غالىپ تۇرسۇن
ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى يىللىق تەكشۈرۈش ۋاقتى يېتىپ كەلدى . بۇ يىلقى تەكشۈرۈش ئۆتكەللىرى ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن قاتتىق بولۇپ ھېچقانداق يوچۇق قالدۇرۇشقا بولمايتى . شىرئەلىنىڭ " سانتانا " ماركىلىق شەخسىي ماشىنىسىنىڭ ئىشلىتىش ۋاقتى ئىككى يىل ئۆتۈپ كەتكەن ئىدى . ئۇ ، بۇ يىل تەكشۈرۈشتىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈۋالسىلا كېلەر يىلى ماشىنىنى يېڭىلاش نىيىتىگە كەلدى .
_ ئاغىنە ، ماشىناڭنى ھېلىمۇ ئىككى يىل تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزۈپ بەردىم ، ئەمدى مېنى تولا تەڭلىك قىلماي مۇنۇ پۇلۇڭنى ئېلىپ كەت ، _ رەت قىلدى تەكشۈرۈش پونكىتىدىكى ئۈلپەتدىشى .
شىرئەلى ئاپارغان پۇلىنى " ئاز بولۇپ قالغان چېغى " دەپ ئويلىدى . ئۇ يېنىدىكى پۇلغا يەنە ئازراق قوشۇپ بەش مىڭ يۈەن قىلىپ ، ئايالى ئارقىلىق ئۈلپەتدىشىنىڭ ئۆيىگە ماڭدۇردى . شىرئەلىنىڭ ئايالى بىلەن ئۈلپەتدىشىنىڭ ئايالى ساۋاقداش ئىدى . شىرئەلىنىڭ ئايالى ساۋاقدىشىنىڭ ئۇنىمىغىنىغا قويماي مىڭ تەسلىكتە پۇلنى ئۇنىڭ قولىغا تۇتقۇزدى .
ماشىنا نۆۋەت كۈتمەيلا تەكشۈرۈشتىن ئوڭۇشلۇق ئۆتتى . شىرئەلى كۆڭلى توق ھالدا ماي تەپكىسىنى بولۇشىغا دەسسەپ يېزا يولىدا ئۇچقاندەك كېتىپ باراتتى . كىم بىلسۇن ، ئالدى تەرەپتىن بىر تەخەي چىقىپ يولنى كېسىپ يۈگۈردى . ماشىنىنىڭ تورمۇزى ئىشلىمىگەنلىكتىن ماشىنا يول ياقىسىدىكى قىيىن دەرىخىگە ئۈسسۈپ شىرئەلى جاندىن ئايرىلدى .
مەنبە: ماكانىم مۇنبىرى