|
سوۋغات پروگراممىسىنىڭ 1-سانى ھۇزۇرىڭلاردا
ئەسسالامۇ ئەلەيكوم يەتتە قىز مۇنبىرىدىكى ھۆرمەتلىك ئېزىزلەر . ھەممىڭلارغا ئاللاھنىڭ سالامى بولسۇن .
يېڭى بىر يىلدا ھەممەيلەننىڭ يېشىغا بىر ياش قۇشۇلدى ، بىر ياش قېرىدۇق . بۇ مۇناسىۋەەت بىلەن ھەممەيلەننىڭ يېڭى يىلىنى مۇبارەكلەيمەن . يېڭى يىلدا ھەممەيلەننىڭ ئائىلىسىگە بەخىت - سائادەت ، تۇرمۇشىغا خۇشاللىق ، خىزمىتىگە ئۇتۇق تىلەيمەن . ئاۋال مۇنبەردىكى بارىلىق دوستلارنىڭ يېڭى يىلىنى مۇبارەكلەپ بارىلىق تورداشلارغا ئابلەت ئابلىكىمنىڭ ساما دېگەن ناخشىسىنى سوۋغات سۈپىتىدە سۇنىمەن .
ئەمدى تورداشلارنىڭ تەلىۋىنى ئۇرۇنلاپ بىرىمىز .
1 .مۇنبىرىمىزنىڭ گىپى چۈچۈك ، ئۆزى ئوڭلۇق ئالىي باسقۇرغۇچىسى قەھۋە خېنىم تور دۇنياسىدىكى تونۇشۇم، مۇڭدىشىم ھەم سىردىشىم، دىيارىمدىكى سۆيۈملۈك "گۈل چۈشى"، يەتتە قىزدىكى "نورۇز ئاي" غا ئاتاپ رەنا مىجىت ئىجراسىدىكى "يۈرىكىم يىغلايدۇ" ناملىق ناخشىنى يېڭى يىللىق سوۋغا سۈپىتىدە تەقدىم ئېتىمەن، شۇنداقلا بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ گۈزەل، ياش تۇرۇشىنى، ئۆمۈرلۈك جۈپتى بىلەن مەڭگۈ بەخىتلىك بولۇشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىت قىلىمەن! دەپ تەلەپ قىپتۇ . قېنى مەرھەممەت
2 . مۇنبىرىمىزنىڭ ئىقتىدارلىق ئالىي باشقۇرغۇچىسى سايە دوستى مەرىمگە : رەشىدە داۋۇت ئىجراسىدىكى ئۇيغۇر قىزى دىگەن ناخشىنى تەلەپ قىلىپ، مەرىمىنىڭ ئەشۇ ياشلىق باھارىدەك ئېچىلىپ، تۇرمۇش ۋە خىزمەت بېسىملىرىغا ئاۋرال تاغلىرىدە مەزمۇت تۇرىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن. دەپتۇ . قېنى ھەممەيلەن بىرلىكتە بەھرى ئالايلى .
ئۇ يەنە ئەركمان بوۋاينىڭ تېنىنىڭ سالامەت، تەرجىمانلىق ئىشلىرىنىڭ بالدۇراق ئاياقلىشىشى، شۇنداقلا " چىن ئېمپىرىيىسى" تەرجىمە ئەسىرىنى كەڭ ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرىگە كۆرىشى ئۈچۈن كۈندۈزنى كېچىگە ئۇلاپ سىڭدۈرۋاتقان ئەجرىگە رەھمەت ئېيتىش يۈزسىدىن ئابدۇقادىر يار ئېلى ئىجراسىدىكى " تەنلىرىم ياپراق" دىگە ناخشىنى سوۋغا قىلىمەن. دەپتۇ . قېنى مەھەممەت .
3 . مۇنبەر مەسئۇلى مەرۋەرى خانىم روھچىننىڭ يېڭى يىلىنى مۇبارەكلەپ ۋە سالامەتلىك ، ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەپ ئابلەت ئابلىكىم ئىجىراسىدىكى تەكلىماكان دېگەن ناخشىنى تەلەپ قىلدى . ھۇزۇرلانغايسىلەر
4. دىلروھ ئۇزىنىڭ يېقىنلىرىدىن ھىلالغا يېڭى يىلىنى تەبرىكلەپ ، ئائىلىسىگە بەخىت تەلەپ تۈۋەندىكى ناخشىنى تەلەپ قىلدى :
5 . دىلروھ يەنە قەھۋە ، مەۋەرى ، ئانار ، جۇلالىق قاتارلىقلارنىڭ يېڭى يىلىنى تەبرىكلەپ ھەم ئائىلىسىگە بەخىت تىلەپ ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ قىرىقتىن ئۆتكەندە دېگەن ناخشىسىنى تەلەپ قىلدى . مەرھەممەت : 6 . مۇنبەر گۈلى قەھۋە . مۇنبەردىكى ئەڭ ئاز كىرىدىغان، مۇزىكىنى سۆيگۈچى دوستۇم مىلودىيەگە:
گەرچە بىللە تۇرغان، ئۇچراشقان ۋاقتىمىز تولىمۇ قىسقا بولغان بولسىمۇ، ئەمما سىز ۋە مىنىڭ بىر-بىرىمىزگە بولغان ھېسسىياتى چوڭقۇر، چىقىشىىپ قالغىنىمىزدىن ئاللىبۇرۇن ئۇزۇن يىللىق دوستلاردەك بولۇپ قالدۇق. چەكسىز رەھمىتىمنى بىلدۈرۈش ھەم بۇ مۇنبەرگە داۋامىلىق كىرىپ، تۇرمۇشنىڭ ئەڭ گۈزەللىكىدىن بىللە بەھىر ئېلىشنى ئۈمىت قىلىش بىلەن بىللە، ئائىلىسىگە ساغلاملىق، بەختىيارلىق تىلەيمەن! ھازىرقىدەك گۈزەل تۇرغايسىز دوستۇم!يېڭى يىلىڭىزغا ئاتاپ پەرغانە ئالىم ئىجراسىدىكى "سەن ۋە مەن" نى تەقدىم قىلىمەن! دەپتۇ قېنى مەرھەممەت .
قەدىرلىك دوستۇم ، قۇلىڭىزنى ماڭە بىرىڭ . دوستلۇق گۈللىرى پورەكلەپ ئېچىلسۇن ، يەتتە قىز مۇنبىرى شاتلىققا تولسۇن! بەزى تەلەپلەرنى ھازىرچى ئورۇنلاشقا ئىمكانىيەت بولمىدى . بەزى تەلەپلەر ئالدىن ئورۇنلانغان بولغاچقا قايتا يوللانمىدى. بۇندىن كىيىن تەلەپلەرنى تۇلۇق ئورۇنلاپ بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىمىز . ئورۇنلىغۇچى ، ناخشا ئىسمى ئېنىق بولماي تېكىستى نەقىل قىلىنغان ناخشىنى تور دۇنياسىدىن ئىزلەپ تېپىشقا ئىمكانىيەت بولمىدى كەچۈرگەيسىلەر . بۇ قېتىمقى سان تۈرلۈك سەۋەپلەر بىلەن كۆڭلۈڭلاردىكىدەك بولمىدى ئەيىپكە بۇيرىماسلىقىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن . 2-ساندىكى تەلەپلەرنى مۇشۇ تېما ئاستىغا ئىنكاس شەكلىدە قالدۇرساق بۇلىدۇ .
|