يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 773 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 371|ئىنكاس: 19

ھەمشىرەم ! R [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

توردا
212 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى
نادىر
0
يازما
395

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى 17:11:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


مۇھەببەتلىك كۆڭۈللەر نەدە؟  رىئاللىق نەدە؟  قىزلىرىمىز ئىززىتى بىلەن ئانا بۇلىدىغان تۇرمۇشقا ئېرشەلمەي يۈرىگى سەك پارە.

يىگىتلەر كۆڭلىدىكى ۋاپادار قىزنى تاپالماي ئاۋارە.

ئىككىلا تەرەپ بىر نىشانغا ئىنتىلىدىيۇ  يەنە ئارلىقتىكى ھاڭدىن ئاتلاپ ئۆتەلمەيدۇ.

  بۇنىڭ سەۋەپلىرىنى قىز، ئۇغۇل،  ئاتا-ئانا،  جەمئىيەت ھەرتەرەپتىن ئىزدىشىمىز كىرەكتۇ!؟

بۇيەردە بۇنداق چوڭ تىمىلارغا رېتسىپ يازماقچى ئەمەس .

بەلكىم تۆۋەندىكى يازما قىزلىق ئۆتىڭىدىن  ئانىلىق داۋىنىغا قەدەم بېسىشتا تەمتىرەپ قالغان ھەمشىرلەرگە  تۈرلۈك-تۈمەن تاللاشلارئارا  ئېلھام  بېغىشلاپ قالسا ئەجەپ ئەمەس

تۇرمۇش توختاۋەرسىز پۇتلىشىدىغان تاللاشلارغا تولغان، تاللاش ئوبىكتى ئەقىل بىلەن ھېسيات ئوتتۇرسدىكى كۆرەشكە باغلانغان،  بىزنىڭ تەقدىرىمىز ھەربىر تاللىشىمىزغا باغلىق.

سىزگە ئىشنىمەن! سىز ياخشىسىنى تاللىيالايسىز ئەمما تۈۋەندىكى قۇرلارنىڭ  ئەڭ ياخشىسىنى تاللىشىڭىزغا  ياردىمى بۇلىشى مۇمكىن . . .






ھەمشىرەم !  نېمىنى  ساقلاۋاتىسىز ؟  يەنە ئازغىنە ۋاقىتتىن كىيىن بۇ ياشلىقىڭىز سىز بىلەن خوشلىشىدۇ،  كۈنلەر ئۆتىۋىرىدۇ ،  ياشلىقىڭىزمۇ تۈگەيدۇ . . .  سىز مەڭگۈ ئۆتمۈشىڭىزگە قايتىپ بارالمايسىز،  شۇڭا ئەسلىمىلىرىڭىزگە ئېسىلىۋالماڭ.  يىپى ئۈزۈلگەن لەگلەك ھامان ئۇچۇپ كېتىدۇ . . .  ئۇنى قويۇپ بەرگىنىڭىز ئەمەلىيەتتە ئۆزىڭىزنى قويۇپ بەرگىنىڭىزدۇر !






ھەمشىرەم!  نېمىشقا تاللاۋىرىسىز؟  تاللاۋىرىپ كۆزلىرىڭىز ئېلىشىپ كەتكەندۇ؟  قايسى ياخشى قايسى يامان ؟ بىر ئېغىز گەپكە يىغىنچاقلىساق سىزگە ماس كەلگىنى ئەڭ ياخشىسى.  ئەڭ ئاخىرىدىكىسىنىڭ ئەڭ ياخشىسى بولۇشى ناتايىن.  ئەڭ ياخشىسىنىڭ سىزگە يېقىشىمۇ ناتايىن .  كۆز ئالدىڭىزدىكىنى قەدىرلەشنى ئۈگىنىۋېلىڭ.  ناھايىتى يىراقتىكى گۈزەل كەلگۈسىدىن كۆز ئالدىڭىزدىكى ئەۋزەلدۇر(بىزدە ئەتىكى تۇخۇدىن، بۈگۈنكى تۇخۇم ئەۋزەل. دەيدىغان تەمسىل بار) .  چۈنكى بۇ دۇنيا ئەزەلدىنلا تەڭسىزلىككە تولغان،  كۆپىنچە ئەھۋالدا  دەل سىز ئەڭ ياخشى كۆرگەن،  سىز چوڭ بىلگەن كىشىلەرنىڭ ئالدىدا قەدىرسىزلىنىپ قالىسىز . . .






ھەمشىرەم!  نېمەئىش قىلىۋاتىسىز؟ سىز مۇھەببەتنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيدىغان ساددا،  گۆدەك قىز ئەمەس! چۈشىنىكسىز،  مۈجمەل مۇھەببەت قاينىمىغا ئۆزىڭزنى ئاتماقچىمۇسىز؟  مۇھەببەت بىلەن ئويناشماقچىمۇسىز؟ ئوينىشالامسىز؟ سۆيۈش ۋە ياخشى كۆرۈش ئىككىسى ئىككى ئۇقۇم،  بۇ ئىككى ئىشنى ئارىلاشتۇرىۋەتمەڭ.  ھەممە ئادەم گۈزەللىككە ئىنتىلىدۇ،  بىراق بىر كۆرۈپ قامىتىگە مەپتۇن بولۇپ، ئۆزىڭىزنىمۇ، ئۆزگىنىمۇ ئالدىماڭ.






ھەمشىرەم!  نېمىلەرنى ئويلاۋاتىسىز؟  كىچىك قىزلارغا ئوخشاش كىچە-كۈندۈز ئاق ئاتلىق شاھزدىگە ئېرىشىشنىلا ئويلاۋەرمەڭ،  ئاق ئاتلىقنىڭ ھەممىسى شاھزادە بولۇشى ناتايىن. ئىنسان بولغان ئىكەن كەمچىلىكلەرنىڭ بۇلىشى نۇرمال ئەھۋال. ئۇنىڭ ھاياتىدا بەزى خاتالىقلارنى سادىرقىلىشى ئۇنىڭ يارامسىزلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ.  ئۇنىڭ بەزى تەرەپلىرىنى ياقتۇرغان ئىكەنسىز بەزى كەمچىلىكلىرىنىمۇ قۇبۇل قىلىڭ!  مەسىلىلەرنى چۇڭقۇر ئويلاشنى،  ئارقا-ئالدىنى ئويلىشىپ قەدەم بېسىشنى ئۈگىنىۋىلىڭ.  مۇھەببەتتىن سىرت يەنە سىزنى ئۆزىڭىزگە تايىنىپ قەد كۆتۈرۈپ تۇرغۇزالايدىغان نەرسىنى  ئىزدەپ تېپىڭ .  دۇنيادا مۇھەببەتتىن باشقا يەنە نۇرغۇن گۈزەل نەرسىلەر بار.






ھەمشىرەم! نىمە دەۋاتىسىز؟  ۋاقىتنىڭ بىزلەرگە ئېلىپ كەلگىنى ياشنىڭ چوڭىيىشىلا ئەمەس بەلكى ئەقىل ئىدراكنىڭ قوشۇلىشىدۇر .  سىزنى مۇكەممەل كۆرسىتىدىغىنى گۈزەل چىرايىڭىزمۇ ئەمەس،  قاملاشقان زىلۋا بويىڭىزمۇ ئەمەس بەلكى سىزدىكى ئەدەپ-ئەخلاق،  شەرمى-ھايا،  شۇنداقلا كەم بولسا بولمايدىغان ئەقىل-پاراسەتتۇر .  ئەقىللىق قىز باشقىلارنى قانداق رەت قىلىشنى،  نېمىنى دىيىش نېمىنى دىمەسلىكنى،  قانداق كىشىلەرگە قانداق مۇئامىلە قىلىشنى ياخشى بىلىدۇ.  دائىم ئۆز يىشىڭىزغا ماس كەلمىگەن سۇئاللارنى سورىماڭ،  باشقىلارغا دۆتتەك تەسىر بېرىپ قويىسىز،  ئارتۇقچە ئىشلارغا ئارىلاشماڭ .  ھېسسىيات بىلەن ئەمەس ئەقلىڭىز بىلەن ئىش قىلىشنى ئۈگىنىۋىلىڭ .






ھەمشىرەم ! نىمىگە سەۋىر قىلىۋاتىسىز؟ يىغلىغۇڭىز بولسا ئاۋازىڭىزنى قويۇپ بېرىپ قانغۇچە يىغلىۋىلىڭ.  يىغلاش-ئاجىزلىقنىڭ ئەمەس،  بەلكى بەك قەيسەرلىشىپ كەتكەنلىكنىڭ ئىپادىسىدۇر.  كۆڭلىڭىز يېرىم بولۇپ قالسا بىر بۇلۇڭدا ياكى يوتقىنىڭىزغا چىڭ چۈمكىنىۋىلىپ قاتتىق يىغلىۋىلىڭ.  سىز باشقىلارنىڭ ھېسداشلىق قىلىشىغا مۇھتاج ئەمەسسىز.  يىغلاپ بولغاندىن كىيىن باشقىلارغا ئوخشاش خۇشال ياشاڭ.  ئېسىڭىزدە بولسۇنكى كۆز يېشىڭىزنى سىزنى ئەڭ سۆيىدىغان،  سىزنى ئەڭ قەدىرلەيدىغان كىشىگە،  ئەڭ تاتلىق كۈلكىڭىزنى سىزنى ئەڭ ئازاپلىغان كىشىگە سوۋغا قىلىڭ .






ھەمشىرەم!  سىزگە نىمە لازىم؟  ئامراق نەرسىڭىزگە ئۆزىڭىز تىرىشىپ ئېرىشىڭ.  ھازىرقى دۇنيادا ئاياللارنىڭ مۇلايىم بولىشىدىن ئۆز-ئۆزىگە تايىنىشنى بىلىشى موھىم.  دائىم باشقىلارا يۆلىنىۋالماڭ!  سىز موھتاجلىققا قالغاندا باشقىلارنىڭ ئورنىدىن دەس تۇرۇپ سىزنى قۇتقۇزىشىنىمۇ قەتئىي ئۈمىت قىلماڭ .  بەرىبىر ھېچكىم ھېچكىمنىڭ ھېچكىمى ئەمەس.  ئۆزىڭىزنى سۆيسىڭىز ئۆزىڭىزگە تايىنىشنى ئۈگۈنۈڭ.






ھەمشىرەم ! نىمىگە يۇشۇرنىسىز؟  قېچىپ نەگە بارىسىز؟  ئۆزىنى قاچۇرۇش ئاجىزلىقنىڭ ئىپادىسى .  ئەمەلىيەتكە يۈزلەنمەكتىن باشقا ئامالىڭىز يوق.  مەيلى قانچىلىك ئېچىنىشلىق ئەھۋال يۈز بېرىشىدىن قەتئىي نەزەر سىز جاھىللىق بىلەن شۇنىڭا ئىشىنىڭكى «بۇ پەقەت سۈبھى پەيتىنىڭ ئالدىدىكى قاراڭغۇلۇقتۇر خالاس. »ئەگەر ئىشلار سىزنىڭ ئويلىغىنىڭىزدىكىدەك ئۇنچە ياخشى بولمىسا،  بۇ ئىشلار تېخى ئاخىرلاشمىدى دەپ بىلىڭ.  مەسىلىنى ھەل قىلىشنى، ھەقىقەتكە يۈزلىنىشنى ئۈگىنىڭ.






ھەمشىرەم!  نېمىدىن زېرىكىسىز؟  تۇرمۇش يولى ئەزەلدىن تۈپ-تۈز بولۇپ باقمىغان.   ئازراق ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىسىڭىزلا ئۇنداق ئاسان بەل قويۇۋەتمەڭ.   ھەممە ئىشلار جايىدا ھەل بولۇپ ماڭىدۇ.   شۇڭا ئەرزىمەس ئىشلار ئۈچۈن ئۆزىڭىزنى ئازاپلىماڭ!  قىينىماڭ!  كەيپىياتىڭزنى تەڭشەشنى ئۈگىنىۋىلىڭ!  ھېچكىم سىزگە قەرزدار ئەمەس ،  شۇڭا ئۇششاق ئىشلار ئۈچۈن باشقىلارنىڭ كۆڭلىگە ئازار بەرمەڭ،   بۈگۈندىن باشلاپ بېشىڭىزنى ئېگىز كۆتۈرۈپ مەغرۇر ياشاڭ،   سىزنى ئۆزىڭىزدىن باشقا ھىچكىم سىزدەك سۆيەلمەيدۇ .






ھەمشىرەم! ئۆزىڭىزگە ئىشىنىڭ!  ھەر ۋاقىت ئۆزىڭىزگە مەن ئەڭ ياخشىسىغا ئېرىشتىم دەپ تۇرۇشنى ئۇنۇتماڭ!  دۇنيادا سىزنى ياخشى كۆرىدىغان ھىچكىم قالمىسىمۇ يەنىلا ئۆزىڭىزنى قەدىرلەڭ!  سەمىمىي بولۇڭ!  ئۈمىدسىزلىنىشكە بولىدۇكى ھەرگىزمۇ ئۈمىدنى ئۈزۈشكە بولمايدۇ.  ھەر ۋاقىت شۇنىڭغا ئىشىنىڭكى سىز ھەممىدىن ياراملىقى !

روھچىن قەلب خاتىرسى

http://www.rohqin.com/?p=751

تىمنى مۇنبىرىمىزدىكى بىر توردېشىمغا سوۋغا قىلىمەن


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   saye تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى 17:48  


Rank: 8Rank: 8

توردا
212 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى
نادىر
0
يازما
395

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى 17:17:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەزى تىمىللىرمنى ياقا-يۇرتلاردا سەرگەردان ئۇچۇرتىپ قالدىم. ياقتۇرغانلارنىڭ مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ ئىشلىتىشىنى يامان بەك ئۈمۈت قىلاتتىم.

Rank: 2

توردا
113 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى
نادىر
0
يازما
289
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى 17:46:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ياخشى تېمىكەن ......  ياخشى سۆز ، ياخشى تىلەكلەر .....

كىمگە سوۋغا قىلغانسىز - ھە ..............

ئاندىن بىر نەرسە ئەسكەرتەي ، تېما ئىسمى «ھەشىرەم »بوپ قاپتۇ ......بۇ نىمە گەپكىن دەپ كىرمەستىن تاس قاپتىمەن لۇغەت ئاختۇرغىلى.............

باھا سۆز

روھچىن  پەقەت دىققەت قىلماپتىمەن. كەچۈرۈڭلا! سايە ئەپەندىمگە رەھمەت  يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى 17:55:27
saye  مەن ئۆزگەرتىپ قويدۇم. مانا مۇشۇنداق ئەستايىدىل بولغان ياخشى.  يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى 17:49:30

Rank: 4

توردا
66 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى
نادىر
9
يازما
254
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى 20:35:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۈنۈگۈن بىر دوست ئىنىمىزنىڭ ئۆيىگە بارغان، تويىغا بارالمىغان ئىدۇق، شۇنىڭغا يوقلاپ، مۇبارەكلەپ قويغىلى.
سىڭىلچىقىمىزنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ بىر نەچچە دوستلىرى ۋە خىزمەتداشلىرى تېخىچە توي قىلماپتۇ. قىسقىسى توي قىلالمايۋېتىپتۇ، بەزىلىرىنىڭ يېشى 30 لارغا يېقىنلىشىپ قاپتۇ.  ئايالىمنىڭ بىر ساۋاقدىشى تېخى ئۆتكەن يىلى توي قىلدى، ئايالىم بولسا، 2 بالىغا ئانا، قىزىمىز بىرىنچى سىنىپقا كىردى. ئىشقىلىپ، ئۇ قىزدىمۇ بار، جىق بالىلارنى تۇنۇشتۇرسا، بەك ياقتۇرۇپ كەتمىگەن. رەت قىلغان ئىدى.  بەختى ئېچىلسۇن ھەر بىر قىز-چوكانلارنىڭ.

Rank: 8Rank: 8

توردا
553 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
5
يازما
846

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى 22:19:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
روھچىن يېقىننىڭ ياقى يامان ياخشى ئەسەرلەرنى يازىدىغان بوپ كەتتىيا؟!

ۋاي پۇتۇم!!!!!

مۇنبەر مەسئۇلى

نازارەتچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
575 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
1186

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 5-كۈنى 11:16:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نېمە دىيىشنىغۇ بىلەلمەيلا قالدىم. 26 ياشنىڭ 56 ياشتەكلا ئەقلى باردە.
   نىمانچە ئېسىل يازىدىغان بوپ كېتىۋاتقانسىز ئەمدى، ئىلھاملىرىڭىز ئۇرغۇپ......
دۇنيادا مۇھەببەتتىن باشقا يەنە نۇرغۇن گۈزەل نەرسىلەر بار.
بۇنى ئۆز تۇرمۇشۇمدا قىبلىنامە قىلىپ كەلگىلى نۇرغۇن يىللار بوپ كەتتى............

ناھايىتى ياخشى نورمال كەيپىيات بىلەن ھەممىگە ئەتراپلىق قاراپ، ئۆزىنى ۋە ئۆزگىنى سۆيۈشنى ئۇنۇتمىغان ھالدا ياشاشنىڭ ئۆزىمۇ بىر سەنئەت!!!



سىز سوۋغا قىلغان ئۇ كىشى مۇنبەرگە پات-پات كىرمىسە يا؟؟؟

باھا سۆز

روھچىن  سوۋغا قىلغانلىقىمنى بىلەمسىز ؟ كىمگە  يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 5-كۈنى 15:02:36
ھەر بىر كۈن يېڭى بىر ھايات!

Rank: 3Rank: 3

توردا
227 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى
نادىر
0
يازما
210
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 5-كۈنى 13:20:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىز مەڭگۈ ئۆتمۈشىڭىزگە قايتىپ بارالمايسىز،  شۇڭا ئەسلىمىلىرىڭىزگە ئېسىلىۋالماڭ.  يىپى ئۈزۈلگەن لەگلەك ھامان ئۇچۇپ كېتىدۇ . . .  ئۇنى قويۇپ بەرگىنىڭىز ئەمەلىيەتتە ئۆزىڭىزنى قويۇپ بەرگىنىڭىزدۇر !







مۇھەببەتكە تولسۇن ھايات!

Rank: 1

توردا
46 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 21-كۈنى
نادىر
0
يازما
93
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 5-كۈنى 13:57:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىمىڭىزغا كۆپ تەشەككۈر.26ياشقا كىرىپمۇ مۇھەببەت دىڭىزىدا نىمەقىلىشنى بىلەلمەي،يىقىندىكى ساھىلنى كۆرەلمەي تىڭىرقاپ يۈرگەن مەندەك ياۋا گۈللەرگە ئۈمىد ئىلىپ كەلدى.

生活什么味道,自己放调料

Rank: 8Rank: 8

توردا
212 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى
نادىر
0
يازما
395

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 5-كۈنى 14:58:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەھۋە يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 1-ئاينىڭ 5-كۈنى 11:16
نېمە دىيىشنىغۇ بىلەلمەيلا قالدىم. 26 ياشنىڭ 56 ياشتەكلا  ...

يېشىمنى كىم دەپ بەردى سىزگە؟ خوشنامنىڭ قىزىدەكلا گەپ قىلىسىزغو




مۇنبەر مەسئۇلى

نازارەتچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
575 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
1186

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 5-كۈنى 15:01:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلمەمتىمكى، پىسخكىچى دەپ قوياڭ ماندا...

ھەر بىر كۈن يېڭى بىر ھايات!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى 03:44 , Processed in 0.054580 second(s), 28 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش