يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 434 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 109|ئىنكاس: 4

قەشقەر قىزى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

توردا
155 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى
نادىر
1
يازما
572
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

قەشقەر قىزى


ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر


ئاي جامالىڭنى كۆرۈپ ، ئاينىڭ قىزىكەنغۇ دېدىم ،

نۇر چېچىپ تۇرسا يۈزۈڭ ، كۈننىڭ ئۆزىكەنغۇ دېدىم .


مىڭ جېنىم بولسۇن تەسەددۇق بىر قاراشىڭغا سېنىڭ ،

كۆزلىرىڭنى تاڭ سەھەرنىڭ يۇلتۇزىكەنغۇ دېدىم .


يەلپۈنۈپ تۇرسا چېچىڭ گۈلشەن ئارا كەزگەندە سەن ،

قاينىغان ئالتۇن بۇلاقنىڭ قۇندۇزىكەنغۇ دېدىم .


سۆزلىرىڭ ئاندىن لېزىز ئەنجۇر مىسالى شىرنىلىك ،

نامۇسۇ ئىپپەت بىلەن ۋىجدان سۆزىكەنغۇ دېدىم .


ھەر سەھەر باسقان ئىزىڭدا كۈلسە يۇمران مايسىلار ،

پاھ ، بۇ قىزنىڭ ئىزلىرى بەركەت ئىزىكەنغۇ دېدىم .


ئاخشىمى تالدەك ئېگىلسەڭ كىتابىڭنىڭ ئۈستىگە ،

دەۋرىمىز قىزلىرىنىڭ بەكمۇ ئۇزىكەنغۇ دېدىم .


ھەر ئىشتكەندە سېنىڭ تارىڭ بىلەن ناخشاڭنى مەن ،

سورىماي تاپتىم ئېتىڭ قەشقەر قىزىكەنغۇ دېدىم .


1984 - يىلى 28 - ئاۋغۇست قەشقەر .


ئاپتورنىڭ شېئىرلار توپلىمىدىن ئېلىندى .



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   dilroh تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى 20:13  


ھەركىم قىلسا ئۆزىگە !

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
636 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
4
يازما
2018

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەپ ماۋۇ ناخشىنى ئەمدى قاچانغىچە ئاڭلىۋېتەرمەن، دەھشەت ئامراقمەن بۇ ناخشىغا، يەنە بىر قېتىم قولىڭىزنى ئەكىلىڭە ئوماق ساقام
نېمىشقا ئاپتوماتىك قويغىلى بولمايدىغاندۇ؟ قىسمەتتتتتتتتتتتتتتت

Rank: 4

توردا
155 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى
نادىر
1
يازما
572
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرۋەرى يوللىغان ۋاقتى  2011-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى 20:24
خەپ ماۋۇ ناخشىنى ئەمدى قاچانغىچە ئاڭلىۋېتەرمەن، دەھشە ...

شۇنى بىر دەڭە  نىمىشقا ئاپتوماتىك چىقمايدۇ دەيمەن ؟؟؟؟  

زېرىككىچە ئاڭلاۋېرىڭ ھى ھى  مانا قولۇم ھەدە```


ھەركىم قىلسا ئۆزىگە !

Rank: 3Rank: 3

توردا
53 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
321
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەۋلان مەمتىمىن ئورۇنلىغان خەلىق ناخشىلىرى بىر خىل پەيزى

Rank: 8Rank: 8

توردا
307 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى
نادىر
0
يازما
866

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاھ، بەك ئېسىلدە بۇ ناخشا. ياشلار خەلق ناخشىسى ئېيتسا تېخىمۇ جانلىق چىقىدىكەن.
  مەۋلان مەمتىمىننىڭ ناخشىللىرىنى مەنمۇ ياقتۇرىمەن.

ھەر بىر كۈن يېڭى بىر ھايات!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى 19:16 , Processed in 0.050466 second(s), 19 queries , Eaccelerator On.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش