېشىدىن باشلانغان كۈلكىلەر ھەممىمىزگە ئورتاق بولغاي!

Rank: 8Rank: 8

توردا
147 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى
نادىر
2
يازما
828

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى 10:41:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر بىرىدىن ئېسىل يۇمۇرلاركەن. مىكروبلوگىمدا تارقىتىپ ماڭا ئەگەشكەنلەرنى كۈلدۈرۋېتەيچۇ!

بىر ئۇستاز ئۇچرىشىپ دوزاخ ھەم بېھىش،ئۆزەڭدە دىدى ئۇ ئېزىپ يۈرمىگىن -ھەييام

Rank: 1

توردا
0 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 26-كۈنى
نادىر
0
يازما
170
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى 18:33:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇمۇر  كەتتى   ھە...8ياشلىق ئەكبەر دادسدىن تۇيۇقسىز جاۋاپ بىرىش تەسرەك  بىر سوئال سوراپتۇ دە...
دادا مەن  نەدىن پەيدا  بولغان دەپ  بىرىڭ  دەپ  تۇرۋاپتۇ. دادسى .ئاپاڭ  بىلەن ئككمىزدن بولغان  دىسە  قانداق بولغان دەپ  تۇرۋاپتۇ.
دادسىى مۇنداقلا...  بىر كورنى قويوپ مەن تۇكۇرۇپ ئاپاڭ تۇكۇرۇپ كورا تولغاندىن سىنى پەيدا  قلغان دەپتۇ .ئەكبەر ھە بىلدىم دەپتۇ ..
مەكتەپتە پەرىدە ئېسملىك  بىر ساۋاقدشىنى چاقرىپ ئېككسى بىر كورغا تۇكرۇپ ئامبار ئويگە .ئەكرىپ قويوپ مەكتەپكە بىرىپ قايتىپ كىلىپ قارسا  كورغا بىر چىۋىن چۇشۇپ قاپتكەن ..
كورنى كوترىپ دادسنىڭ ئالدىغا قويوپ دادا ئاپا ماۋۇ  نەۋراڭلارنى كورۇپ  بىقڭلا  دىگۇندەك

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى 04:05 , Processed in 0.052346 second(s), 28 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش