مەرۋەرى توغرا دەپتۇ. بولسا ھەممە باشقۇرغۇچىلار ئۆزىمىزدىن باشلاپ ئەزالارغا ئۈلگە بولايلى. يېڭى كىرگەن ئەزالارمۇ ئامال بار ئىملاغا ۋە سۈپەتكە دېققەت قىلايلى. شەخسەن مەن ھەر قېتىم تېما كۆرسەم ئىنتايىن توغرا ئىملادا يېزىلغان تېمىدىن شۇنچىلىك ھوزۇرلىنىمەن. پۇچۇركىمۇ ئادەمنىڭ خارەكتىرىنى بەلگىلەپ قويىدىچۇ بەزىدە. ئىملاسى توغرا بولمىغان تېمىلارنى ئېرىنمەي تەھرىرلەيمەن. بەزىدە ئەسكەرتىش بېرىپ قويىمەن. بەلكىم كۆپىنچەيلەن مېنى تولا ئىچىمنى سىقتى، دەپمۇ قالغاندۇ. دېمىسىمۇ تولىراق ئىملاغا دىققەت قىلىڭ، توغرا يېزىڭ دەپ سۆزلەپ قويدۇم. ئەلۋەتتە بۇمۇ مۇنبىرىمىزنىڭ ساغلام، سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈندۇر! توغرا چۈشىنىشىڭلارنى سورايمەن!
يېڭى يىلدا باشقىچە قىياپەت بىلەن قەدەم بېسىپ، مۇنبەر ئۈچۈن تەڭ كۈچ چىقىرايلى!
