مەرۋەرى يوللىغان ۋاقتى 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى 17:02 
مەن بىلمەيدىكەنمەن، بىلىدىغانلار جاۋاپ بەرسۇن، مەنم ...
ئانام موسا پەيغەمبىرىمىز تۇنجى ياسىغان دەيدىغان .. بىر ماتىرىياللاردا كۆرۈپتىكەن
مىلادىدىن بۇرۇنقى 2500 - يىلى مېسوپوتامىئانلار بىلەن قەدىمكى مىسىرلىقلار ياسىغان مارجانلار دۇنيا بويىچە ئەڭ قەدىمقى ئەينەك بويۇم ھېسابلىنىدۇ. ئەڭ بۇرۇنقى ئەينەك ئىشقار(ناترىي كاربونات)بىلەن قۇم(سىلتسىي تۆت ئوكسىدى)نى قوشۇپ ئالدى بىلەن يۇقۇرى ھارارەتتە قىزدۇرۇپ ئېرىتىش، ئاندىن سۇۋۇتۇش ئارقىلىق ياسالغان. 4000 يىلدىن ئارتۇقراق ۋاقىتتىن بۇيان، ئەينەكنىڭ ماتېرىيالى ۋە ياسىلىشى تېخنىكىسىدا زور ئىسلاھاتلار بولدى. بۇنىڭ بىلەن ئەينەك بۇيۇملار ئىنسانلارنىڭ تۇمۇشى، مەدەنىيىتى، سەنئىتىگە، شۇنداقلا يېقىنقى ۋە ھازىرقى زامان سانائىتىگە كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتتى.
ئەينەكچىلىك تېخنىكىسى قەدىمكى مەدەنىيەتنىڭ ۋەكىللىرىدىن بولمىش بابىلۇن ۋە مىسىردا كەشىپ قىلىنغان. مىسىر ۋە بابىلۇندىكى نەچچە مىڭ يىل بۇرۇنقى قەدىمكى قەبرىلەردىن قېزىۋېلىنغان ئەينەك بۇيۇملار بۇنىڭ ئىسپاتى. لېكىن، قەدىمكى ئەينەكلەرنىڭ ھەممىسى رەڭلىك بولۇپ، تىنىق ئەينەكلەردىن ئەمەس. ئۇنداقتا، قەدىمكى بابىلۇنلۇقلار بىلەن مىسىرلىقلا زادى نېمە ئۈچۈن ئەينەكچىلىك تېخنىكىسىنى ھەممىدىن بۇرۇن كەشىپ قىلالىغان؟ چۈنكى قەدىمكى مىسىر ۋە بابىلۇنننىڭ بىر قىسىم كۆل بويلىرىدا تەبىئىي ئىشقار)ناترىي كاربونات(بار بولۇپ، كىشىلەر ساپال ياساش داۋامىدا، ئىشقار بىلەن قۇمنى قوشۇپ يۇقۇرى ھارارەتتە ئېرىتىپ، ئاندىن سۇۋۇتسا ناھايىتى چىرايلىق، ھەم سىلىق بىر نەرسىگە ئايلىنىدىغانلىقىنى تۇيۇقسىز بايقاپ قالغان. تەخمىنەن مىلادىدىن بۇرۇنقى200 - يىلى قەدىمكى بابىلۇنلۇقلار تۇنجى قېتىم ئەينەك گورېلكا ئىشلىتىشكە باشلىغان؛ كېيىن ئەينەك گورېلكا ياساش تېخنىكىسىنى ئۆگەنگەن. رىملىقلار بىلەن مىسىرلىقلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى ھۈنىرى كاتتا بولغاچقا، ئوكسىدلانغان مېتالدىن رەڭ ماددىسى ئېلىپ، شۇ ئارقىلىق خىلمۇخىل رەڭلىك ئەينەكلەرنى ياساپ چىققان. مىسالەن، كونستانتىن - 1 زامانىسىدىكى رىمدا ياسالغان قاپارتما نەقىشلىك ئەينەك لوڭقا - پورتلان لوڭقىسى، ئەينەك بۇيۇملار ئىچىدىكى نادىر ئەسەر ھېسابلىنىدۇ.
ئوتتۇرا ئەسىردە ئەينەك ، كۆڭۈل ئېچىش ، دۇربۇن، كۆزەينەك قاتارلىق ئاددى تۇرمۇش بۇيۇملىرىغىلا ئىشلىتىلگەن ئىدى.
20 - ئەسىردىن بۇيان، ئەينەكچىلىك زامانىۋى سانائەتنىڭ مۇھىم بىر تەركىبىي قىسىمىغا ئايلاندى. 20 - ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىكى ئەينەكلەر ئاساسەن ناترىي - كالتسىيلىق ئەينەكلەر بولغاچقا، ئومۇمەن دېرىزىگە ئىشلىتىلەتتى؛ ئىسسىق ياكى سوغۇقتا ئاسان چاك كېتىدىغان بولغاچقا، خىمىيىلىك ئەسۋابلارنى ياساشقا باب كەلمەيتتى، لىنزا ياساشقا تېخىمۇ بولمايتتى. 1915 - يىلى ئامېرىكا ئىلىم - پەن ئەينەكچىلىك شىركىتى بور ئەينەكنى ياساپ چىقتى. بۇ خىل ئەينەكنىڭ كېڭىيىش كوئېففىتسېنتى ناترىي - كالتسىيىلىق ئەينەكنىڭكىدىن كىچىك بولغاچقا، 200 گرادۇسلۇق ھارارەتتە قىزدۇرغاندىن كېيىن، دارھال 20 گرادۇسلۇق سۇغا سالسىمۇ ئېتىلىپ كەتمەيتتى. شۇنداق قىلىپ، بور ئەينەك ناھايىتى تېزلا خىمىيە سانائىتىدە ئىشلىتىلىدىغان مۇھىم ئەينەك ماتېرىيالدىن بولۇپ قالدى.
20 - ئەسىرنىڭ 60 - يىللىرى نۇر سۇندۇرۇشچانلىغى تۆۋەن فتور فوسفوناتلىق ئەينەك، 20 - ئەسىرنىڭ 70 - يىللىرى نۇر سۇندۇرۇشچانلىغى يۇقۇرى گېرمانىي ئوكسىد ۋە تېللور ئوكسىدلىق ئەينەك تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىلدى. بۇ يېڭى تىپتىكى ئوپتىك ئەينەكلەرنىڭ بارلىققا كېلىشى يېڭى تېخنىكىلەرنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا باب كېلەتتى. نۇر سۈزگۈچى ئەينەكنىڭ قانۇنىيىتى ئېچىپ بېرىلگەندىن كېيىن، نۇر تاسقاش ئەينىكى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىلدى. رەڭ ئۆزگەرتىش ئەينىكى فوتوتتروپىزم قائىدىسىگە ئاساسەن ياسالغان بولۇپ، ئۇ نۇرنىڭ كۈچلۈك ئاجىزلىقىغا ئاساسەن قېنىق - سۇسلۇقى ئوخشاش بولمىغان رەڭنى پەيدا قىلىدىغانلىقى ئۈچۈن، كۆزنى ئاسراش رولىنى ئوينايدۇ.
ئەينەك تالا - 20 - ئەسىرنىڭ 30 - يىللىرى دۇنياغا كەلگەن يېڭى مەھسۇلات، ئەينەك تالا يۇقۇرى ھارارەت ۋە چىرىتىشكە چىداملىقلىقى، ھەم ئىزولياتسىيىلەش ۋە ئىسسىقنى توسۇش خۇسۇسىيىتى بىلەن گېنراتور، مېتاللورگىيە، بىناكارلىق، قاتناش ۋە دۆلەت مۇداپىئەسىدە ئومۇملاشماقتا. مىسالەن، ئامېرىكىنىڭ «ئاپوللو»بەلگىلىك ئالەم كېمىسىدىكى ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ كىيىمى دەل ئەينەك تالا بىلەن باشقا ماتېرىياللارنىڭ بىرىكمىسىدىن ئىشلەنگەن. ئەينەك تالا كۆپىنچە ھاللاردا بىرىكمە ماتېرىياللارنى مۇستەھكەملەيدىغان ماتېرىيال سۈپىتىدە ئىشلىتىلىدۇ. مىسالەن، مۇستەھكەملەنگەن بالۇن، تۇربا، پۇختا ۋە يېنىك قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى قاتارلىقلار ئەينەك تالانىڭ ياردىمىدە بارلىققا كەلگەن.
20 - ئەسىرنىڭ 60 - يىللىرى لازىر تېخنىكىسىدىنىڭ دۇنياغا كېلىشىگە ئەگىشىپ پەيدا بولغان ئوپتىك تالا، ئەينەك تالادىن پايدىلىنىشتا قولغا كەلتۈرۈلگەن ئەڭ يارقىن مۇۋەپپەقىيەت ھىسابلىنىدۇ. ئوپتىك تالا قانچە ساپ بولسا يورۇقلۇق ئېنېرگىيىسىنى خورىتىشچانلىقى شۇنچە تۆۋەن بۇلۇشتەك پەۋقۇلئاددە ئالاھىدىلىكى بىلەن ئېلېكتىرونىكا، ئوپكتىكا، خەۋەرلىشىش، گولوگراممىلىق فوتوگرافىيە، يادرو فىزىكىسى، ئاپتوماتىك تىزگىنلەش ۋە داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى قاتارلىقلاردا ناھايىتى تېزلا ئومۇملاشتى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا dilroh تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى 00:51