يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 597 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 245|ئىنكاس: 9

(قەھۋە)روھچىندىن ئىلھام ئالدىم... [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مۇنبەر مەسئۇلى

نازارەتچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
381 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
1014

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى 11:36:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنبىرىمىزدە كەمىنىنىڭ ”بۈگۈن ئاخشام“  تېمىسىغا يولداش روھچىن بىر ئىنكاس يېزىپتىكەن، بىرىنچى قېتىم بىر ئوقۇپلا چىقىپ كەتتىم، بۈگۈن تەپسىلى ئوقۇپ چىقتىم. ئىنكاستا يازغانلىرى بەكمۇ ئورۇنلۇق، ھەقىقەتەن توغرا، دېگەن خۇلاسىگە كېلىپ ئولتۇرۇپ، ئۇزۇندىن بېرى يېزىشىنى ئويلاپ كېلىۋاتقان، ئەمما يېزىپ بولالمىغان بىر كۆڭۈل سۆزۈم بار ئىدى، شۇنى تۆكۈشنى خىيال قىلىپ قالدىم. كاللامغا نۇرغۇن نەرسىلەر كەچتى.......
   مەن مۇشۇ ئۆمرۈمگە كېلىپ نۇرغۇن ئىشلارنى كۆرۈپتىمەن، نۇرغۇن ئادەملەر بىلەن ئۇچرىشىپتىمەن. ھاياتىمدا خۇشاللىقمۇ بار، خاپىلىقمۇ بار. ئېرىشكىنىممۇ بولدى، يوقاتقىنىممۇ بولدى، ئەمما يوقاتقىنىمدىن ئېرىشكىنىم كۆپرەك. ھەر ھالدا خۇداغا يۈزمىڭ شۈكرىلەر ئېيتىمەن! ھەمدە ئاتا- ئانامغا!
   ئالدىراپ بىرەرسىگە قول قويۇپ ياكى قايىل بولمايدىغان مىجەزىم بار، ئەمما بۇ مەرۋەرى_پەرىدەگە شۇنچىلىك قايىل بولىمەن ھەم قول قويىمەن. دەسلەپتە ھەجەپ جاپاغا قالدىمۇ قانداق، دەپ ئويلىغان ئىدىم، كېيىن  پاراڭلىشىش ھەم كۈزىتىش جەريانىدا ھەقىقى چۈشەندىم. تۇرمۇشتىكى تۇتقان يولىغا قول قويدۇم. ئەسلىدە ئادەم دېگەن ئېرىشىشنىلا ئويلاپ، قۇربان بېرىشتىن قاچسا توغرا بولمايدىكەن. شەخشەن مەن شۇنداق ئۆتكەن بىر زامان، بۇ بەلكىم مېنىڭ ھەددىدىن زىيادە غايىۋىلىققا ئىنتىلىشىمدىن، رېئاللىقتىن يىراقلاپ كەتكىنىمدىن بولۇشى مۇمكىن، دەپ ئويلىدىم. مانا پەرىدە خانىم ئۆز تۇرمۇشىدا شۇنچىلىك جاپا- مۇشەققەتلەر ئالدىدا باش ئەگمەي، قەددىنى رۇسلاپ، يىقىلغان جايىدىن دەس تۇرۇپ ھازىرقىدەك ناھايىتى مۇقىم، بەخىتلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتى، بەرپا قىلدى. ئەلۋەتتە بۇنىڭدا قىسمەت_ئەمەتجان ئەپەندىنىڭ تەڭ ماسلىشىپ بېرىشى ھەم قوللىشى، ئوخشاشلا قۇربان بېرىشىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. شۇنىڭدەك بۇلارنىڭ نەچچە يىللىق ھايات مۇساپىسى ۋە كەچۈرمىشلىرى ماڭا چەكسىز ئىلھام ھەم مەدەت بولدى دېسەممۇ بولىدۇ. بالا تەربىيلەش ۋە ئۇلارغا باش بولۇش جەھەتتىمۇ ناھايىتى كۆپ قۇربانلىقلارنى بەرگەن. ھازىر بالىلىرى شۇنداق ياخشى شارائىتتا ئەتراپلىق تەربىيلىنىۋېتىپتۇ. ئەلۋەتتە ئۈرۈمچىدەك جىددى تۇرمۇش ۋە خىزمەت قىلىش شارائىتىدا، ھازىرقى بىر بالىنى ئارانلا بېقىپ، يەنە تېخى شۇنداق جاپا-مۇشەققەتتە تەربىيلەپ قاتارغا قوشۇشتەك جىددى ۋەزىيەتتە بۇلارنىڭ 3 بالىنى بېقىپ، جايى- جايىدا ئېلىپ ماڭالىشى ئۇلارغا ئاسانغا توختىمىدى. ھەمدە بىر ياش ئەر-خوتۇنلارغا نىسبەتەن ئاسانغا چۈشمەيدۇ. ھەر قېتىم تۇرمۇشۇمدا بىرەر ئوڭۇشسىزلىقلارغا ئۇچرىسام ياكى ئوغلۇمنى تەربىيلەش جەھەتتە بېشىم قېتىپ قالسا پەرىدەنىڭ زىيارەت سۆزىنى ئەسكە ئالىمەن، بەكمۇ قەيسەر ئايال، ئۇنىڭدىن كۆرە ”چېكىدىن ئاشقان سەۋىرچان“ دېسەم توغرا بولىدىغاندەك قىلىدۇ. چەكسىز سەۋىرچانلىقى مەندەك ئىتتىك مىجەز، ئاسان ئاچچىقلىنىدىغان ئايالنى قايىل  قىلدى، تەدرىجى ئۆزۈمنى تۇتىۋالاي، ئېرىشىش ئۈچۈن قۇربانلىق بېرىش، بەدەل تۆلەش كېرەك، دەپ ئۆزۈمگە مەدەت قىلدىم. ئەلۋەتتە تۇرمۇشۇمدا ئاپامدىن ئىبارەت ئەڭ يېقىن دوستۇم ھەم سىردىشىمنىڭ بولۇشىنى ھازىرقى بەخىتلىك تۇرمۇشۇمنىڭ بارلىققا كېلىشىدىن ئايرىپ قارىيالمايمەن!  
   سۆزلىسەم يەنىلا مەرۋەرىگە ئىچ-ئىچىمدىن قايىل بولىمەن، ئەڭ دەسلەپتە كاللامغا كەلگەن ئوي، ”بۇ ھەدىمىزنىڭ ئائىلە تەربىيسى ئىنتايىن ياخشى، ئەتراپلىق تەربىيلەنگەنلىكى“.  
   ئۆزۈمچە بۇلارنى سۆزلىگۈم كەپ قالدى، بىۋاستە ھېچ ئىشتىن ھېچ ئىش يوقلا سۆزلىگىلى بولمايدىكەن. شۇنداق بىر نۆرىتى كەلگەندە دېيىلىدىكەن، روھچىننىڭ ئىلھامىغا ئىلھام قوشقۇم كەلدى.
  بۇلارغا چىن دىلىمدىن بەخىت تىلەيمەن!

psbCAYMVVM2.jpg


ھەر بىر كۈن يېڭى بىر ھايات!

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
687 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 23-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2090

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى 12:15:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللا، ئاللا قەھۋە ~ بۇنداق ماختاشلارغا لايىق ئەمەستىم، رەھمەت سىزگە! مېنىڭ ئۆزۈم دىمەتلىك كۆزگە كۆرۈنگەن بىر يازغۇچى دوستۇم بولىدىغان ‹ ئىلى تىببىي مەكتىبى› دە تۆت يىل  بىللە ئوقۇپ، نۇرغۇن ئىسسىق سوغۇقلارنى بېشىمىزدىن بىللە ئۆتكۈزگەن، شۇ دوستۇمنىڭ مۇنۇ بىر ئېغىز گېپى ماڭا بەك تەسىر قىلغان.
‹ تۇرمۇش › دېگەن ئەسلى‹ تۈر+مۇش› دېگەن سوزنىڭ بىرىكمىسى، سەن مۇشتۇمىڭنى چىڭ تۈرەلىسەڭ ئاندىن تۇرمۇشتىن ئېرىشىشكە تېگىشلىك بولغان نەرسىلەرگە ئېرىشەلەيسەن.
شۇنداق ئىكەن، مۇشتۇم قانچە چىڭ تۈرۈلسە ئادەمنىڭ ھاياتقا، تۇرمۇشقا بولغان ئىشەنچىسى ھەسسىلەپ ئاشىدىكەن، گەرچە مەن بىرىنچى تۇرمۇشۇمدىمۇ مۇشتۇمۇمنى چىڭ تۈرگەن بولساممۇ، ئەمما ئۆزۈم ئويلىغان نەتىجىگە ئېرىشەلمىدىم، بۇنىڭدىن بىر ئۆمۈر ئۆكۈنىمەن، شۇ سەۋەپتىن ئۈچ قىزىمنىڭ كەلگۈسىدە بىزدەك نەتىجىسىز تۇرمۇشلارنىڭ قۇربانى بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن، بىز ئىككى ئانىسى قىلالمىغان ئىشلارنى قىلىپ، كەلگۈسىدە تېخىمۇ ياراملىق بىر ئانا بولۇشى ئۈچۈن قىسمەت ئىككەيلەن تىرىشىمىز، تىرىشىۋاتىمىز، ئاللاھتىن شۇ ئەمگىكىمىزگە لايىق ئەجىرنى بېرىشىنى كېچە- كۈندۈز تىلەيمەن!
ئاخىرىدا ماڭا ياخشى تىلەك تىلىگەن، مەدەتلەرنى بەرگەن ۋە بېرىۋاتقان بارلىق دوستلارغا چىن قەلبىمدىن تەشەككۈرىمنى بىلدۈرىمەن! رەھمەت سىلەرگە! بەخت ئامەت ھەممىمىزگە يار بولسۇن!

Rank: 4

توردا
201 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى
نادىر
0
يازما
691
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى 16:57:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي قەھۋە ھەدە بوش ماختاڭ ئۇچۇپ كېتىدۇ مەرۋەرى ھەدەم بىكار```   مۇشتۇمۇڭىزنى داۋاملىق چىڭ تۇرۇڭ مەرەم ھەدە ھە`````

ھەركىم قىلسا ئۆزىگە !

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
687 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 23-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2090

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى 18:03:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
dilroh يوللىغان ۋاقتى  2011-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى 16:57
ھەي قەھۋە ھەدە بوش ماختاڭ ئۇچۇپ كېتىدۇ مەرۋەرى ھەدەم ب ...

ماقۇل ئۇكام!
مۇشتۇمۇمنى چوقۇم چىڭ تۈرىمەن

Rank: 8Rank: 8

توردا
189 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى
نادىر
0
يازما
333

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى 19:39:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرۋەرى ھەدەمگە كۆپ جاپا تارتىپسىز دىسەم«ھەدىڭىزنىڭ چاچلىرى قاپ-قارا ئىدى تۇمۇشنى مۇشۇنچىلىك قىلىپ بولغىچە چىكەمدە ئاق چاچلار پەيدا بولدى. لېكىن، مەن رازى ھەم خۇشال» دىگەنتى شۇ گىپى ئورناپلا قاپتۇ. تۇرمۇش توغۇرسىدا گەپ بولسىلا شۇگەپ  ئىسىمگە كىچىدۇ.
تۇرمۇشقا بولغان يەڭگىلتەكلىك ئەر-ئايالغىلا ئەمەس پەرزەنت،  جەمىيەتكىمۇ چوڭ زىيان سالىدىكەن. ئەمما تۇرمۇشنى ھەقىقى مەنىسىدىن چۈشۈنۈپ، مۇشنىڭ بېسىمىغا چىداپ تۇرالايدىغان ، ۋە ئۇنى كۆنترول قىلالايدىغان قىز- ئاياللار ئاز ئۇچىرايدىكەن.
بىزدە قىز-ئاياللارنىڭ تەربىيسىنىڭ نەقەدەر ئىتىبارسىز قېلىۋاتلىقىدىن بولسا كېرەك.
ئەلۋەتتە بۇلارنى قىسمەتكامدىنمۇ ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. دەرەخ ھەرقانچە چوڭ بولسىمۇ يىلتىزىغا سۇ بارمىسا كۆكلىمىگەندەك .
بۇ بىر جۈپلەرگە ۋە بەخىتلىك ئائىلىگە كۆزتەگمىگەي ئىلاھىم

Rank: 8Rank: 8

توردا
189 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى
نادىر
0
يازما
333

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى 19:45:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

Rank: 4

توردا
63 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
3
يازما
433
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى 09:44:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇرمۇش ئىككى تەرەپنىڭ بىر- بىرىنى چۈشىنىشى، بىر- بىرىگە ئىشىنىشى بەدىلىگە ھەقىقىي مەنىسىنى تاپىدۇ.
مەيلى تۇنجى قېتىملىق تۇرمۇش بولسۇن، مەيلى ئىككىنچى قېتىملىق تۇرمۇش بولسۇن ئەر- ئايالدا قۇربان بېرىش، بەدەل تۆلەش، كەڭ قورساقلىق، ئەپۇچانلىق بولمايدىكەن، قانچىلىق مال- دۇنياسى، ھوقۇقى بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر بۇ تۇرمۇش بەئەينى دوزاققا ئوخشايدۇ، ئائىلە ئەزالىرى بۇنداق تۇرمۇشتىن بەخت ھېس قىلالمايدۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   دىلەيسەم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى 09:45  


باھاسى بار ئايالنىڭ قىممىتى بولمايدۇ،
قىممىتى بار ئايالنىڭ باھاسى بولمايدۇ.

Rank: 1

توردا
5 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى
نادىر
0
يازما
27
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى 19:24:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەھۋە، ئىككىيلەن تۇرمۇش توغۇرلۇق سۆزلىشىپ باقمىغىلى بەك ئۇزۇن بوپتۇ ھە! مۇشۇ خىزمەت دەپ ئالدىراشلا بولۇپ كەتتۇق! سىز ئۆزىڭىزنىڭ غايىۋىلىشىپ كەتكەنلىكىڭىزنى ئاخىر ھېس قىلىپىسىز ھە! بەك ياخشى بوپتۇ،كۆز قارىشىڭىزغا قوشۇلىمەن!
پىنھاندىن يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرىدىكى بارلىق قىزلارغا ئوتلۇق سالام، قەھۋە بىرقانچە قېتىم تەكلىپ قىلغان بولسىمۇ تۈگىمەس ئالدىراش خىزمەت سەۋەبى بىلەن كىرىپ بولالمىغان ئىدىم، ئەمدى ئۇ ئىشلاردىن قۇتۇلۇش ئالدىدا تۇرىمەن، ئىنشائاللاھ! ئەمدى دائىم كىرىپ، ھەرقايسى ھەمىشىرىلەر بىلەن ھەمسۆھبەتتە بولۇپ، مەنىۋىيىتىمنى بېيىتىشقا تىرىشىمەن!

Rank: 8Rank: 8

توردا
50 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 21-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
121

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى 19:50:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئىككى ئاكا - ھەدىلەرنىڭ زىيارەت خاتىرسىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن شۇنداق قايىل بولدۇم ، ئۇلارغا چىن كۆڭلۇمدىن قول قويدۇم . ھازىرمۇ شۇ زىيارەت خاتىرسىنى پات - پات ئاڭلاپ تۇرمەن . بۇ ئىككەيلەنگە چەكسىز بەخىت تىلەيمەن .

Rank: 4

توردا
65 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى
نادىر
9
يازما
235
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى 16:42:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەرزەنت ئۈچۈن، ئائىلە ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان، تىرمىشىۋاتقان بارلىق ئانىلارغا، ھەمشىرىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە ئېھسانى بولسۇن.
مەرۋەرى،سىزگە خۇشاللىق تىلەيمەن. سىزگە بەخت- سائادەت تىلەيمەن. شۇنداقلا،مۇنبەردىكى بارلىق چوڭ كىچىك ھەدە-سىڭىللارغا بەخت-سائادەت تىلەيمەن.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى 03:33 , Processed in 0.088442 second(s), 21 queries , Eaccelerator On.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش