باش ئەگىم
(نەسىر)
ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر
ئەجەپمۇ ياراشقان بۇ ئىسمىڭ ساڭا ، زاتىغا قاراپ ئېتى بولۇر دېگەندەك ، زۆھرانىڭ ئىشىكىدىن كۈندە مىڭ ئەگىپ ئۆتكەن كەبى ھەر دوقمۇشتا يۈز قېتىپ ئەگىپ ئاقىسەن ، خۇددى كىمنىڭدۇر ئارقىسىدىن يەتمەك بولۇپ قوغلاشقاندەك تاشتىن - تاشقا ئۇرۇلۇپ ، شىددەت بىلەن چاپىسەن ...
نېمە بۇنچىۋالا تەشۋىشتە قالدىڭ ؟
بىرلا قاراپلا بىلدىم ، چېھرىڭدە چوڭقۇر بىر قايغۇنىڭ ، ئاچچىق بىر ئەلەمنىڭ ئىزى بار . خۇددى يىلاندەك تولغىنىشلىرىڭمۇ مەنىسىز ئەمەس ... تاپتايىنلىق ئوبدان بىلىمەنكى ، ئۇ بىر جان ئاچچىقىدۇر ...
ئايدىڭ كېچىلەردە بولسا ، مۇڭلىنىپ ئېيتقان قوشاقلىرىڭ خۇددى قاناتلانغان قۇشلاردەك ئۇچۇپ بېرىپ ، ئالەمنى قاپلار ، ئۇزاقلاردا تۇرۇپ ، بۇ مۇڭلۇق قوشاقلىرىڭنى ئاڭلىغان كىشنىڭ يۈرەك - باغرى خۇددى سىمابتەك تىتىرەر ، ئۇ ئۆزىنى ئۇنتار ؛ يېقىن كەلگەنسېرى ، ھېچ تاقىتى قالماس ، چىداپ تۇرالماي ، مۇڭلىرىڭغا قوشۇلۇپ ، تاھىر ئاققان جىلغىلىرىڭدا كۆز ياشلىرى بىلەن ئاققۇسى كېلەر ...
ئاي ، باش ئەگىم ! دىمىغىڭدىن ھامان بىر ھىجران پۇرىقى پۇرار ، بۇنىڭغا قاراپ ، پەقەت كۆز ياشلىرىم بىلەن كۆمۈلۈپ قالىمەن . سەنچۇ ؟ ھامان ئۆز غېمىڭ بىلەن ... قىلچىلىكمۇ پەرۋا قىلمايسەن ، ئېيتقىغا ، نېمە بۇنچىۋالا دەردلىكسەن ؟ قاچاندىن بېرى شۇنداق مۇڭلۇقسەن ؟
ئەي مۇڭلۇق باش ئەگىم ! ئېيتمىساڭمۇ ئوبدان بىلىمەن نېچۈن غەمكىن ، نېچۈن مۇڭلۇقلۇقىڭنى ......ئەگەر بىلمىسەم دەردىڭگە ئورتاقلاشمىسام ، قاپقارا ۋاپاسىزلىق ، ئۇياتسىزلىق ، توغرىسى خائىنلىق قىلغان بولىمەن ، چۈنكى ، سۆيگۈ ، ۋاپا ، نومۇس ۋە ئەزگۈلۈك سېنىڭ ئۇلۇغلۇقۇڭدىن ، يۈكسەكلىكىڭدىن يارقىن بىر نەمۇنە ئەمەسمىدى ؟ سەن ئەزەلدىن بىزگە شۇنى - سۆيگۈ ، ۋاپا ، نومۇس ۋە ئەزگۈلۈكنى ئۆگەتمىگەنمىدىڭ ؟
سۆيگۈ تۇتقۇنى تاھىر تاغدىن تاشلانغاندا ، سېنىڭ سۈرلۈك قاتتىق ۋە قىلىچتەك ئۆتكۈر تاشلىرىڭ مامۇق بولۇپ قارشى ئالغان ئەمەسمىدى ؟ تاھىرنىڭ ساندۇق بىلەن بىر ئەگمىدە ئۈچ كېچە - كۈندۇز تۇرالىشى سېنىڭ ئەزگۈلۈك ۋە ۋاپادارلىقىڭ ئەمەسمۇ ؟ كىم بىلمەيدۇ تاھىر ساندۇقنىڭ ئىسسىق قوينۇڭدا نەچچە يىللار كۆز قارىچۇقۇڭدەك ئاسرالغىنىنى ! بۇ ، كىمنىڭ قولىدىن كېلىدىغان ئەزگۈلۈك ؟ بۇ ساڭا ۋە << پەرىشتە >> لەرگىلا خاس ئەزگۈلۈك ۋە يۈكسەكلىكتۇر ...
ئەمدىلىكتە بولسا ، دەردلىك كۆزلىرىڭ بىلەن ئېگىز تاغ بېشىغا قارايسەن ؛ ياش ئۈنچىلىرى بىلەن تولغان غەمكىن كۆزلىرىڭنى بىر نەپەسمۇ ئۈزەلمەيسەن .
نېمە كۆرۈنەر ؟
تۇغ قادالغان كونا بىر مازار ... ئۇزاق ئەسىرلەرنىڭ ، ئېغىر يىللارنىڭ ، قارا كۈنلەرنىڭ قانلىق يەكۈنى ...
نە سۆيگۈ ، نە ھايات ، نە تەنتەنە !
بىر جۈپ قىزىلگۈل ئارىسىدا ھامان بىر تال ياۋۇز تىكەننىڭ ئىپلاس ۋە تەكەببۇر گەۋدىسى ياتار ... مانا ، سەن شۇنى كۆرىسەن ، ئوبدان بىلىمەن ، ئۇ ئىپلاس ، تەكەببۇر تىكەننىڭ يىرتقۇچلارچە قىچقارغان ئۆلۈم كۈلكىسى . قۇلىقىڭغا خۇددى نەشتەردەك سانجىلار ... قارا كۈنلەرنىڭ ئۇ بىر جۈپ مەسۇم قۇربانى سېنى قانچە ئاچچىق ھەسرەتكە ، چوڭقۇر مەيۈسلۈككە ، چەكسىز قايغۇغا سالسا ، ئۇلارنىڭ قاتىلى شۇ ئىپلاس تىكەن سېنى شۇنچە تىنچلانسىزلاندۇرار ، غەزەپلەندۈرەر ، كايىتار ... ناھايەت ، ئىنتقام ئۈچۈن قوزغار !
ھەممە دەردىڭ ، ھەممە قايغۇڭ ، ھەممە تەشۋىشىڭ ، ھەممە ئاچچىقىڭ شۇنىڭ ئۈچۈندۇر .
ئەي مەسۈم قۇربانلارنىڭ مازارى ، سۆيگۈ دەرياسى ھەسرەتلىك باش ئەگىم ! ھامان سېنىڭ ئۈستۈڭنى بىر قارا ھىجران تۇمانى باسقان ، سەن شۇنىڭ ئۈچۈن دەردلىنىسەن ، شۇنىڭ ئۈچۈن مۇڭلىنىسەن ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئاچچىقلىنىسەن ، غەزەپلىنىسەن ، ئاچچىقىڭدىن تاشتىن - تاشقا ئۇرۇلۇپ ، ئاپئاق كۆپۈكلەر چاچرىتىسەن ، جان ئاچچىقىڭدىن دېڭىزدەك دولقۇنلىنىپ ، شىردەك ھۇۋلايسەن .
ھەققىڭ بار !
ھەر نېمە قىلماققا ھەققىڭ بار !
يەنە دەردلەن ، يەنە مۇڭلان ، يەنە ئاچچىقلان !
تاشتىن - تاشقا ئۇرۇل ، دولقۇنۇڭ بىلەن كۆتۈرۈل ... يەنە تاش !
تاھىر بىلەن زۆھرانىڭ ياناق كۆزلىرى ھامان ساڭا تىكىلىپ تۇرماقتا . سۆيگۈ ، ۋاپا ، نومۇس ۋە ئەزگۈلۈك ئۈچۈن ئۇلارنىڭ روھىنى يادلان ! تاھىر داستانى بىلەن دولقۇنلان ! ئۇنىڭ ئۈچۈن چەككەن ئەلىمىڭ ، تارتقان دەردىڭ ، جاپا - ئەمگىكىڭ مەڭگۈلۈك راھەت ، مەڭگۈلۈك سائادەت !
<< ... بېشىمغا ھەر بالا كەلسە ،
ئۆزۈڭنىڭ شورى دەڭلار ! >>
1948 - يىلى 27 - يانۋار ، ئۈرۈمچى