يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1919 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 2164|نەقىل: 24

ئۈرۈمچىدىكى «ئىپپەت بازىرى» [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مۇنبەر مەسئۇلى

مۇنبەر تېخنىكى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
875 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 19-كۈنى
نادىر
0
يازما
160

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى 23:31:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

      - قانچە پۇل؟
      - 100 كوي.
      - 30 كوي بېرەيما؟
      - كەم بولا.
      - ماقۇل دېسىلە!
      - كەم دەپ قويدىلا.
      - ماقۇل، 10 كوي قوشاي.
      - نېمانداق كۆزى كىچىك ئادەم سىلى، ئوبدانراق باھا قويسىلا!
       - 40 كويغا ماقۇل دېسىلە، چۆپقەت بولۇپ قالىمىز دەيمەن!
      - بوپتۇ، 50 كوي بەرسىلە!
      - ماقۇلە، ئالدىلىرىغا كەپتىمەن، قۇرۇق كەتمەي، ماڭسىلا!
      يۇقىرىقى دىيالوگلارنى ئوقۇپ كۆز ئالدىڭىزغا قايناق بىر بازار كەلدى، شۇ بازاردىكى ئالارمەن-ساتارمەننىڭ تۈكۈرۈكلىرىنى چاچرىتىپ تۇرۇپ سودا قىلىشلىرى كۆرگەندەك بولدىڭىز، شۇنداققۇ دەيمەن!؟
      راست ، ئۈرۈمچىدە شۇنداق بىر «كەچلىك بازار» بار. قاش قارايغان مەزگىلدە بۇ «كەچلىك بازار» ۋاژىلداپ قايناشقا باشلايدۇ.
      راست ، بۇ «كەچلىك بازار» ھەقىقەتەن قايناق، بۇ يەردىكى نەچچە «تىجارەتچى» شۇ نەچچە ئېغىز گېپى، كېيىنكى «ئەمگىكى» بىلەن خېلى ئوبدان «سودا» قىلىدۇ.
      بۇ جاينىڭ يېنىدا ئۈرۈمچىدىكى ئايال زاتى ھاياتىدا بىرەر قېتىمدىن يېتىپ چىقىدىغان داڭلىق بىر دوختۇرخانا بار. ئاياللىرىنى دوختۇرخانىغا ئەكىرگەن «ئەركەكلەر» بانكىغا پۇلغا چىقىپ قايتىشىدا، بۇ بازارغا ئىلىنىشىپ قالىدۇ، يۇقىرىقىدەك بىردەم باھا تالاشقاندىن كېيىن، ئېسىدە يوق باشقا «دوختۇرخانا»لارغا كېتىپ قېلىشىدۇ. ئايالى بايقۇش ئۆزىنىڭ كېسىلى يەتمىگەندەك، تاغدەك يۆلەنچۈكۈم دەپ قارايدىغان، ئەمەلىيەتتە ئەر ئەمەس بىر پىيەنچۈكنىڭ غېمىنى يەپ كېچىچە كىرپىك قاقماي چىقىدۇ.
      بۇ «كەچلىك بازار» باشقا بازارلارغا ئوخشىغان بولسا، بۇ يازمىنى يېزىشنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى، ئەلۋەتتە.
      ئۇنداقتا بۇ يەردە نېمە سودىسى بولىدۇ؟ خەير، گەپنى چىقارغاندىكىن ئاخىرىنى چۈشۈرمەي بولمىدى. ئىپپەت سودىسى بولىدۇ قېرىنداشلار، ئىپپەت سودىسى! شۇنداق، مەيدىسىدە ئەركەك تۈكى يوق ناكەسلەر بىلەن ئاياللىق نازاكىتىنى، ھاياتتىن قىممەت ئىپپىتىنى 30-40 يۈەنگە ساتىدىغان پەسلەر ئوتتۇرىسىدا ئىپپەت سودىسى بولىدۇ.
      ئۈرۈمچىدە نەچچە يىل شۇ جاينى بىلمەي ياشاپتىمەن. قارىغاندا «مەنىسىز» ياشىغاندەك قىلىمەن.
      شۇ تاپتا خوتۇننىڭ كۆزىنى غەلەت قىلىپ، «كەچلىك بازار»غا بېرىپ كەلگۈم كېلىۋاتىدۇ. سىزنىڭ شۇنداق قىلغۇڭىز كەلمىدىما ئەركەك؟
      قېنى يۈرىكىنى تۇتۇپ تۇرۇپ «ئىشىڭنى قىل، قىسمەت» دېيەلەيدىغان ئەركەكتىن نەچچىسى بار ئارىمىزدا؟
      شۇ بازارغا بېرىپ ئاۋۇلارغا تەربىيە قىلىپ ئۆزگەرتەلمىگەن، ئۇلارنى شۇ يولدىن تارتىشقا ھەرىكەت قىلالمىغان تۇرۇپ مېنى تىللاۋاتامسىز؟
      قېنى ئۆزىمىزنى تارازىغا سېلىپ باقايلى، ئەركەكلەر! ئەركەكلىك غۇرۇرىمىز، يىگىتلىكىمىز تارازىنى باسالامدىكىن؟
      ئەينى يىللىرى زۇڭلى جۇئېنلەي «جۇڭگودا پاھىشە يوق» دەپ مەيدىسىگە مۇشتلىيالىغان ئىكەن.
      بۇ يازمىنى ئوقۇۋاتقان ئوقۇرمەن، سىزدىن سوراپ باقاي: «مېنىڭ مەھەللەمدە پاھىشىۋاز يوق، پاھىشە يوق» دەپ يۈرەكلىك ئېيتالامسىز؟

      ئاپتورى: قىسمەت
      مەنبە: http://www.qismet.me
      يازما مەنزىلى: http://www.qismet.me/ippet.html


«قىسمەت» لىرىمگە كۈلمە بۇرادەر، ھەممە ئىشقا «يەتتە قىز» گۇۋاھ !

Rank: 1

توردا
10 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 9-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى
نادىر
0
يازما
66
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 26-كۈنى 00:02:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارىكاللا قىسمەت ئەپەندىم!
بۇ بازارنى بىر تەرەپ قىلىدىغان ھۆكىمەت يوقمىدۇ دەپ كېتىمەن، ئۇ كوچىدىن قاش قارايغان ۋاقىتتا ئۆتۈش مۆمكىن ئەمەس، بىلىپ- بىلمەي شۇنداق قەدەم ئالدىڭىزمۇ بولدى يېنىڭىزدا بىر نەچچە ناكەس پەيدا بولۇپ سەت ھىجىيىشقا باشلايدۇ، بۇ ناكەسلەر تەپ تارتماي شۇ كوچىدىكى ھەممىسى بىلەن سودىلىشىدىكەن تېخى... ۋاي بولدىلا بۇ يەردە قاينىغان بىكار جۇمۇ:Q

Rank: 3Rank: 3

توردا
766 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 7-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
1416

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 26-كۈنى 11:07:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمانداق ئادەمنىڭ ئىچىنى قاينىتىدىغان گەپلەر، ئىشلار بۇ! ئۇلۇغ ئاللا، كۆرۈپ تۇرىۋاتقاندۇ، ئاشۇلارنىڭمۇ جازالىنىدىغان چېغى كېلەر ھە، ئەمما قاچان؟ جازا مۇددىتى توشقۇچە قانچىلىغان «ئەركەكلەر» بۇزۇلۇپ، قانچىلىغان«گۈزەللەر» پايخان بولۇپ كېتەر.....................
  ئۇيغۇر جەمئىيىتى، ئۇيغۇر مىللىتى. دۇنياغا داڭ كەتكەن مىللەتنىڭ بۈگۈنى ھەجەپ ئېچىنىشلىق بولۇۋاتىدۇ دېسە، ئەتىسى قانداق بولۇپ كېتەر؟؟؟ پەقەت كۆز يەتمەيدۇ...
  نېمىشقا بۇنىڭدەك ئىشلارغا قانۇن بولمايدۇ؟ بۇ سوتسىيالىستىك جەمئىيەتقۇ؟ ئۇنداقلارغا تەربىيە قىلسىڭىز تۇرمۇش خىراجىتىمنى سەن بېرەمتىڭ، مېنى باقامتىڭ؟ دەيدىكەن دەپ ئاڭلىغان، توۋا..........

كۆڭلىگە ئىنساب بەرسۇن! ھازىر خۇداغا قويۇپ قويماقتىن باشقا ئامال يوق ئوخشايدۇ...

ھەر بىر كۈن يېڭى بىر ھايات!

Rank: 1

توردا
91 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى
نادىر
0
يازما
338
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 26-كۈنى 15:02:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇتىمىنى ئوقۇپ ئۆزەمنىڭ ھازىرغىچە شۇ كۇچىغا ئاياغ باسمىغانلىقىمدىن تۇلۇمۇ پەخىرلەنمەكتىمەن.ھەي ئۇلۇغ ئاللا سىنىڭ ماڭا توغرا يول ئاتا قىلغىنىڭغا مىڭ مەرتىۋە شۇكرى . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەزىزتارىم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-يىلى 12-ئاينىڭ 26-كۈنى 15:04  


مۇنبەر مەسئۇلى

نازارەتچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
424 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 27-كۈنى
نادىر
0
يازما
886

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 27-كۈنى 00:00:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
2004-يىللىرى بىرنەچچە بالا ئاشۇ بازارنى تازىلايدىغان بۇلىۋالغان. كۆرگەن؛ا يەردە دەسلىۋىدە چىرايلىق تەربىيە قىلاتتۇق، ئۇنىمىسا ئۇراتتۇق، بىزنىڭ بۇنداق قىلىۋاتقىنىمىزنى كۆرۈپ بىزگە قېتىلىدىغانلار ئاۋۇپ قالدى، كىيىن كەچ تەرەپلەردە تىزسۈرئەتلىك يول بۇيىغا چىقىۋالغانلارنى قوغلايدىغان بۇلۇپ قالغان.كىيىنچە بۇ ئىشلارغا ساقچى ئارلىشىپ قېلىپ ئىككىن كۈن سۇلىنىپ چىققاندىن كىيىن توختاپ قالدۇق بۇيەردىكى ئالامەت ئىشلارنى سۆزلىگىلى تۇرسا توم كىتاپتىىن بىرسى پۈتۈدۇ.
ئاشۇ دۇختۇرخانىنىڭ يېنىدا بولغان بىرئىش زادىلا ئىسىمدىن چىقمايدۇ.
شامغا يېقىن ئىككەيلەن ئۈتۈپ كىتىۋېتىپ خېرىدار ساقلاپ تۇرغان ئىككى ئايالنى كۆرۈپ يېنىغا بېرىپ تەربىيە قىلدۇق، بىرى بۇرنىنى ئۆرۈپ« سەندەك ئاخۇنۇمدەك سۆزلەپ قۇيۇپ بارچە بۇزۇقچىلىقلارنى قىلىدىغانلارنى جېق كۆرگەنمەن، مەقسىدىڭ گەپ قىلىپ ئاخىرى بىكاغا ئوينىماقچىغۇ » دەپ قۇيۇپ كىتىپ قالدى. يەنە بىرى بېشىنى كۆتۈرمەي تۇردى ئۇنىڭغا بىرمۇنچە سۆزلىسەك « مىنىڭ بۇنداق ئىشنى ھەرگىز قىلغۇم يوق. ئىرىم ئەتە يۇرتقا ماڭماقچى ئىدى، شۇڭا پۇل تېپىپ كىر دەپ چىقارتقان» دىسمەسمۇ، بېشىمىزدىن تۈتۈن چىقىپ كەتتى. 100 كوي پۇل بىرىپ قايتۇرۋەتتۇق، ئىككىنچى چىقمايدىغانغا ۋەدە قىلىپ كىرىپ كەتتى.
قىسمەت بلوگىغا يوللانغان ئىنكاس

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
1429 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
3556

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 27-كۈنى 10:55:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئۈرۈمچىدە تۇرۋاتقىنىمغا بەش يىلدىن ئاشقان بولسىمۇ، بۇ شەھەردە، يەنە كېلىپ شەھەرنىڭ ئەڭ ئاۋات بازىرىنىڭ يېنىدا بۇنداق <بازار> نىڭ بارلىقىنى زادىلا ئويلاپ باقماپتىكەنمەن، بۇ قېتىم دوختۇرخانىغا كىرگەندىن كېيىن يېنىمدىكى ياتاقدېشىمدىن بۇنى ئاڭلاپ،  مەن بۇنىڭدىن بۇرۇن بىر نەچچە قېتىم دوستلىرىم بىلەن ئۇچرىشىش ئۈچۈن بىلىپ- بىلمەي شۇ دوختۇرخانىنىڭ ئالدىدا ساقلاشنى ئېيتسام:
- ۋاي توۋا دە، ھەرگىز ئۇ يەردە تۇرۇپ قالما.......،دىگەن سۆزىنىڭ مەنىسىنى ئەمدى بىلگەندەك بولدۇم.
مەن بىرىنچى كۈنى ئاغىرىق دەستىدە نەدىن ماڭدۇق، كىملەر ئالدىمىزغا كەلدى ھېچنەرسىنى بىلمەپتىمەن، ئارىدىن ئىككى كۈن ئۆتكەندە يېنىمدىكى ياتاقدىشىم ۋە دوستۇم ئىككىسىنىڭ ياتاق دەرىزىسىدىن سىرتقا قاراپ كىملەرنىدۇر تىللاۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ:
- قارىڭە، ئاۋۇ ئىككى قىز كېلىپ ئۇزۇن تۇرمايلا خېرىدارى چىقتى بولغاي، شۇنداڭ خوشال ماڭدىغۇ، ئاۋۇ بۈدرە چاچلىقى ئەجەپ ئەيلىنىپ قالدى، توۋا... بۇلار مۇشۇنى ئۆزىگە بىر كەسىپ قىلىۋالغان ھە؟! دىگەن سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، ھېچنەرسىنى ئاڭقىرالماي تۇرۇپ قالدىم.
- نىمە دىيىشىۋاتىسىلەر دىدىممەن، ئاخىرى تاقەت قىلالماي.
-ئاۋۇ تۆۋەندىكى <بازار> دىكىلەرنىڭ گېپىنى قىلىشۋاتىمىز، قارا بۇنداق چاغدا بۇ يەر قىزىپ كېتىدىكەن ئەمەسمۇ، توۋا دىمىسە بىكار، توۋا...دەپ ياقىلىرىنى چىشلىشىپ كەتتى، ئۇلار.
- مەن ئاستا ئورنۇمدىن تۇرۇپ تۆۋەنگە قارىدىم، تۆۋەندە  بىر نەچچە ياش قىزلار، ئوتتۇرا ياش چوكانلار ئۇ ياق بۇ ياققا مېڭىشىپ تۇراتتى، ئۇلار يىراقتىن شۇ تەرەپكە كېلىۋاتقان ئەر زاتىنى كۆرسىلا ئاستا شۇ تەرەپكە قاراپ ماڭاتتى، ئۇ ئەرلەر كېلىپ ئۇلار بىلەن شۇنداق قىزغىن پاراڭلىشاتتى، بەزەنلىرى شۇ يەردىكى ھەممىسى بىلەن شۇنداق پاراڭلىشاتتى، نىمىلەرنىدۇر تالىشاتتى، يانچۇقلىرىدىن پۇل قاپچۇقلىرىنى ئېلىپ كۆرسىتىشىپ كېتەتتى... ئىشقىلىپ شۇنداق نۇرغۇن ئىشلار بولۇپ بەزى ئاياللار شۇ ئەرلەرنىڭ كەينىدىن مېڭىشاتتى، بەزىلىرى يەنە شۇ جايىدا قالاتتى. مەن بۇ مەنزىرىلەرنى كۆرۈپ كۆز ئالدىمغا كنولاردىكى ھېلىقىدەك كوچا كۆز ئالدىمغا كەلدىدە، ئەندىكىپ كەتتىم، پۈتۈن بەدىنىم مۇزدەك تەرلەپ كەتتى، كارۋېتىمغا كېلىپ ئولتۇرۇپ قالدىم، مەن ئاغىرىقىمنى پۈتۈنلەي ئۇنۇتقان ئىدىم.
شۇ كۈندىن باشلاپ كۈندە سائەت 7 لەر ئەتتىراپىدا بىلىپ - بىلمەي بۇ < بازار> نى كۈزىتىدىغان بولۇپ قالدىم، بۇ ھەرگىزمۇ ئۇلارنىڭ تاماشاسىنى كۆرۈش ئۈچۈن ئەمەس ئىدى، مەن بۇ مەنزىرىلەرنى كۆرگەندىن كېيىن ئىچىم ئاچچىق بولۇپ كېتەتتى، ئالدىمغا كەلگەن تاماققا قاراپ ئۇزۇندىن- ئۇزۇن ئولتۇرۇپ كېتەتتىم. ئۇ يەرگە كېلىۋاتقان < خېرىدار> لارغا قاراپ شۇنچىلىك لەننەتلەرنى ئوقۇيتتۇم. بىر كۈنى يەنە شۇ ۋاقىتتا سىرتقا قارىدىم، قارىدىميۇ، كۆزۈمدىن ئىككى تامچە ياش سىرغىپ چۈشتى. 19-20 ياشلار چامىسىدىكى ئىككى قىزچاق شۇ كوچىغا كىردى، مەن باشتا بۇلارنىڭ كىيىنىشى ۋە بېشىدىكى ياغلىقىغا قاراپ، يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان يولۇچى چېغى دەپتىمەن، ئەپسۇس، ئۇلار كېلىپ ھەمراھلىرى قاتارىغا كېلىپ بەش مىنۇت ئۆتمەستىن دادىسىدەك بىر ئەر ئىككى قىز بىلەن بىر نىمىلەرنى سۆزلىشىپ ئىككىلىسىنى تەڭلا باشلاپ ماڭدى، قىزلار شۇنچىلىك خۇشال ئىدىكى قارىماققا ئۆز ئىپپىتىنى سېتىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئەڭ ئۇلۇغ بىر ۋەزىپە ئۆتەش ئۈچۈن ماڭغاندەك كۆرۈنەتتى.
ئارقىدىن كۆزۈم قولىدا ئاق سۇلياۋ خالتا كۆتۈرۋالغان بىر بوۋايغا چۈشتى، دەسلىپىدە بۇ بوۋاينىمۇ يولۇچى دەپ ئويلىغان ئىدىم، لېكىن مېنىڭ بۇ پەرىزىممۇ خاتا چىقتى، بوۋاي ناھايتى بىچارە ھالەتتە شۇ كوچىدىكى ھەممىسى بىلەن سۆزلەشتى، بەلكىم باھاسىدا كېلىشەلمىگەن چېغى ئاخىرى كەتتى، لېكىن يىگىرمە مېتىرچە مېڭىپ بولۇپ يەنە ئارقىسىغا قايرىلىپ قايتىپ كېلىپ ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ياشقا چوڭراق بىرى بىلەن(ئۇ ئايال45-50 ياش چامىسىدا كېلەر بەلكىم)خېلى ئۇزۇن دە تالاش قىلدى، بۇ بوۋاينىڭ بۇ بىچارە تۇرىقىغا قاراپ شۇنچىلىق ئىچىم سېرىلدى، سېرىلسا قانداق قىلاتتىم، يا مېنىڭ قولۇمدىن بۇ < بازار> نى تاقىۋېتىش كەلمىسە، ئۇلارغا چۈشۈپ چىرايلىق تەربىيە قىلسىڭىز، يۇقۇردىكى تورداشلار دىگەندەك ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق باھانىسى بار، ئۇلار ئۈچۈن بۇ خىل سودا ھەرگىزمۇ بىر نۇمۇسلۇق ئىش ئەمەس بەلكى ئۇلارنىڭ جان بېقىش يولى ئىدى.
ئارىدىن بەش- ئالتە كۈنلەر ئۆتكەندە، دوختۇر مېنىڭ سىرتقا چىقىشىمغا قوشۇلدى، مەن قزىمنى ۋە ياتاقدىشىمنى ئېلىپ سىرتقا تاماق يىيىشكە چىقتۇق، دوختۇخانىنىڭ ئارقا دەرۋازىسىدىن چىقىپ ئازراق مېڭىشىمىزغا بىر سالاپەتلىك ئەر ئالدىمىزغا كېلىپ سەت ھىجايدى، مەن تېخى يېنىمدىكى ياتاقدىشىمنىڭ تونۇشى ھېغى دەپتىمەن، قارىسام بۇ قىز ھېچقانداق ئىپادىسىز كېتىپ بارىدۇ، ئارقىمغا قارىسام بىزدىن باشقا ھېچكىم يوق، دەمالىققا گاڭگىراپ قالدۇق.  ئەمەليەتتە بىز ئۇ < بازار> دىن خېلى يىراق ئارلىقتا ئىدۇق، بىز كىرمەكچى بولغان ئاشخانىغا شۇ يولدىن ئۆتۈشكە توغرا كېلەتتى، ئەمەليەتتىمۇ بۇ يول ئەنە شۇنداق مۇھىم يول ئىدى، ئۆتمەي ئىلاجىڭىز يوق ئىدى، مەن قىزىم دەپ تۇرۇپ گەپ قىلۋاتقىنىمنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ يەنە شەھۋانىلارچە ھىجىيىپ كېلىۋاتقان بۇ ناكەسنى شۇنداق بىر سەتلەپتىمەن، ياتاقدىشىم بىلەن قىزىم  سۆرىگەن پېتى مېنى دوختۇرخانىغا ئەكىرىپ كەتتى، مەن ئۆزۈمنى زادىلا باسالمىدىم، ئاچچىقىمنىڭ قالغىنىنى دەرىزىدىن بېشىمنى چىقىرىپ ئاۋۇ ئاياللارنىڭ، ئانىلارنىڭ يۈزىنى يەر  قىلىۋاتقانلاردىن ئالماقچى بولۇپ تۆۋەنگە قارىسام، تۆۋەندە بىر نەچچە ياش بالا ئۇلارنى قوغلاۋاتقان ئىكەن.
<سىلەرنى تاپقان ئاتاڭلارغا، تۇغقان ئاناڭلارغا بارىكاللا ئۇكىلىرىم، ئاللاھ سىلەرگە ئىككى دۇنيا خاتىرجەملىك  ئاتا قىلسۇن!> دەپ ۋاقىراپ كەتتىم.
بىراق ئارىدىن يېرىم سائەت ئۆتكەندە يىگىتلەر قايتىشتى، قارىغاندا بىر يەرلەردە مارىشىپ تۇرغان چېغى ئۇلارنىڭ كېتىشىگىلا نەلەردىندۇر يەنە پەيدا بولۇپ يەنىلا ئۆز سودىسىنى قىلىۋەردى.
بۇ ئىشلارنى كۆرۈپ قىسمەتكە شۇنداق قايناپ كەتتىم، ۋە بۇ توغۇرلۇق بىر نەرسە يېزىشنى ئېيتتىم، مانا بۈگۈن بۇ يازمىنى كۆرۈپ ئۆزۈمنى باسالماي جىقلا سۆزلەپ كەتتىم، ئەيىپكە بۇيرىماسسىلەر.




مۇنبەرنىڭ يېڭى توپ نومۇرى 241987568

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
260 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 9-ئاينىڭ 12-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى
نادىر
0
يازما
919

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 27-كۈنى 19:14:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
:L  ھەجەپ ئەمەسلا بىرنىم يەۋالغاندەك بولۇپ قالدىمما ````    :نەچچە يۈز مىڭ لەنەت شۇنداق كىشلەرگە  جىق قاينىماي``
ئاخىر زامان بولۇپ قالغان چىغى ``

ھاياتلىق - زىددىيەت ، كېلىشمەسلىك ، شادلىق ۋە قايغۇلارنىڭ مۇجەسسىمىدۇر !!!

مۇنبەر مەسئۇلى

نازارەتچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
424 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 27-كۈنى
نادىر
0
يازما
886

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 27-كۈنى 19:20:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تىما قىسمەت بلوگىغا يوللانغاندا ئېلان بۇلپ قالمىغىيدى  دەپ ئەنسىرەپ قالغان ئىدىم.
بىخەۋەرلەرگە

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
1429 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
3556

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 27-كۈنى 21:45:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
rohqin يوللىغان ۋاقتى  2011-يىلى 12-ئاينىڭ 27-كۈنى 19:20
بۇ تىما قىسمەت بلوگىغا يوللانغاندا ئېلان بۇلپ قالمىغى ...

ئەگەر مۇشۇنداق لەنەتلەر ئىچىدە يېزىلغان تېمىدىن ئېبىرەت ئالماقتا يوق شۇ كوچىغا باشقا نىيەتتە بارغان ئۇنداق ئادەمنىڭ جاجىسىنى ئاللاھ ئىگەم ئۆزى بېرىدۇ، ئىشقىلىپ ئۇلار ھەممىسى ياخشى كۈن كۆرمەيدۇ:Q

مۇنبەرنىڭ يېڭى توپ نومۇرى 241987568

Rank: 1

توردا
0 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 13-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 26-كۈنى
نادىر
0
يازما
255
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى 09:20:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى  تىمكەن   كوڭلۇم  بىر  قىسما بوپ  قالدى  ......
مننڭىچە ھەمىمىز ئوزمىزدىن باشلاپ ھەممىمىز .....ئەشۇنداق  موھىت بلەن ئازراق ئۇچراشساق  بىز  تللاۋاتقان توختماي لەنەت ئوقىۋاتقان ناشايەن كورنۇشەر  تەل  تۇكوس تۇگەپ  كەتمسىمۇ بەلكىم ئزدەپمۇ  تاپالمايدىغان ۋەزيەت بارلققا كىلەرمكىن دەيمەن.........
ئەشۇ لەنەت ئوقوشلار توختماي تىللاشلار ئورنغا مەدىيە سوزلرى ئېنسانى ئەخلاق دۇردانللرى ئاغزمىزدىن توكلۇپ تۇرسا بۇ ھايات تولمۇ مەنىلك بۇ دۇنيا بەكمۇ گۇزەل  بولغان بولاتتى  ھە؟
بىز مۇنازرە تىمسى قىلۋاتقان يۇقۇردكى ئاشۇ  بەندلەرنىڭ ئېتقادىغا چىنلىق،ئېنساۋىغا ھالالىق، ئېمانىغا ئاللادىن بەركەت تىلەيمەن ..


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى 08:07 , Processed in 0.054745 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش